查看完整版本: [-- كازافىي ئەسىرلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> قانۇندىن مەسلىھەت -> كازافىي ئەسىرلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

karakax 2011-06-21 15:22


 


جۇڭشىن تورى21- ئىيۇل تېلېگراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20- ئىيۇل 22 نەپەر  كوللىكتىپ  ئاسيىلىق قىلىپ قاچقان كازافىي بىخەتەرلىك  خادىملىرىنىڭ  دېيىشىچە، ئۇلار ئىلگىرى ئەسىرگە ئېلىنغان لىۋىيە ئۆكچىتىچىلەر  قوراللىق قىسمىدىكى ئەسكەرلەرگە«سوغۇق» مۇئامىلە قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئادەتتىكى جىنايەتچىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى ئۇلارغا قىلمىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ بىخەتەرلىك خادىملىرى ئالدىنقى ھەپتە كازافىي ئارمىيىسىدىن قېچىپ كەلگەن. ئۇلار لىۋىيە ئۆكتىچىلەر ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شىتابى بولغان بەنجاشقا يېتىپ كېلىپ، تەسلىم بولغان. بۇلارنىڭ تۆت ۋەكىلى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىدا ئىتراپ قىلىپ دېيىشىچە، ئۇلار ئۆكتىچى ئارمىيە ئەسىرلىرىگە «جىنايەتچى ھوقۇقى» بەرمەيدىكەن.ئۇلارغا ئازراقمۇ رەھىم شەپقەت قىلمىغان.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، چەتئەل ساھەلىرى لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئېنىق بىلمىگەچكە،  ئۇلار بۇ دېگەنلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن. بىراق،  جىنايەتچىلەر «جەنۋە ئەھدىنامىسى» بويىچە قوغداشقا ئېرىشىشى كېرەك. ھەرقانداق جىنايەتچى ۋە ئەسىر خورلاشقا ۋە ھاقارەتلەشكە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

سايلىق 2011-06-21 18:52
مۇبارەكتەك چىرايلىق چۈشكەن بولسا بۇ ئىشلارمۇ يوق. خەلقنىڭ رايىغا ئىتتىبار بەرمەيدىغانلار ئەۋلىيا بولسىمۇ بەربىر بىكار.

turkizat 2011-06-21 18:58
ئادەم ئەمەس گۇيكەنغۇ بۇ كازافىي كاززاپ

natsist 2011-06-21 19:37
بۇ گەپ راسمۇ يوق كىم بىلىدۇ

جەڭچى 2011-06-22 14:15
مۇستەبىت ئەبلەخ  بۇرمۇنچە خەلىققە زىيانكەشلىك قىلدى ،     

aqkepter 2011-06-22 16:46
ئاخباراتنىڭ كۈچىگە قول قويماي تۇراممىدىم!

0999 2011-06-25 18:04
42 يىلمى ھوقۇق تۇتقان بارما...

nawayi 2011-06-25 18:17
راست-يالغان خەۋەر بولىشىدىن قەتئى نەزەر مۇشۇنداق تارقىتىدىغان، ھەم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەندەك جەزىم قىلىپ پىكىر بايان قىلىدىغان گەپما؟


查看完整版本: [-- كازافىي ئەسىرلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.058518 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us