باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1553 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىرغىز خەلقى قەدىرلىك يازغۇچىسىنى ئۇنتۇمىدى
دوستلىشىش
ozturkler
İyi Bir Dostu Olanın Aynaya İhtiyacı Yoktur
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 272
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە272دانە
ئۆسۈش: 5530 %
مۇنبەر پۇلى: 6568 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 16:13

قىرغىز خەلقى قەدىرلىك يازغۇچىسىنى ئۇنتۇمىدى

رەسىم:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە قىرغىز يازغۇچى چىنگىز ئايتماتوف ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 3 - يىلى پايتەخت بىشكەكتە ئېچىلغان بىر گۆرگەزمە بىلەن خاتىرىلەندى.

چىنگىز ئايتماتوف فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چىنگىز ئايتىماتوفنىڭ ھاياتى ۋە سەنئىتى» ناملىق كۆرگەزمە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋانىڭ قاتنىشىشى بىلەن تارىخ مۇزىيىدا ئېچىلدى.

چىنگىز ئايتىماتوفنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا پىرېزىدېنت ئوتۇنبايېۋا سۆز قىلىپ، «ئايتماتوف ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى، ۋىجدانى ۋە رەھبىرىدۇر» دېدى.

ئۇتۇنبايىۋا يەنە ئايتىماۋتوفنىڭ ئۆتكۈر سۆزلىرى ۋە كەڭ دائىرىلىك چۈشەنچىلىرى بىلەن قىرغىزىستان خەلقىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە ھەممەيلەنگە كۈچ - قۇدرەت بەخش ئەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چىنگىز ئايتماتوفنىڭ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئوتۇنبايىۋا كۆرگەزمىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئايتىماتوفنىڭ بارلىق كىتاپلىرى، ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن چۈشكەن چوڭ - كېچىك ھەرخىل رەسىملىرى، سىئالغۇلىرى، خۇسۇسىي نەرسە - كىرەكلىرى، ھەرتۈرلۈك مۇكاپات مىداللىرى ۋە ئىشخانا ئەسلىھەلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى.

چىنگىز ئايتماتوف 2008 - يىلى ماي ئېيىدا رۇسىيەنىڭ مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن قازانغا بارغاندا كېسىلى قوزغىلىپ كېتىپ، گېرمانىيەگە داۋالاشقا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇ يىلى 10 ئىيۇندا گېرمانىيەدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 14:29

مەن ئۇنىڭ بىر رومانىنى ئوقۇغان بەك ياخشى يېزىپتىكەن ئۇنى
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