باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 419 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاپا جاپا چەككەن كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 12:34

ئاپا جاپا چەككەن كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن

    بۈگۈن ئەتىگەن قىزىم سەھەردە تۇرۇپ،يۇيۇنۇپ-تارىنىپ كۈلۈپلا يۈرەتتى.
توۋا دەيمەن، بۈگۈن بۇ قىزغا نىمە جىن چاپلاشقاندۇ؟ھەر كۈنى ئەتتىگەندە خىزمەتكە كېچىكىسىز،بالدۇر قوپۇڭ،ناشتىلىغىڭىزنى قىلىڭ، كۈن ئىسسىق ،ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ دەپ ۋاقىراپلا قوپتىرالمايدىغان بالا بۈگۈن زادى نىمە بولغاندۇ؟
   بىز ئۆيدىكى 4 جان ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى يەپلا ئۆز ئىشلىرىمىزغا راۋان بولۇشتۇق.ئۈرۈمچىدىن بىر دوستىمىز يۇرتقا كەلگەن ئىكەن،ئايالىمغا تېلېفۇن قىلىپ چۈشتە لەغمەن ئېتىشنى بۇيرۇپ قويۇپ دوستۇم بىلەن بازارنى ئايلىنىپ تاماق پىشارغا يىقىن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق.
   تاماق ۋاختىدا قىزىم يەنىلا شۇ شوخ كەيىپ بىلەن،بۈگۈن مېنى لەغمەن بىلەنلا تەبرىكلەمسىلەر دەپ سوراپ قالدى.شۇندىلا بىز قىزىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىگىنى ئەسكە ئېلىشتۇق.ھەممىمىز بىرلىكتە قىزىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەشتۇق.ئاپىسى قىزىم سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز بولغانلىقتىن لەغمەن ئېتىپ قويغان،لەغمەننى يىسە ئۇزۇن ئۆمۇر كورگۈدەك، دەپلا ئالدىراپ زىننەت بۇيۇم سالىدىغان ساندۇقتىن بىر كۆمۇش زەنجىرنى ئېلىپ بوينىغا ئېسىپ قويدى.
مەن ئاستا ئايالىمنىڭ كوزىگە قارىسام كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياش، تېخى كۈلۈپ تۇرۇپ قىزىنى مۇبارەكلەۋاتاتتى،مەن ئويلاپ قالدىم.
    دىمىسىمۇ بىر ئانا بولماق نىمە دىگەن تەس ھە؟بىر بالىنى تۇغۇش ئۈچۈن 9 ئاي 9 كۈن قورساق كۆتۈرۈپ،3 كىچە كۈندۈز قوساقنى ئاغرىتىپ،3سائەت ئىنجىقلاپ بالا تۇغۇدىكەن،ئانىنىڭ تارتقان ئازاۋىنى ئانىدىن باشقا كىممۇ ھېس قىلالىسۇن؟دوختۇر كارۋىتىدا يېتىپ «بالام قىزمىدۇ ئوغۇلمىدۇ »دەپ يىڭى ھاياتلىقنى كورۈش ئۈچۈن جان تىكىپ، ھوشىدىن كېتىپ پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ شۇ ھاياتلىق ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىۋاتقانلىغىنى كىممۇ ھېس قىلالىسۇن؟دىمەك ئانا دىگەن ھەقىقى قەھىرمان.ھاياتى ئارقىلىق بىر جاننى ھاياتلىققا كۆز ئاشقۇزغۇچىدۇر.بۇ نىمە دىگەن ئۇلۇق جاسارەت.
    مەن يەنىلا شۇنى ئويلاپ قالدىم،بۈگۈنكى كۈننى بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دىمەي،ئانىنىڭ ئىككىنچى ھاياتلىققا ئېرىشكەن ھەم« تۇققان كۈنى» دىسە بولغىدەك
   ئانا نىمە دىگەن بەرداشلىق ھە؟ئۆزىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىغىنى ئۇنتۇپ بالىسىغا مىھرىنى ئاتايدىكەن،كېچە-كېچىلەپ،ئۇخلىماي بالىسىنى تەۋرىتىپ ئېمىتىدىكەن،
  مانا شۇنداق قىلىپ بالىسى ئۈچۈن پۈتۈن بىر ئۆمۈرىنى قۇربان قىلىدىكەن.
  مانا بۇ قانداق روھ؟ بۇ قانداق ئۆزىنى بېغىشلاش ھە؟
   ھازىر جەمىيىتىمىزدە«تۇغۇلغان كۈن»نى بالىلارلا ئەمەس چوڭلارمۇ ھەشەمەتلىك ئۆكۇزىۋاتىدۇ،ئائىلىلەردە ئۆتكۈزىلىدىغان «تۇغۇلغان كۈن» يىغىلىشلىرى ھازىر رىستۇرانلارغا يۈزلەندى.نەچچە ئون جوزىلاپ مىھمان چاقىرىلىۋاتىدۇ.
ئەسلىدىلا مىللىتىمىزنىڭ ئولتۇرۇش زىياپەتلىرى كوپ ئىدى،مەن دىممىسەممۇ ھەممىمىزگە بۈلۈشلىك.چوڭلار تۇغۇلغان كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن پۇل يىغماقتا.بالىلار ئاتا-ئانىسىغا سېلىق سالماقتا،مەن توردا بىر قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن 60 تۈمەن خەجلىگەنلىگىنى كۆرگەن ئىدىم.بەلكىم ئۇلارنىڭ پۇلى كۆپ بولغىيتى.
   بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ساپاسى بۇ باسقۇشقا بارمىدى،تېخى نامىرات باسقۇشتا تۇرۋاتقان ئۇرۇق-تۇققان، قان-قېرىنداشلىرىمىز تېخى كۆپ.بىزگە نىمە قويۇپتۇ بۇ دورامچىلىقنى.بىز شۇ ئىللەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمىسەكمۇ ،«تۇغۇلغان كۈن »ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ باققان بولساق شۇ« تۇغۇلغان كۈن» زىياپەتلەرگە سەرىپ قىلغان پۇللارنى يېغىپ شۇ جاپاكەش ئانىلىرىمىزغا سوغا ئىلىپ بەرگەن بولساق،ئاپىسى باللىرى ئۈچۈن قۇربان قىلغان ھاياتىغا ئازىراق بولسىمۇ كۆڭۇل ئوزىقى بولۇپ قالغان بولاتتى.
   «تۇغۇلغان كۈننى» ئۆزگەرتىپ «تۇققان كۈنى»زىياپىتىگە ئۆزگەرتكەن بولساق نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك كۇن زىياپىتى بولغان بولاتتى ھە؟مىنىڭچە بۇ دورامچىلىق زىياپىتى بولماستىن،مىللىتىمىزنىڭ ئۆزى جاپاكەش ئانىلارنى ھورمەتلەش يۈزىسىدىن بارلىققا كەلتۈرگەن«تۇققان كۈن» مەشىرىپىگە ئايلانغان بولاتتى.
   جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ «تۇققان كۈن»ىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
  
