باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8296 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: خارلانغان دوپپا
دوستلىشىش
erpan.0998
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 172
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
ئۆسۈش: 2380 %
مۇنبەر پۇلى: 3431 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 17:56

خارلانغان دوپپا

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-06-21)
بۈگۈن يىقىن بىر دوستۇمنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى .
مەن بۇ مەرىكىگە بالدۇراق بىرىپ دوستۇمغا قارىشىپ بىرىش ئۈچۈن چۈشلۈك تامقىمنى ئالدىراپ يىدىم -دە دوستۇمنىڭ تەكلىۋى بويىچە دوپپامنى كىيىپ ، شىم -كاستۇمنى ئۇچامغا ساپتىمدە تىلفۇن قىلدىم .  
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش ، قانداق ئەھۋال؟
دوستۇم خاپا بولغان ھالدا ؛--ئادۇش!!! باركەنمىز --ھە؟؟؟  < ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ > دەپ يىقىن ئاغىنە بولغاندىكىن بالدۇراق بىرىپ  قارىشىپ بىرەي دىمەي ئەمدى تىلفۇن قىلامسىلە ؟ سىلنىمۇ كۆرۈپ قويدۇق جۇما !!!   
مەن خىجىل بولغان تەلەپپۇزدا ؛--خاپا بولماڭلار ئاداش ، مىنىڭمۇ شۇ ئىشىم ئالدىراش بولۇپ قىلىپ .......مىھمانلار كىلىۋاتامدۇ ؟دەپ سورىدىم .  
--ھەممە مىھمانلار كىلىپ بولۇپ سىلگىلا قاراپ قالدۇق جۇما !تىزراق كىلىڭلار ،سىلە ياردەملىشىدىغان ئىشلار بار .
--مەنمۇ ھازىرلا ماڭاي دەپ تۇرغان ، خوش دىدىمدە تىلفۇننى قويۇپ سىرىتقا چىقىپ تاكسى توستۇم .
مەن < قوش ئامەت رىستۇرانى > غا كىلىپ دوستۇم بىلەن كۆرۈشتۈم .
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش ، مۇبارەك بولسۇن .
---ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . رەخمەت ئاداش .ھەر نىمە بولسا  كەلدىڭ . قىنى زالغا كىرىلى !
مەن رىستۇراننىڭ ئىچىگە كىردىم . قارىسام كەلگەن مىھماننىڭ تايىنى يوق ، بەزى ئۈستەللەردە بىر-ئىككىدىن ئادەم ئولتۇراتتى .   
--ئادوش !!1 قىنى مىنىڭ يولۇمغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەن مىھمانلار ؟ دىدىم تەنە قىلىپ .   
--ئاشۇنداق دىمىسەم كەچتە كىلىسىلە  ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ . بىلمەمدىم مەن سىلنى ؟دىدى ھىجيىپ تۇرۇپ.  
بىز پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق ، دوستۇمنىڭ بىر جۇپ ئوغلى كىلىپ قالدى .---ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىدى چوڭ ئوغلى
ئارقىدىنلا كىچىكىمۇ ئاكىسىنى دوراپ قولىنى تەڭلىدى .
--ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . نىمانچە ئوماق بولۇپ كەتتى بۇ بالىلار ؟؟   
دوستۇم بۇ بالىلارنى ھەقىقى مىللى خاسلىقىمىز بىلەن كىيىندۈرگەن بولۇپ  ئوخشاش دوپپا ، ئۇچىسىغا مىللى قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان كانىۋاي كۆينەك ، قارا شىم -كاستۇم كىيگۈزگەن بولۇپ بۇ بالىلارغا ئۆزىمىزگە خاس بۇ كىيىم -كىچەكلەر بەكمۇ ياراشقان ئىدى .   
--ئەسسالام   دىگەن زىل ئاۋاز بىلەن ئارقامغا بۇرۇلدۇم .
قارىسام دوستۇمنىڭ ئايالى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .
--ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! تونىيالمايلا قالدىمغۇ؟؟؟
مەن بۇ خانىم بىلەن ئامان -ئىسەنلىك سوراشقاندىن كىيىن ---ھەي ئۆزىمىزنىڭ بۇ يارىشىملىق كىيىملىرىمىزگە نىمە يەتسۇن ؟؟؟؟؟؟ دوپپا ،ئەتلەس كۆينەك سىزگە بەكلا يارىشىپتۇ .دىيشىمگە ؛--مۇشۇ ئاغىنىڭىز زورلاپ كىيگۈزدى دەڭا ! ئۇنداق بولمىغان بولسا مىنىڭ ئەسلىدە تاللىغان كىيمنى كىيگەن بولسام دوسىت -دۇشمەنلىرىمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن بولاتتىم .
