查看完整版本: [-- قىرغىز خەلقى قەدىرلىك يازغۇچىسىنى ئۇنتۇمىدى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> قانۇندىن مەسلىھەت -> قىرغىز خەلقى قەدىرلىك يازغۇچىسىنى ئۇنتۇمىدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ozturkler 2011-06-20 16:13
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە قىرغىز يازغۇچى چىنگىز ئايتماتوف ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 3 - يىلى پايتەخت بىشكەكتە ئېچىلغان بىر گۆرگەزمە بىلەن خاتىرىلەندى.

چىنگىز ئايتماتوف فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چىنگىز ئايتىماتوفنىڭ ھاياتى ۋە سەنئىتى» ناملىق كۆرگەزمە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋانىڭ قاتنىشىشى بىلەن تارىخ مۇزىيىدا ئېچىلدى.

چىنگىز ئايتىماتوفنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا پىرېزىدېنت ئوتۇنبايېۋا سۆز قىلىپ، «ئايتماتوف ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى، ۋىجدانى ۋە رەھبىرىدۇر» دېدى.

ئۇتۇنبايىۋا يەنە ئايتىماۋتوفنىڭ ئۆتكۈر سۆزلىرى ۋە كەڭ دائىرىلىك چۈشەنچىلىرى بىلەن قىرغىزىستان خەلقىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە ھەممەيلەنگە كۈچ - قۇدرەت بەخش ئەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چىنگىز ئايتماتوفنىڭ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئوتۇنبايىۋا كۆرگەزمىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئايتىماتوفنىڭ بارلىق كىتاپلىرى، ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن چۈشكەن چوڭ - كېچىك ھەرخىل رەسىملىرى، سىئالغۇلىرى، خۇسۇسىي نەرسە - كىرەكلىرى، ھەرتۈرلۈك مۇكاپات مىداللىرى ۋە ئىشخانا ئەسلىھەلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى.

چىنگىز ئايتماتوف 2008 - يىلى ماي ئېيىدا رۇسىيەنىڭ مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن قازانغا بارغاندا كېسىلى قوزغىلىپ كېتىپ، گېرمانىيەگە داۋالاشقا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇ يىلى 10 ئىيۇندا گېرمانىيەدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

almiliq 2011-06-20 22:39
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئۇلۇغ ئەدىب، تۈرك خەلقىنىڭ پەخرى......

تاھىربەگ 2011-06-21 09:45
قىيامەت رومانىنى ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ

maslakdax 2011-06-21 10:00
مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىملىك مەسىلىسى توغرىسىدا لىللا سۆزلىگەن كىشى ئىدى.

donal 2011-06-21 12:08
   مەن ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى . ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ...

turkizat 2011-06-21 13:58
دىلى ھەقىقەت نۇرى بىلەن تولغان زات. ھەقىىقى ۋىزدانلىق شائىر.ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

natsist 2011-06-22 14:29
مەن ئۇنىڭ بىر رومانىنى ئوقۇغان بەك ياخشى يېزىپتىكەن ئۇنى

سامانيۇلى 2011-06-22 23:57
ھەقىقەتەن ئىقتىدار، تەپەككۇرغا باي  ئەسردىن ئالقىغان بىر كۈن رۇمانىنى بىر قانچە قېتىم ئۇقوپ قويۇشقا بۇلىدۇ


查看完整版本: [-- قىرغىز خەلقى قەدىرلىك يازغۇچىسىنى ئۇنتۇمىدى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048476 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us