يېڭى «ئۆي چېقىش نىزامى»دىن لېكسىيە(2)
- بۇ دەرستە ئۆي چېقىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يەنى جامائەت مەنپەئىتى سۆزلىنىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ئا.ت.تارىم
ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكى، جۈملىدىن ئۆيى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. دۆلەت ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدىلا يەنى جامائەت مەنپەئىتى ئىھتىياجى سەۋەبىدىن، كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى، ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆيىنى، شۇنىڭدەك باشقا كۆچمەس مۈلكىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئېلىشقا بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ھازىرلانماي تۇرۇپ، يەنى جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى بولماي تۇرۇپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆيىنى ئېلىپ چېقىشقا بولمايدۇ. ئاساسىي قانۇننىڭ 10-، 13- ماددىسى، مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 42-ماددىسىدا بۇ مەزمۇنلار ناھايىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن.
ئەمدى يېڭى «ئۆي چېقىش نىزامى»غا كەلسەك، مەزكۇر نىزامنىڭ 2- ماددىسىدا: دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئورۇن، شەخسىلەرنىڭ ئۆيىنى جامائەت مەنپەئەتى ئېھتىياجى بىلەن ئالغاندا، ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ ئىگىدارىغا ئادىل تولۇقلىما بېرىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنداقتا، جامائەت مەنپەئەتى، دېگەن نېمە؟
يېڭى «ئۆي چېقىش نىزامى»نىڭ 8- ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئۆينى ئېلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، جامائەت مەنپەئەتى ئېھتىياجى دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ:
(1) دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دىپلوماتىيە ئېھتىياجى؛
(2) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان ئېنىرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى؛
(3) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش، ئاپەتتىن ساقلىنىش ۋە ئازايتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، جەمئىيەت پاراۋانلىقى، شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلارنىڭ ئىھتىياجى.
(4) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇش ئىھتىياجى.
(5) شەھەر-يېزا پىلانلاش قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان خەتەرلىك ئۆيلەر مەركەزلەشكەن، ئاساسى ئەسلىھەلەر قالاق بۆلەكلەردىكى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ئىھتىياجى.
(6) قانۇن ، مەمۇرى نىزاملاردا بەلگىلىگەن باشقا جامائەت مەنپەئەتى ئىھتىياجى.
يۇقۇرىدىكى ئالتە خىل ئەھۋالدىن باشقا سەۋەبلەر بىلەن، مەسىلەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆي ئورنىنى ئۆي-يەر مۈلۈك شىركەتلىرىگە
بىكارلاپ بېرىش سەۋەبى قاتارلىق ئىشلاردا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆيىنى ئېلىش ۋە چېقىش قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ.
يېڭى «ئۆي چېقىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، جامائەت مەنپەئەتى ئېھتىياجى بىلەن ئۆينى ئېلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا ئۆي ئېلىش ئۇسۇلى ۋە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، مەمۇرىي دەۋا قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئىشىلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
ئۆيى ئېلىنغۇچى شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقارغان ئۆي ئېلىش قارارىغا قايىل بولمىسا يەنى ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئېلىنىپ چېقىلىشى جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجىدىن ئەمەس دەپ قارىسا، بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق ھۆكۈمىتىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس سۇنۇشقا بولىدۇ. سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلىسىمۇ بولىدۇ. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش سۈرۈكى قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن بولىدۇ. مەمۇرىي دەۋا قىلىش سۈرۈكى قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
بۇ ماقالىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرگەندە، ئاپتور ئىسمىنى ۋە «تارىم شېئىرىيەت تورى»دىن ( http://www.sheiriyet.com ) ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.