دوستۇمنىڭ ئاچچىغى كەلدى بولغاي ؛--ھىلى بىكار ،جۇما  ! بىر چىرايلىق ئۆزىمىزنىڭ كىيىملىرى تۇرسا ، يەنە نىمنى كىيەتتىڭ ؟؟ خوتۇن خەق دىگەننىڭ چىچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دىگەن شۇ --دە .ھەي بىز قانداق كىيىنسەك   
پەرزەنىتلىرىمىزمۇ شۇنداق كىيىملەر بىلەن چوڭ بولىدۇ .ئۆزىمىز توي تۆكۈنلەردە ياۋرۇپا پوسۇنىدىكى يىرىم -يالىڭاچ بىر نىملەرنى كىيىمىزۇ --يەنە ئەۋلاتلاردىن نىمە دەپ ئاغرىنىمىز ؟ ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا نىمە ھەققىمىز ؟
مەن دوستۇمغا تەسەللى بىرىپ --بولدى قىلە ئاداش .ئاۋال توي تۈگسۇن قالغان گەپلەر كىيىن بولسۇن دەپ دوستۇمنى سىرتقا ئىلىپ چىكەتتىم .
دوستۇم سىرىتقا چىقىپ بىر تال تاماكا چىكىپ جىلە بولغان ھالدا؛ ھەي  مۇشۇ خوتۇن خەقنىزە !!! ئۆزىنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى  ، ئەنئەنىۋى كىيىملىرىمىزنى  مەسخىرە قىلغان ئادەم بىلەن دوئىلغا چىققۇم كىلىدۇ مىنىڭ .   
--بولدى قىلە ئاداش! خوتۇن خەق بىلەن تەڭ بولماي . قىنى دىگىنە بۈگۈن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار ؟
-- ئۈلۈشكۈن سىلە بىلەن دىيىشكەنگە ئوخشاش . مەن كىلدىغان مىھمانلارنىڭ سانىنى ئۆلچەم قىلىپ 100 دانە ئەر-ئايالچە دوپپا تەييارلىدىم .مەرىكىگە كەلگەن مىھمانلارغا ئۆز قولۇم بىلەن كىيدۈرۈپ ، ئۇلارغا مىللى خاسلقىمىزنى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلدۇراي دەيمەن .خوتۇنغىمۇ مەجبۇرلاپ يۈرۈپ بۇ كىيىمنى كىيگۈزدۈم .
مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن قاتتىق خۇشال بولۇپ ؛-يارايسەن ئاداش ! ئاخىرى ئۆزۈڭ ئويلىغان ئىشتىن بىرنى قىپسەن .ئەتلەس كوينەك ، دوپپا --ئەجداتلىرىمىزنىڭ مىراسى . قىز -ئاياللىرىمىزنىڭ جۇلاسى ئەمەسمۇ ؟؟؟
--توغرا دەيسەن . دىدى دوستۇم مۈرەمنى شاپىلاقلاپ ؛-مىھمانلار كەلگىلى تۇرۇپتۇ .بىز ئىچىگە كىرىپ دوپپىلارنى تەييارلايلى دىدى .
بىز زالغا كىرىپ يىشكتىكى دوپپىلارنى ئىلىپ تەييار قىلدۇق .مىھمانلار بىر-بىرلەپ كىلىشكە باشلىدى .دوستۇم مىھمانلار بىلەن كۆرۈشكەچ بىشىغا دوپپا كىيدۈرۈپ زالغا باشلايتى .
مەن يەنە بىر يەشىك ئايالچە دوپپىلارنى دوستۇمنىڭ ئايال نەفىسە خانىمغا ئىۋەتىپ بەردىم .ئايال مىھمانلارنىڭ خىلى كۆپ قىسمى كالتە چاچ ، چاچلىرىنى ھەر خىل رەڭلەردە بويىۋالغان بولۇپ بىشىغا كىيدۈرۈپ قويغان دوپپا ئۇلارغا قەتئى ياراشمىغاندەك قىلاتتى .بۇ ھالەت ماڭا چەتئەللەردىن كەلگەن چەتئەللىك مىھمانلارغا ھۆرمەت سۈپتىدە دوپپا كىيدۈرۈپ قويغان مەنزىرىنى ئەسلىتىپ قويدى ،
مىھمانلار ئاياغلاشقان بولسا كىرەك دوپپىلارمۇ تۈگەپ قالغان ئىدى .  
مەن زالغا كىرىپ دوسىتلىرىم ئولتۇرغان ئۈستەلگە كەلدىم . ھەممىمىزنىڭ بىشدا دوپپا ، چىھرىدە كۈلكە .
مەن بۇ مەنزىرلەردىن زوق ئىلىپ بىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنىڭ شاھىدى بولغان دوپپىغا بولغان ھۆرمىتىم تىخىمۇ ئىشىپ كىتىۋاتاتتى .
ئولتۇرغان ئاغىنلەردىن بىرسى ؛--مەرىكە باشلىنىشقا خىلى ۋاقىت باردەك قىلىدۇ .ناماز ئوقۇيدىغانلار سىرىتقا چىقىپ ئوقۇپ كىرەيلى دىدى .   
