ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
تۈنۈگۈن تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان كىچىك ئىنىم تىلفۇنۇمغا ئەھۋالىمنى سوراپ خەنزۇ بىرمۇنچە ئۇچۇر يوللاپ ئاخىردا:<ئاچا، بۈگۈن قانداق كۈنلىكىنى بىلەمسەن؟>دەپ سوراپتىكەن ئەتتىگەندە توردا ئاتالمىش <ئاتىلار بايرىمى>توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەبرىكنامىلەرنى كۆرگەچكە ئىنىم شۇ مەقسەتتە دادامنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ قوي دىمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇميۇ لىكىن بىلمەسكە سېلىپ:<بۈگۈن ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان يەنە بىر ياخشى كۈنىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن رەببىمىزگە چەكسىز ھەمدىلەرنى ئېيتايلى ئۇكام.>دەپ ئۇچۇر قايتۇرسام ئۇ:<ئاچا، بۈگۈن دادىمىزنىڭ بايرىمى!!!> دەپ مەن پەرەز قىلغاندەك مەقسىتىنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىرقانچە پارچە ئۇچۇر يوللاپ بۇ ئەھۋاللارنى چۈشەندۈردۈم. ئۇنىڭغا ئەڭ ئاۋۋال بىزنىڭ مۇسۇلمانلار توپىدىن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، ئىسلامدا پەقەت مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە كۈنلەردىلا ئەمەس بەلكى ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، ۋاپادار بولۇشىمىزنى تەرغىپ قىلىدىغانلىقىنى دەپ ھازىر ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا پەقەت ئۆزىنىڭلا (قالغان ئۈچىمىز ئۈچ شەھەردە ئوقۇۋاتتۇق.)ئۇ جاپاكەش قەدىردانلىرىمغا يېقىندىن مۇڭداش، ياردەمدە بولالايدىغانلىقىنى شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۇلارغا كۆيۈنۈپ ئۇلارنى خاپا قىلماسلىقىنى، گىپىنى ئاڭلاش توغرىسىدا تەربىيە قىلسام ئاخىردا :<بولىدۇ ئاچا، مەن نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، گىپىڭنى ئاڭلايمەن. ئەمدى نوقۇل بۈگۈنكىدەك كۈندىلا ئۇلارنىڭ جاپاكەش ئىنسان ئىكەنلىكىنى يادىمغا ئالماي ھەر ۋاقىت ئويلاپ تۇرىمەن. سەن خاتىرجەم بول، سىلەر كەلگۈچە دادامنىڭ نوچى ئوغلى، ئاپامنىڭ ياردەمچى {قىزى}بولۇپ ئۇلارغا ياردەمدە بولاي.ئەمسە سىنى، ئاكىللىرىمنى ئاللاھغا تاپشۇردۇم. توخۇللىرىمنىڭ قوسقى ئېچىپ كەتتى. مەن چىقىپ دان بىرەي.....>دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتىكەن ئۇنىڭدىن شۇنداق پەخىرلەندىم ھەم نامىزىمدا ئۇنىڭ شۇ زىرەكلىكىنى تېخىمۇ ئىشقا سېلىپ ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىشى،ئاداققىچە رەببىمنىڭ ئىتائەتچان بەندىسى بولۇپ ئىككى ئالەمدە ئەزىزلەر قاتارىدىن بولۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن دۇئالارنى قىلىپ كىتىپتىمەن.
بەلكىم تىلغا ئالغان بۇ شەخسى ئىشىمدىن مۇنبەرداش قېرىنداشلىرىم نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى بېلىپ بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەرنى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنىدىغان ياخشى قۇللاردىن بولۇشىمىزغا نىسىپ قىلىش بىلەن بىرگە، شۇ جاپاكەشلىرىمىزنىڭ ئۆمرىگە بەركەت ئاتا قىلىش ھەم بىزلەرنىڭمۇ ئۇلارغا ھەر ۋاقىت ۋاپادارلىق يەتكۈزۈپ تۇرىشىغا نىسىپ قىلغاي ئامىن!!!
[ بۇ يازمىنىپىنھان 2011-06-20 13:48قايتا تەھرىرلىدى ]