باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2038 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈرك دۇنياسىدىن خەۋەرلەر
İyi Bir Dostu Olanın Aynaya İhtiyacı Yoktur
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 5530 %
مۇنبەر پۇلى: 6618 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2012-07-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 16:18

تۈرك دۇنياسىدىن خەۋەرلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز دوستلار، پىروگراممىمىزنى تۈركىيەدىن تارقالغان بىر خەۋەر بىلەن باشلايمىز.

دۆلىتىمىز پايتەختى ئەنقەرەدە دۇنيا ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكىنىڭ 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايغا توققۇز دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئاھىسكا تۈركلىرى قاتناشتى. دۇنيا ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكىنىڭ مۇدىرى ئىلياس دوغان قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزىدە، 1944 – يىلى ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ بۈگۈنكى گىرۇزىيەنىڭ تەۋەلىكىدە ياشايدىغان رايوندىن باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى، سۈرگۈن جەريانىدا تەخمىنەن 20 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلياس دوغان يەنە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاھىسكا تۈركلىرى ياشاۋاتقان توققۇز دۆلەتتە قۇرۇلغان جەمئىيەتلەرنىڭ باشچىلىقىدا ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرگە بىرلىكتە چارە ئىزدىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

---------------------------------------------------

تاتار تىلىنىڭ ئاتىسى سۈپىتىدە تونۇلغان ۋە تاتار خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، پەيلاسوف، يازغۇچى ئابدۇللاھ توقاي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 125 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەيكىلى ئۇنىڭ نامى بېرىلگەن كوچىغا قويۇلدى.

بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنت باشلىقى فارىد مۇھەممەدشىن «مىللەتداشلىرىمىز» دەپ باشلىغان نۇتقىدا، تۈركىيە بىلەن تاتارىستان ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك ئۇلىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، تۈركىيە بىلەن تاتارىستان ئارىسىدىكى كۆۋرۈكنىڭ يىلتىزى ناھايىتى چوڭقۇر، ئۇزاق ئۆتمۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ: «مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى دوستلۇقىمىزنىڭ يىلتىزىدۇر. ھەر ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىپ، داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئەنقەرە شەھىرىنىڭ باشلىقى مەلىھ گۆكچەك تۈركىيە بىلەن تاتار مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە بىلەن تاتارىستان پايتەختلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىقتىسادتىن مەدەنىيەت ئالاقىسىگىچە بولغان ساھەلەرگىچە تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە بۇ تەرەققىياتنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئابدۇللاھ توقاينىڭ دۆلىتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ مىللىتىنىڭ پارلاق كېلەچىكى ھەققىدە ھېچقاچان ئۈمىتسىزلەنمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى (TÜRKSOY)  نىڭ باش كاتىپىقاسىنوۋ، ئابدۇللاھ توقاينىڭ شېئرلىرى ۋە پىكىرلىرىنىڭ كىشىلەرنى ئۆزئارا قېرىنداشلىققا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئابدۇللاھ توقاي ئەسەرلىرىنىڭ مەدەنىيەتلەر ئارا كۆۋرۈك شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

سۆزلەنگەن نۇتۇقلاردىن كېيىن مۇراسىمغا قاتناشقان ئەزالار ئابدۇللاھ توقاينىڭ ئىسمى يېزىلغان كوچىدا ھەيكەلنىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى. مۇراسىمدىن بۇرۇن تاتار خەلق ئۇسسۇل ئۆمىكى ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، نومۇر ئورۇنلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتىمۇ ئابدۇللاھ توقاينىڭ نامىنى بوغۇز ساھىللىرىغا جايلاشقان بىر باغچىغا بېرىش ھەققىدە قارار ئالغان بولۇپ، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئابدۇللاھ توقاينى ئەسلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە بۇ باغچىمۇ ئېچىلدى.

بوغۇز ساھىلىدىكى باغچىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپباش، ئەيۈپ ناھىيەسى ھاكىمى ئىسمائىل قاۋۇنجۇ، خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى (TÜRKSOY)  نىڭ باش كاتىپىقاسىنوۋ، تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى كېڭىشى كاتىپى خالىل ئاقىنجى ۋە تاتارىستان پارلامېنت باشلىقى فارىد مۇھەممەدشىن قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا ئۆمىكى ئورۇنلىغان «ۋولگا دولقۇنلىرى» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن تاتار خەلق ناخشىلىرى ئورۇندالدى.

--------------------------------------------------------------------
تۈرك دۇنياسىدا مەدەنىيىتىمىزنى قوغداش ۋە ئۇنى كېلەچەك نەسىللەرگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك ۋە تەسىرچانلىقى كۈچلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئۆرنەك بولالايدىغان بىر پائالىيەت قېرىنداش دۆلەت قازاقىستاندا ئىشقا ئاشتى. قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت پايتەختى ئالماتادا تۈرك دۇنياسى بالىلار ئويۇنلىرى پائالىيىتىنىڭ بىرىنچىسى ئۆتكۈزۈلدى. 28 – مايدىن 31 – مايغىچە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، تۈركمەنىستان، تاتارىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ۋاكالىتەن 12 ياشلىق بالىلاردىن تەشكىللەنگەن شاكىچىكلەر قاتناشتى.