بەش-ئالتە يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ساھىپخاندىن سوراپ سوراپ سىرتقا مىڭىشتى.
ئۈستەلدە دوستۇم ،مەن ،يەنە بىرەيلەن ئۈچىمىزلا قالدۇق .دوستۇمنى بىرسى چاقىرىپ سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ كەتتى .   
مەن ئۆزۈم يالغۇز بىر ئاز زىرىكىپ ئەتراپتىكى ئاياللار ئولتۇرغان ئۈستەلگە قارىدىم .بىز سوۋغا قىلغان دوپپىلار بەزىلەرنىڭ بىشىدا ،بەزىلەرنىڭ قولىدا ، بىر قانچە دوپپا تاماق شىرەسى ئۈستىدە تۇراتتى .   
ئاياللارنىڭ بىر قانچىسى باشلىرىنى بىر يەرگە يىغۋىلىپ پارڭلىشىۋاتقان بولسا كىرەك نىمگىدۇر خۇشاللىغىنى باسالماي ھىجىيشىپ كۈلۈشەتتى .
يان تەرەپ ئۈستەلدىكى ئاياللارنىڭ يۇقۇرى ئاۋازلىق  پاراڭلىرى قۇلقىمغا كىرىشكە باشلىدى .  
--ھەي نۇربىيە ئاداش ! دوپپىنى بىشىڭغا چۆكۈرۈپ كىيىپ ئولتۇرۇپ كىتىپسەنغۇ سەھرالىقتەك ؟؟؟دىدى چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭلەردە بويىۋالغان  كالتە چاچ سىمىز ئايال.
--ئاداش  مازاق قىلمىغىنا ! بۇمۇ دوستىمىزنىڭ كۆڭلى ئەمەسمۇ ؟ بىزنى ئەزىز مىھمىنى بىلىپ بىشمىزغا قوندۇرۇپ قويسا ئىلىۋەتسەم سەت بولار ؟؟؟
--مۇشۇ ئالتە كويلۇق دوپپىنى بىشىمىزغا قوندۇرۋىلىپ ھىلى سورۇندا پىرقىراپ يۈرسەك بىزگە چىرايلىق تۇرارمۇ خان؟؟؟ دەپ تەنە قىلدى سىمىز ئايال .
--ھەجەپ سەن مۇشۇ دوپپا بىلەن بىلەنلا قالدىڭغۇ ئاداش ؟ قارا نەفىسە دوسىتىمىزغا ، ئەتلەس كوينىگى ، دوپپىسى بەكلا يارىشىپتغۇ ؟ خۇددى توزدەكلا .دىدى نۇربىيە ئىسملىك ئايال .  
---سەن بەك مەتۇ جۇما ئاداش ! دىدى سىمىز ئايال سەت ھىجىيىپ ؛--ئۇنىڭ كىيۋالغان دوپپىسىغا قارىما .دوپپىسىغا ئايلاندۇرۇپ ئورناتقان قاداق ئالتۇنلارغا قارا !ئاشۇ دوپپىدىكى ئالتۇنلارنىڭ باھاسىلا 10 مىڭدىن ئاشىدۇ دوستۇم . ئۇ ئاشۇ ئالتۇنلىرىنى كۆز-كۆز قىلىمەن دەپ دوپپا كىيمىسە تارىخىدا ئۇ قاچان دوپپا كىيىپ باققان؟؟؟  
--ئۇغۇ راسىت دىدى نۇربىيە ئىسىملىك ئايال سولاشقان ھالدا بىشدىكى دوپپىنى بىشىدىن ئىلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدى .
بۇ پاراڭلاردىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ بىر -ئىككى ئىغىز تىللىغۇم كەلدى . بىراق ئۆزىنىڭ مىللى خاسلىقىنى ، مىللى كىملىگىنى ئاللىقاچان يوقۇتۇپ قويغان بۇنداق ئادەملەرگە ئارتۇقچە سۆز بىھاجەت بولسا كىرەك .   
سەھنىدە رىياسەتچى قىزنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن قاينام -تاشقىنلىق ناخشا ساداسى باشلىنىپ كەتتى .ناخشا ساداسى قۇلاقنى ياراتتى .
توۋا!!!!!! دىدىم ئىچىمدە .ناخشا -مۇزىكا ئەسلىدە ئادەمگە ھوزۇر ، غەمكىن كۆڭۈللەرگە شاتلىق ئاتا قىلاتتى .  
لىكىن بۇ ناخشا -مۇزىكىلار ئادەمنىڭ تىنىچ ، نۇرمال نىرۋىلىرىنى چارچىتىپ ئەسەبىلەشتۈرۋىتەتتى .  
ناخشا باشلىنىش بىلەنلا ئۈستەل-ئورۇندۇقلاردىكى خانىم -قىزلار مەيداندا ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .   
