باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1497 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈركىيەگە كىرگەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
İyi Bir Dostu Olanın Aynaya İhtiyacı Yoktur
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 5530 %
مۇنبەر پۇلى: 6618 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2012-07-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 16:10

تۈركىيەگە كىرگەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
      سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردىن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېىشپ كەتتى، كەلگەنلەر چېدىر شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.

     چېدىر شەھەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ پاناھلانغۇچىلار ئىشلىرى بويىچە تۈركىيە ۋەكالەتخانىسىنىڭ ئالىي كومىسسارى كارول باتچالېر، چېدىرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مۇساپىرلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كارل باتچالېر تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

سۈرىيەدە 120 نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىنكى جىددىيچىلىك داۋام قىلماقتا.

ئەھۋالىنىڭ خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۆلەتتىن قاچقانلار ھاتاينىڭ يايلاداغى ۋە ئالتىنئۆزۈ ناھىيەلىرىدىكى چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرمەكتە.

     تۈركىيەگە كىرگەن 10 مىڭ 115 كىشى چېدىر شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ۋەقەلەر ئەسناسىدا يارىلانغانلار ۋە باشقا بىمارلار بولۇپ جەمئىي 68 سۈرىيەلىكنى داۋالاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

     سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ كەتكەن تەقدىردە كۆچۈش دولقۇنىنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

     يەنە بىر تەرەپتىن، تۇنجى قېتىم مەتبۇئات مەنسۇپلىرىنىڭ كىرىشلىرىگە رۇخسەت بېرىلگەن چېدىر شەھەردە، مۇخبىرلارنىڭ پەقەت رەسىم تارتىشىغىلا يول قويۇلدى.
Just believe in allah
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4736
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 533
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە533دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 3531 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-09-07

ھەي نىمە بۇلۇپ كەتتى بۇ ئىشلار ، تۈركىيەنىڭ بۇ قېرىنداشلارغا ياردەم بەرگىنى باك ياخشى بوپتۇ.
اللە ھىم شۇلارنىڭ مۈشكىللىرنى ئاسان قىلغايلا، ھەم شۇ تۈرۈك قېرىنداشلىرمىزغا رەھمەت قىلغايلا.
بۇ دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى.
ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى نۇرنىڭ ئالامىتى--ئوسمان رادىيەللاھۇ ئەنھۇ.
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1411
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-08-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 01:32

نىمە ئىشلار بوپ كىتىپ بارىدۇ بۇ جاھاندا
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