ئاشىق، بەش تاش، يەتتە كىرەمىت، پولات – چوماق قاتارلىق تۈرك دۇنياسىدا ئەسىرلەردىن بېرى ئوينىلىپ كېلىۋاتقان بالىلار ئويۇنلىرى تۇنجى قېتىم شاكىچىكلەر تەرىپىدىن كۆرسىتىلدى. تۈركىيەنىڭ ئاستانىدىكى باش ئەلچىلىكىنىڭ تەلىم – تەربىيە مۇشاۋىرى دوكتور قادىر چەتىن بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى بالىلار ئارىسىدا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ كىشىلەرگە ۋە ئىجتىمائىي توپلارغا كىملىك ۋە ئىزچىللىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يېقىنقى 30 يىلدا تېز تەرەققىي قىلغان يەر شارىلىشىش ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، جەمئىيەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا دىيالوگنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، قوغداشقا تېگىشلىك مەنبەلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇزۇلۇش ۋە ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. بالىلار ئويۇنلىرىغا قارشى ئەڭ چوڭ تەھدىت شەكىللەنمەكتە. كومپىيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت بىر قانچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ئويۇنلارنى بالىلارنىڭ دۇنياسىدىن يىراقلاشتۇرماقتا. ئويۇنلار بىر مىللەتنىڭ خاراكتېرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، «ئاشىق» ئويۇنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جەمئىيەتلەردە يۈز يىللاردىن بېرى ئوينىلىپ كەلگەن ئويۇنلارنىڭ بىرىدۇر. ئويۇنلارنىڭ ئوينىلىش شەكلى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ئويۇنلاردا ساقلىنىپ قالغان نۇرغۇنلىغان فولكلور شەكىللىرى بار. بۇ فولكلور شەكىللىرى بىلەن بېزەلگەن بالىلار ئويۇنلىرى تۈركىي مىللەتلەر ئىجتىمائىي توپلىرىنىڭ ئورتاقلىق تۇيغۇسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىباھا قىممەتكە ئىگە مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇ بايلىقلار قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بايقىلىشنى كۈتمەكتە» دېدى.

پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى ئىبراھىم يىلدىرىم تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتلىرىدە ئوينىلىدىغان بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ رەتلىنىشى، بالىلارنىڭ بىرلىكتە ئوينىشى، ئويۇن قائىدىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان بۇ ئويۇنلارنى دۇنيا مەدەنىيتىگە ھەدىيە قىلىشنىڭ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، پائالىيەت ئارقىلىق بالىلار ئويۇنلىرىغا تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

---------------------------------------------------------------
كوجا ئەلىدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئايال ئاشىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «خەلقئارا ئايال ئاشىقلار بايرىمى» ئۆتكۈزۈلدى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، كوجا ئەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كۆرفەز رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئايال ئاشىقلار بايرىمى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان كوجا ئەلى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىنىڭ ۋەكىلى پىروفېسسور دوكتور ئايشە سەۋىم گۆكئالىپ، ئاشىقلار ئەنئەنىسىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، تۈركلەرنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىنىڭ يۈز يىللاردىن بۇيان كۈنىمىزگىچە ئېغىز شەكلى ۋە يازما شەكلىدە يەتكۈزۈلۈشىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

«ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مەسئۇلىيىتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەر، ئۇلارنىڭ سەنئەت ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن» دېگەن گۆكئالىپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئايال ئاشىقلار بايرىمى بۇ نۇقتىدىن چاقىرىلغان تۇنجى يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىندا 20 ئەتراپىدىكى ئايال ئاشىق توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، ئاشىقلىق ئەنئەنىسى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان  كۈنىمىزدىكى ئايال ۋەكىللەرنىڭ سەنئەتچى كىملىكلىرى ۋە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەكىللىرىگە باھا بېرىلىدۇ.

پائالىيەتتە ئاشىقلىق ئەنئەنىسىنىڭ ئايال ۋەكىللىرى شاھسەنەم باجى، شاھتۇرنا، سارىجاقىز، سىنەم باجى، سۈرمەلىجان، گۈلچىنار، نۇرشاھ باجى، ئارزۇ باجى، شاھىنى، ئەزگىلى كەۋسەر، ئۆزلەمى، تەللى سۇنا، سەلۋىناز، مارالى، دىدارى، ئەزەربەيجاندىن كەلگەن لەتىفە ۋە سولماز، قىرغىزىستاندىن كەلگەن روزا ئامانوۋا، سۇيۇمقان قۇربانوۋا، قازاقىستاندىن كەلگەن پاكىزات ئادىيېۋا قاتارلىق سەنئەتچىلەر ئورۇنلىغان ناخشىلىرى بىلەن ھەممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.





دوستلىشىش
ئۇيغۇرزات
ئالمىدەك يۈرەكتە،ئالەمچە سۆيگۈ!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7541
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-23
ئاخىرقى: 2012-03-13

ئېگىلگەنگە ئېگىلگىن،بىلىڭ سۇنۇپ كەتكىچە،
غادايغانغا غادايغىن،بېشىڭ كۆككە يەتكېچە!
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1007
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1007دانە
ئۆسۈش: 3370 %
مۇنبەر پۇلى: 12552 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-09-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-21 11:12

     ياخشى خەۋەرلەردىن خەۋەردار قىلىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەكۈرلەر بولسۇن ... ...
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1411
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-08-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 14:38

ئاھىسكا تۈركلىرى دىگەن نىمە
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10010
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 688
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە688دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 7131 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-08-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-26 01:25

تەشەككۈر !