باياتىن ناماز ئوقۇشقا ئالدىرىغان يىگىتلىرىمىزمۇ ناخشا مۇزىكىنىڭ سىھرى كۈچىگە بەرداشلىق بىرەلمەي مەيداندا پىرقىراپ يۈرۈشەتتى .
رىستۇراننىڭ زالى ئۇسۇل ئوينىغانلارنىڭ كۆپلۈگىدىن كىچىكلىك قىلۋاتاتتى .مەن بۇ يەردە <مىللىتىمىزنىڭ ناخشا -ئۇسۇلغا ماھىرلىغىنى ، دىيارىمىزنىڭ ناخشا -ئۇسۇل ماكانى > ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم .  
ئۇسۇلغا چۈشكۈچىلەر قولىنى كۆتۈرسە چۈشۈرۈلمەي ، قولىنى چۈشۈرگەنلەر چىقرالماي مەيداندا قىستىلىشىپ يۈرەتتى .قىستاڭچىلىقتا بەزىلەرنىڭ قوللىرى يەنە بەزىلەرنىڭ ئاللىقانداق يەرلىرىگە تىكتىپمۇ قالاتتى  .
مەن بۇ ئەبجەش ئوينالغان ئۇسۇللاردىن بىزار بولۇپ باشقا ياققا قارىدىم ،قاراپلا چۈچۈپ كەتتىم .ئۇدۇلدىكى ئادەمسىز شىرەلەرنىڭ ئاستىدا بىر قازچە دوپپا تاشلىنىپ تۇراتتى .تاماق توشقۇزىۋىتىلگەن شىرەلەردىمۇ بىر -ئىككى دوپپا تاماق ئىشىندىلىرى يىنىدا خورلانغان ھالدا تۇراتتى .
بۇ ئۈستەللەرنىڭ < ئەزىز > مىھمانلىرى ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .
مەن دوستۇمنى چاقىرىپ شىرە ئۈستىدىكى ۋە ئاستىدىكى خارلانغان دوپپىلارنى كۆرسەتتىم .
دوستۇم بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى . بىز بۇ دوپپىلارنى بىر -بىرلەپ تىرىپ قاتلاپ يىشىككە سالدۇق .دوستۇم سىرىتقا چىقىپ تاماكىسىنى قاتتىق شوراشقا باشلىدى .دە--مۇشۇنداق خەقنىمۇ ھۆرمەتلەپ دوپپا سوۋغا قىپتىمەن .   
ئىسىت !!! سورۇندىلا بىر تىللاي دەپ ئويلىغان . ئۆزەمنى بىسۋالدىم .دىدى دوستۇم  ئاچچىغىنى باسالماي .
--ئاداش ! بىز خاتا قىپتۇق ! دىدىم مەن ھەسرەت بىلەن ؛---ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگى ، مىللى ئۆرپ-ئادىتى، شەرمى -ھايا ، ئەخلاقىنى يوقاتقان ئاشۇنداق بىر قىسىم مىھمانلارغا ئۆزىمىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى بولغان دوپپىمىزنى سوۋغا قىلىش --ئەڭ زور خاتالىق .  بۇ خۇددى تىزەككە قىزىل گۈل سانجىپ قويغان ئىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس !!! دىدىم ئاچچىغىمدا .
قارا ئاداش !مىھمانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس .شەرمى -ھايا ،ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان يىگىتلىرىمىز ، قىز -ئاياللىرىمىز بۇ ئەزىز دوپپىدىن پەخىرلىنىپ بىشىدىن ئالماي كىيپ ئولتۇرۇپتۇ .دىدى دوستۇم مەمنۇن بولغان ھالدا؛
--بۇنىڭدىكى ئاسالىق سەۋەپ يەنىلا ئائىلە تەربىيسىدە دىدىم دوستۇمغا قاراپ ؛--باياتىنقىدەك ئۆزىنىڭ ئەجدات مىراسى بولغان دوپپىنى مازاق قىلىپ ، ئۆز كىملىگنى ئۇنتۇپ چاچلىرىنى ھەرخىل بوياپ ئالۋاستىلارچە  
ياشاۋاتقان ئاشۇ خانىملار ---مىللى ئەخلاققا ، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە پەرۋاسىز قارايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئاتىلارنىڭ ، ئانىلارنىڭ ،ئەرلىك غورۇرى بارغانچە يۇقاپ كىتىۋاتقان ئەرلىرىمىزنىڭ مەھسۇلى .  
ئەڭ ئىچىنارلىغى ،مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرى . بۇ ئەۋلاتلار  بىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىۋى مىللى ئەخلاقىمىزدىن مۇستەسنا ھالەتتە ياشايدۇ .    
ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگىنى ئاتا-ئانىلىرى ئاللىقاچان يۈتتۈرۈپ قويغان تۇرسا ، بۇ كىملىكنى ئەۋلاتلىرىدىن ئىزلەپ تىپىش مۆمكىنمۇ؟؟؟؟
دوستۇم بۇ سۆزۇمنى ئاڭلاپ ؛--توغرا دەيسەن دوستۇم دەپ مۈرەمگە شاپىلاقلىدى .   
