ئېلىمىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ سۇ بايلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدىكى 30 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان تەتقىقاتىدا ئىلگىرىلەش بولدى. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى مۇزلۇقلار تېز ئېرىپ، مۇزلۇقنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان سۇنىڭ ئېقىم مىقدارى ئومۇميۈزلۈك كۆپەيگەن ھەم تېمپېراتۇرىغا تايىنىشچانلىقى ئاشقان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭنىڭ مۇزلۇق سۇ بايلىقى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. تەتقىقاتچىلار شىنجاڭدىكى 1800 مۇزلۇقنى تەتقىق قىلىپ، ئۆتكەن 26 يىلدىن 44 يىلغىچە بولغان ۋاقىتقىچە، بۇ مۇزلۇقلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %11.7، يەنى ھەر بىر مۇزلۇقنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.243 كىۋادرات كىلومېتىر كىچىكلىگەنلىكىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار مۇنداق قارىدى: تارىم دەرياسى ھەۋزىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇزلۇق سۇ بايلىقى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى بۇ رايونغا ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەلگۈسى 20-40 يىلدا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى باغرىنىڭ سۇ سىستېمىسىدىكى كۆلىمى بىر كىۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدىكى مۇزلۇقلار يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ.

شەرقىي شىنجاڭ ئويمانلىقى سۇ سىستېمىسىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ سانى ئاز بولۇپ، تېز ئېرىۋاتىدۇ، مۇزلۇقلاردىكى ئۆزگىرىش سۇ بايلىقى مىقدارى ۋە يىل ئىچىدىكى تەقسىماتقا تەسىر كۆرسىتىپ، سۇ بايلىقى ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىۋاتىدۇ. مۇزلۇقلاردىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئىلى دەرياسى ۋە ئېرتىش دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ سۇ بايلىقى مىقدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن مۇزلۇقلاردىن ئېرىگەن سۇدىن شەكىللەنگەن ئېقىنلارنىڭ تەڭشەش فۇنكسىيەسىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ جۇغلانما قار سۇ بايلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى شۇنداقلا كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاقىۋىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى