
42 مىليون 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 2011-يىللىق «شىنجاڭ تەنتەربىيەسى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى» دا بۇ يىل 6-ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ قۇرۇلۇش 2012-يىلى پۈتۈنلەي تاماملىنىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2011-يىللىق «شىنجاڭ تەنتەربىيەسى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى» ئاساسلىقى «ناھىيە دەرىجىلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت مەركىزى»، «يېزا-بازار دېھقانلار بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى»، شۇنداقلا، «مەمۇرىي كەنت دېھقان-چارۋىچىلار بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 18-ئىيۇن ئېچىلغان 2011-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، يېزا-بازارلار بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، تەنتەربىيە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا مەسئۇل تارماق ۋە مەسئۇل خادىم ئورۇنلاشتۇرغان، تەنتەربىيە ئىدارىسى يەنە قەرەلسىز تەكشۈرۈش، نازارەتچىلىكنى يولغا قويىدىكەن.