بۇ مەرىكىدىن رايىم يانغان ھالەتتە قايتتىم .
يازمامنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق مۇراجەت قىلغۇم كەلدى .  
--ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىيىملىرىمىزنى قەدىرلەيلى .ئەۋلاتلىرىمىز مىللى خاسلىقتىن ئايرىلىپ قالمىسۇن .   
ئەۋلاتلىرىمىز دوپپىمىزنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان ، قەدىرلەپ كىيدىغان بولسۇن .   
بىز پەقەت مىللى كىملىگىمىزنى ئاشۇ دوپپا ئارقىلىقلا نامايەن قىلالايمىز .  
  
مەنبە ؛  ئۆزەم    ئىبراھىمجان ئىرپانى
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) ئىجادىي يازم ..
  • << بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
    www.1miskal.com
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2097
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2097دانە
    ئۆسۈش: 5500 %
    مۇنبەر پۇلى: 15839 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-08
    ئاخىرقى: 2012-05-10

    erpan.0998؛يازمىسىغا

    ھەي بىچارە بايقۇشلا  .........قوش ئامەت رىستورانى دىگەن ھاراق شاراپ ئىچىش ناشايان ئىشلاردا قەشقەرگە باشلامچى بولىۋاتقان نىجىس ئورۇن تۇرسا دوپپا ئەمەس ئۆزۇڭلار خورلىنىپ شىرە ئاستىغا كىرىپ قالمىغانغا خوش بولساڭلار بولىدۇ ،خاسلىقنى ياخشى كۆرىدىغان مۇسۇمان ھاراقخانىغا مىھمان باشلامدا ؟خاسلىقنى رىستۇراندا تەشۋىق قىلامدا ؟ئۇنداق ئىشلارنى رىستۇراندا تەشۋىق قىلسا ئۇنۇمى بولامدا ؟ئۇنداق يەرگە باشلىغان مىھمان ھاراق ئىچمىسىمۇ ئىچكەنگە ئوخشاش ،خاسلىقنى رىستۇراندىن ئىزدەيدىغان ،رىستۇراندا تەشۋىق قىلىدىغان بىچارىلەر..........كاللاڭلىنى سىلكىڭلا تويتۆكۇن مىھماندارچىلىق ئىشلارنى توغرا يوسۇندا پاكىز ئۆتكۇزسە دوپپا كەيگىنى ياخشى، كەيمسىمۇ خاسىق ساقلىنپ قېلىۋىردۇ .ۋەقەلىك توقۇلما بولسىمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلىغا تەۋسىيە.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7728
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 65
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
    ئۆسۈش: 210 %
    مۇنبەر پۇلى: 859 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-04
    ئاخىرقى: 2012-03-18
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 00:48

    مەن قېرىندىشىمىز نىدا0998 نىڭ ئىنكاسىغا ئاۋاز قوشىمەن .   گەرچە ۋەقەلىكتە دوپپا خارلانغان بولسىمۇ ئەمما ماھىيەتتە خارلانغىنى  ساھىبخاننىڭ «مىللى خاسلقىمىزنى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلدۇرۇش» يۇلىدا مىھمانلارغا سۇنغان كۆڭلى بولۇپتۇ . چۈنكى بۇ كۇڭۈل ناتوغرا ئۇرۇندا ناتوغرا ئادەملەرگە سۇنۇلۇپتۇ .  بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۈكىنى جۇملىدىن  مىللى خاسلىقنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن «ئىتقاد »ھىچ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلدۇر .     ۋەقەلىكتىكى سالۋا چاچ «خانىم»لار_ ئەڭ  زۆرۆر ۋە ئەقەللى بولغان  مۇسۇلمانداچىلىقتىنمۇ چەتنىگەن (ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆزلىرىچە قالتىس مۇسۇلمان بولىشى مۇمكىن) ،ھاياتىنىڭ ،قىلمىش ئەتمىشلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى جەزمەن سورىقى بولدىغانلىقى ناھايتى روشەن تۇرسىمۇ  ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي يۇرگەنلەر ،بۇنداق سورىقى بولمايدىغان خاسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلەرمۇ.؟؟؟؟
      ئاپتۇر يازمىسىنىڭ ئاخىرىدا يازمىسىنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق مۇراجەت قىلغۇسى كىلىپتۇ :  
    --ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىيىملىرىمىزنى قەدىرلەيلى .ئەۋلاتلىرىمىز مىللى خاسلىقتىن ئايرىلىپ قالمىسۇن ..