   مەنبە:ئىجايىتىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7089
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-14
ئاخىرقى: 2011-06-28

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
تۈنۈگۈن تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان كىچىك ئىنىم تىلفۇنۇمغا ئەھۋالىمنى سوراپ خەنزۇ بىرمۇنچە ئۇچۇر يوللاپ ئاخىردا:<ئاچا، بۈگۈن قانداق كۈنلىكىنى بىلەمسەن؟>دەپ سوراپتىكەن ئەتتىگەندە توردا ئاتالمىش <ئاتىلار بايرىمى>توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەبرىكنامىلەرنى كۆرگەچكە ئىنىم شۇ مەقسەتتە دادامنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ قوي دىمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇميۇ لىكىن بىلمەسكە سېلىپ:<بۈگۈن ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان يەنە بىر ياخشى كۈنىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن رەببىمىزگە چەكسىز ھەمدىلەرنى ئېيتايلى ئۇكام.>دەپ ئۇچۇر قايتۇرسام ئۇ:<ئاچا، بۈگۈن دادىمىزنىڭ بايرىمى!!!> دەپ مەن پەرەز قىلغاندەك مەقسىتىنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىرقانچە پارچە ئۇچۇر يوللاپ بۇ ئەھۋاللارنى چۈشەندۈردۈم. ئۇنىڭغا ئەڭ ئاۋۋال بىزنىڭ مۇسۇلمانلار توپىدىن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، ئىسلامدا پەقەت مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە كۈنلەردىلا ئەمەس بەلكى ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، ۋاپادار بولۇشىمىزنى تەرغىپ قىلىدىغانلىقىنى دەپ ھازىر ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا پەقەت ئۆزىنىڭلا (قالغان ئۈچىمىز ئۈچ شەھەردە ئوقۇۋاتتۇق.)ئۇ جاپاكەش قەدىردانلىرىمغا يېقىندىن مۇڭداش، ياردەمدە بولالايدىغانلىقىنى شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۇلارغا كۆيۈنۈپ ئۇلارنى خاپا قىلماسلىقىنى، گىپىنى ئاڭلاش توغرىسىدا تەربىيە قىلسام ئاخىردا :<بولىدۇ ئاچا، مەن نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، گىپىڭنى ئاڭلايمەن. ئەمدى نوقۇل بۈگۈنكىدەك كۈندىلا ئۇلارنىڭ جاپاكەش ئىنسان ئىكەنلىكىنى يادىمغا ئالماي ھەر ۋاقىت ئويلاپ تۇرىمەن. سەن خاتىرجەم بول، سىلەر كەلگۈچە دادامنىڭ نوچى ئوغلى، ئاپامنىڭ ياردەمچى {قىزى}بولۇپ ئۇلارغا ياردەمدە بولاي.ئەمسە سىنى، ئاكىللىرىمنى ئاللاھغا تاپشۇردۇم. توخۇللىرىمنىڭ قوسقى ئېچىپ كەتتى. مەن چىقىپ دان بىرەي.....>دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتىكەن ئۇنىڭدىن شۇنداق پەخىرلەندىم ھەم نامىزىمدا ئۇنىڭ شۇ زىرەكلىكىنى تېخىمۇ ئىشقا سېلىپ ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىشى،ئاداققىچە رەببىمنىڭ ئىتائەتچان بەندىسى بولۇپ ئىككى ئالەمدە ئەزىزلەر قاتارىدىن بولۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن دۇئالارنى قىلىپ كىتىپتىمەن.
بەلكىم تىلغا ئالغان بۇ شەخسى ئىشىمدىن مۇنبەرداش قېرىنداشلىرىم نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى بېلىپ بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەرنى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنىدىغان ياخشى قۇللاردىن بولۇشىمىزغا نىسىپ قىلىش بىلەن بىرگە، شۇ جاپاكەشلىرىمىزنىڭ ئۆمرىگە بەركەت ئاتا قىلىش ھەم بىزلەرنىڭمۇ ئۇلارغا ھەر ۋاقىت ۋاپادارلىق يەتكۈزۈپ تۇرىشىغا نىسىپ قىلغاي ئامىن!!!
[ بۇ يازمىنىپىنھان 2011-06-20 13:48قايتا تەھرىرلىدى ]
پىنھاندىكى مەن؟!
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 520
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە520دانە
ئۆسۈش: 1463 %
مۇنبەر پۇلى: 6057 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-10-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 18:48

«ئاپا جاپا چەككەن كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن» دېگەن بۇ گەپ ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇپ ھالاك بولغان مەديەن ئاھالىسىنىڭ سۆزلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك!
ئاللاھ ئۇلارنى شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇشتىن چەكلىگەن ئىدى.  ئەمما شەنبە كۈنى كۆپرەك بېلىق لەيلەپ چىقاتتى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەنبە كۈنى  تورنى تاشلاپ قويۇپ، يەكشەنبە كۈنى چىقىپ سۈزۈۋالاتتى.  ئۇلار ئۆزلىرىچە: « بىز بېلىقنى شەنبە كۈنى تۇتمىدۇق، يەكشەنبە كۈنى تۇتتۇق» دەۋالاتتى.
خۇددى شۇنىڭدەك، « مەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمىدىم، ئانىسىنىڭ ئۇنى تۇغقان كۈنىنى تەبرىكلىدىم»  دەۋېلىش ئۆزىنى ئۆزى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس! بۇ ئاللاھنى ئالدىماقچى بولغانلىق!
مەديەن ئاھالىسىنىڭ ھالاكىتىگە قېلىشتىن پاناھ تىلەيلى!
تەپەككۇر ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئېسىل نېئمىتىدۇر!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2011-10-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 18:56

ئۆزمىزگە   ئەسقاتىدىغاننى قىلايلى   ئەڭ ياخشىسى شۇ