    مەن بۇ يەردە شۇنداق مۇراجات قىلغۇم كېلىدۇكى :
    ئۈزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنى (اللە نىڭ بىزنى مۇسۇلمان قىلىپ ياراتقانلىقىنى )قەدىرلەيلى . دىنىمىزغا مەھكەم ئېسىلايلى ،ئەۋلاتلىرىمىزنى ئىمان ئىنساپىلىق ،ئۆزىنى (ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى )ۋە دىنىنى چۈشىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيلى .دىن ئىماندىن مۇستەسنا ھالدا مىللى خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئاخىرقى ھېساپتا مۇمكىن بولمايدىغان ئشتۇر . ئىمانسىز ھۆكۈمرانلارنىڭ  ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن  خەلىقىنى ئامالنىڭ بارچە دىندىن يىراقىلاشتۇرىشى ھەرگىزمۇ  ئۆزىنىڭ ھۆكىمرانلىقى ئاسىتىدىكى (يەنى ئۆزىدىن «پەس»تۇرىدىغان)خەلىقىنىڭ ئاخىرەتتە يۇقىرى مەرتىۋىلىك  جەتتنەتكە كىرىپ ئۆزىدىن ئېشىپ كىتىشىگە ھەسەت قىلغانلىقتىن ئەمەس .(چۈنكى ئۇلار  ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ ). بەلكى  ئىتىقاتتىن ئايرىش ئارقىلىق ئاستا ئاستا مىللى خاسلىقنى يوقىتىش ،ئاخىرى بېرىپ ئۆزلىرىنى يەكلىمەيدىغان قىلىپ ئاسسملاتسىيەلەشتۇرۋىتىش. .
    قېرىنداشلار  ئەگەر بىز دىنغا مەھكەم ئېسىلساق ئىدۇق ھىچ خارلىققا قالماستۇق  ،ھىچ نەرسىمىزنى يوقاتمىغان ،يوقىلىشىدىن ئەنسىرمىگەن بولاتتۇق ، ئىمان بىر دەرختۇركى ،تەۋھىد(اللەنىڭ  بار ۋە بىرلىكى)نى ھەقىقىى ماھىيتى بىلەن بىلمەك ئۇنىڭ يىلتىزىدۇر . بىز تەكىتلىمەكچى بولغان مىللى خاسلىق بولسا شۇدەرخنىڭ بىر تال شېخى خالاس . دەرەخنىڭ قۇرۇپ كىتىپ بارغىنى بىلەن كارىمىز يوق،شېخىنىڭ يىشىللىقىنى ساقلايمەن دەپ يۇرسەك بۇ ئەقىلغان ئۇيغۇنمىدۇ؟؟...............      
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(saifulla) قوللايمەن
  • مۇنبەر پۇلى:+1(fatih204) توغرا گەپ
  • دوستلىشىش
    ئۆرتەنىم
    ئابدۇللا
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7888
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 34
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 355 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-15
    ئاخىرقى: 2011-06-30
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 02:41

    ياخشى ھىكايە    لىكىن بىرەر كۆز قاراش ياكى ئەنئەنە بىلەن توغرا يول تاپقىلى بولمايدۇدە...
    ئاللاھىم مەغپىرەت قىلغىن،،،گۇناھتىن قول ئۈزىمىز،رەھمىتىڭدىن ئۈمۈدلىنىمىز،،،،،،،،
    ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 226
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
    ئۆسۈش: 390 %
    مۇنبەر پۇلى: 2761 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2012-05-10
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 07:32

    ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
      بېشىمىزدىكى ياغلىق خارلىنىۋاتسا دوپپىنىڭ خارلىنىشى ئادەتتىكى ئىشمىكى دەيمەنغۇ؟؟بۇ تىمىدا مىللەتچىلىك تەرغىپ قىلىنغاندەكمۇ ھىس قىلىپ قالدى. پەرزەتلىرىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال مىللى روھ بىلەن ئەمەس بەلكى ‹رەببىگە قۇلچىلىق قىلىش روھى›دە تەربىيلىسە قالدى ئىشلار تەبىئيلا تۈزۈلۈپ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، نەدىن كىلىپ، نەگە قايتىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. ئاشۇنداق ئىشرەت بەزمىلىرىدىكى بۇزۇقچىلىق، ئىسراپچىلىقلاردىن خالىي تۇرالايدۇ.......
    ئىھ، ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەرگە شۇنداق مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلغىنكى بۇ ئىمان بىلەن بىزدىكى ‹مۇسۇلمانلىق دەۋاسى› ئۆزلىكىدىن يوقالسۇن!پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىپ سەندىنلا ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلار سېپىشا ئۆتۈشكە نىسىپ بولسۇن!ئاتا-ئانىللىرىمىزنىڭ دىلىغا ئىنساپ بىرىپ، ئۇلارنى ھەق يولىڭدا مۇستەھكەم، ئازماي-تالماي مېڭىشىغا، پەرزەتلىرى ئۈستىدىكى ھەقنى ياخشى ئادا قىلىشىغا، پەرزەتلەرنىڭ ھەق يولدا مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىغا، نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپ قالماسلىقىغا نىسىپ قىلغىن! پەرزەتلەرنىڭمۇ ئىمان-ئەقىدىسىنى يېرىم قىلىپ قويماي پۈتۈن ۋە مۇستەھكەم نىسىپ قىلىش بىلەن بىرگە، شۇ ئەتراپتىكى ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىنىڭ ھەققىنى ياخشى ئادا قىلىشقا نىسىپ قىلغىن! دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغىن ئىھ ئاللاھ!!! ئامىن!!!
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(oylinish) دېگىنىڭىز كە ..
  • بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1391
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1391دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15433 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-05-10
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 13:30

    يۇقىرىدىكى قېرىنداشلار ھەقىقەتەن ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.دېمىسىمۇ ئېتىقادقا خىلاپ مىللىي خاسلىق مىللەتنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ.مىللەت بىلەن دىننى چۈشەنمەي يۈرىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ،شۇنداق مىللەتنى دىندىن ئۈستۈن قويىدىغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن قارىغۇلارچە مىللىي خاسلىقنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.مىللىي سەنئىتىمىزنى راۋاجلاندۇرىمىز دەپ قىلمىغىنىمىز قالمىدى،ئاقىۋەت نىمە بولدى؟ قىزلىرىمىز ئەقەللىي ھايادىن ئايرىلىپ قالدى.سەھنىلەردە كالتە كۇسۇڭ نەرسىلەر تولغىنىپ يۈردى.سەنئەت دەپ توغرا چۈشەندۇق.بىز مۇشۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەچكە كېيىن كوچىلاردىكى يېرىم يالىڭاچ قىزلارنى كۆرسەكمۇ ھەيران قالمايدىغان،جەمىيەت مۇشۇنداق بولۇپ كەتتى دەيدىغان بولدۇق.بىر مىللەتنى خاسلىق ئەمەس،دىن ساقلاپ قالىدۇ.مەملىكىتىمىزدىكى خۇيزۇلار دەل بۇنىڭ مىسالى.
    تىلى ھەم خەنزۇ تىلى تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى دىن بىلەن قوغداپ تۇرىۋاتىدۇ.ھازىر جوڭگودا دىنىمىزنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان كىشىلەر دەل شۇلار دىسەك خاتا كەتمەيدۇ(ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتى يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا).ئۇلار خالىغانچە دىنىي مەكتەپ ئاچالايدۇ،يەسلىدىن باشلاپ قىزلىرىنى ھىجابلىق مەكتەپكە يولغا سالالايدۇ.بەلكىم ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار بىلىشى مۇمكىن،خۇيزۇلار ھەقىقەتەن ئىدىيىسى ئوچۇق كېلىدىكەن.دەۋەت ئۇسۇلى ياخشىكەن.
    بىر بۇرادىرىمىزنىڭ دېيىشىچە بىر خۇيزۇ قىز ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە مەكتەپ ياغلىق ئارتماسىلىقنى دەپتۇ،ئۇ قىز شۇھامان دادىسىغا دەپتىكەن دادىسى مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدەپ:
    -قىزىمنىڭ ياغلىقى نەرىڭگە پۇتلاشتى،قىزىمنىڭ ياغلىقىغا چېقىلغۇچى بولۇشما،يەنە بىر نىمە دەيدىكەنسە،ئۆلكىلىك ئىسلام جەمىيىتىگە،يا بولمىسا مەركەزگە بېرىپ ئەرز قىلمەن.
    ئىشقىلىپ مانا مۇشۇنداقراق گەپلەرنى قىلىپ مۇدىرنىڭ كۆرگىلىكىنى كۆرسىتىپتۇ،مۇدىرمۇ شۇ ھامان خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىمىگە چەك يوق توغرىسىدا ھۈججەت چۈشۈرۈپتۇ.
    يەنە خۇيزۇلاردىن جياڭ زېمىن......قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنى دىنغا دەۋەت قىلىپ نەچچە قېتىم خەت سۇنغان ئېسىل دىنىي ئۆلىمالارمۇ چىقىپتىكەن.
    ئوموملاشتۇرۇپ ئېتيقاندا خاسلىق پەقەت  ئەڭ ئالدى بىلەن ئادىمىيلىكنى تونۇشتىن باشلىنىدۇ.ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكنى بىلگەن كىشى ئالدى بىلەن نېمىنىڭ مۇھىملىقنى ھەم بىلىدۇ.دىندىن چەتنىگەن خاسلىق پەقەت ھالاكەتكە يۈزلىنىشتىكى خاسلىق بولۇپ قالىدۇ،خالاس.
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    اﷲقا تەقۋادار بول، ھەمىشە ئەسلەپ تۇرغىن!چۇنكى ئ& ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7815
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 104
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
    ئۆسۈش: 80 %
    مۇنبەر پۇلى: 1160 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-10
    ئاخىرقى: 2012-04-21
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 16:46

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى ئەلى نىڭ 2011-06-22 13:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    يۇقىرىدىكى قېرىنداشلار ھەقىقەتەن ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.دېمىسىمۇ ئېتىقادقا خىلاپ مىللىي خاسلىق مىللەتنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ.مىللەت بىلەن دىننى چۈشەنمەي يۈرىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ،شۇنداق مىللەتنى دىندىن ئۈستۈن قويىدىغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن قارىغۇلارچە مىللىي خاسلىقنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.مىللىي سەنئىتىمىزنى راۋاجلاندۇرىمىز دەپ قىلمىغىنىمىز قالمىدى،ئاقىۋەت نىمە بولدى؟ قىزلىرىمىز ئەقەللىي ھايادىن ئايرىلىپ قالدى.سەھنىلەردە كالتە كۇسۇڭ نەرسىلەر تولغىنىپ يۈردى.سەنئەت دەپ توغرا چۈشەندۇق.بىز مۇشۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەچكە كېيىن كوچىلاردىكى يېرىم يالىڭاچ قىزلارنى كۆرسەكمۇ ھەيران قالمايدىغان،جەمىيەت مۇشۇنداق بولۇپ كەتتى دەيدىغان بولدۇق.بىر مىللەتنى خاسلىق ئەمەس،دىن ساقلاپ قالىدۇ.مەملىكىتىمىزدىكى خۇيزۇلار دەل بۇنىڭ مىسالى.
    تىلى ھەم خەنزۇ تىلى تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى دىن بىلەن قوغداپ تۇرىۋاتىدۇ.ھازىر جوڭگودا دىنىمىزنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان كىشىلەر دەل شۇلار دىسەك خاتا كەتمەيدۇ(ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتى يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا).ئۇلار خالىغانچە دىنىي مەكتەپ ئاچالايدۇ،يەسلىدىن باشلاپ قىزلىرىنى ھىجابلىق مەكتەپكە يولغا سالالايدۇ.بەلكىم ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار بىلىشى مۇمكىن،خۇيزۇلار ھەقىقەتەن ئىدىيىسى ئوچۇق كېلىدىكەن.دەۋەت ئۇسۇلى ياخشىكەن.
    بىر بۇرادىرىمىزنىڭ دېيىشىچە بىر خۇيزۇ قىز ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە مەكتەپ ياغلىق ئارتماسىلىقنى دەپتۇ،ئۇ قىز شۇھامان دادىسىغا دەپتىكەن دادىسى مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدەپ:
    -قىزىمنىڭ ياغلىقى نەرىڭگە پۇتلاشتى،قىزىمنىڭ ياغلىقىغا چېقىلغۇچى بولۇشما،يەنە بىر نىمە دەيدىكەنسە،ئۆلكىلىك ئىسلام جەمىيىتىگە،يا بولمىسا مەركەزگە بېرىپ ئەرز قىلمەن.
    ئىشقىلىپ مانا مۇشۇنداقراق گەپلەرنى قىلىپ مۇدىرنىڭ كۆرگىلىكىنى كۆرسىتىپتۇ،مۇدىرمۇ شۇ ھامان خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىمىگە چەك يوق توغرىسىدا ھۈججەت چۈشۈرۈپتۇ.
    .......

    ھەقىقەتەن توغرا .
    بىر كۇنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئارقىسىدا ئايلىنۋاتاتتىم  ،مەكتەپ كانىيىدىن  <ھەي ئارقى سەپتىكى ماڭقا  ئالە تۇمۇقۇڭنى > دەپ ۋارقىرماسمۇ بەكلا ئېچېم سېرېلدى .
    ئوۋچىنىڭ مىلتىقى بولسا ، تۇلكىنىڭ خۇداسى يوقمىكەن .
    دوستلىشىش
    ئابدۇل~ئەزېز
    سەيپۇللا
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7886
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 18
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 195 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-15
    ئاخىرقى: 2012-05-08
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 00:48

    پىكېر بەرگەن قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەن ياخشى پىكىر بېرىپ سىلە  ھەم مىڭلار غا  اللە  رەخمەت قىلسۇن ئامىن  
    سەيپۇللا
    hudayim bar himim yuk
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 766
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە766دانە
    ئۆسۈش: 300 %
    مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-24
    ئاخىرقى: 2012-05-07
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 22:45

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
    ياخشى تىما يۇلۇنۇپتۇ.مىللى ئۇرپە ئادىتىمىزگە ئۇزىمىز ھۇرمەت قىلىپ مىللى كىملىكىمزنى ساقلاپ قىلىش ھەر بىرىمىزنىڭ باش
    تارتىپ بۇلمايدىغان بۇرچى.ئۇزنى قەدىرلىگەنىدە ئۇزگنىڭ ھۇرمىتگە ئىرىشەلەيىمىز.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8031
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 4
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-25
    ئاخىرقى: 2011-06-25
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 22:26