باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4935 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىزدىكى(يامان بولىدۇ)لار توغرىسىدا
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-19 10:47

بىزدىكى(يامان بولىدۇ)لار توغرىسىدا

      مەن ماتىريال كۆرىۋىتىپ،گۈلباھار سىدىقنىڭ بىزدىكى(يامان بولىدۇ)لار توغېىسىدا يازغان ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم.  ماقالىنىڭ ئاساسى ھەل قىلماقچى بولغان ئىدىيەسى،بىزدىكى قەدىمدىن تارتىپ مىراس بولۇپ كىلىۋاتقان(يامان بولىدۇ)دىگەن ئۇقۇمنى ئىلمى ئاساستا ھەل قىلماقچى بولغان.    ماقالە ناھايتى ئوبدان يىزىلغان بولۇپ،مۇنازىرگە قويۇشقا بولۇدۇ دەپ قارايمەن. 
      مەن بۇ يەردە بىرنەچچە تۈرلۈك (يامان بولىدۇ)لارنى ئوتۇرغا قويۇپ باقاي،مۇنبەرداشلارنىڭ بىرلىكتە مۇنازىرلىشىپ بېقىشىنى سورايمەن. «كەشتە تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ،كۈندۈزدە ئاغىن».مانا بۇ بىزلەرنىڭ كىچىگىمىزدىن تارتىپ ئاتا-ئانىمىز قۇلۇغۇمىزغا قۇيۇپ سېڭدۈرۋەتكەن يامان بولىدىغلنلارنىڭ بىرىنچىسى.  
     دادام ئاپامغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ؛ئوقۇمىغان ئايال دىگەن شۇنداق بولىدۇ-دە، كەشتە تىرناق ئالسا نېمىشقا يامان بولىدىغانلىغىنى بىلەمسەن؟پەيغەمبىرىمىز  ياشىغان مەزگىللەردە توك بولمىغاشقا،كەشتە تىرناق ئالسا قولىنى كىسىۋالىدۇ دەپ،كەشتە تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ دىگەن.ھازىر توك بولغاشقا كېچە بىلەن كۈندۈز ئوخشاش.تىرناقنى قانداق ۋاقىتتا ئالسا بولىۋىرىدۇ،تازلىققا رايە قىلىش،ئىسلام دىنىدىكى پەرىزلەردۇر دەيدىغان.  
     دەۋىرنىڭ ئالمېشىشى،جەمىيەتنىڭ تەرەقى قېلىشى بىلەن نۇرغۇن سەۋەپلەر ئەمىليەتلەرگە ئورۇن بوشۇتۇپ بەرمەكتە،   مەن بىر دوستۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆلىمىگە قاتنىشىپ قالدىم،قارشىۋاتقانلارنىڭ بىرسى،قۇرئان ئوقۇۋاتقانلارغا تاماق ئېتەيلى دېدى،بولمايدۇ،ئۆلۈم چىققان ئۆيدە ئۈچ كۈنگىچە تاماق ئەتسە« يامان بولىدۇ»دېدى.مانا بۇ يامان بولىدۇلارنىڭ يەنە بىرسى.  
    بىز مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ ئەزەلدىن كېلىۋاتقان ئەن-ئەنەۋى قايدىمىز، ئۆز-ئارا ياردەم قىلىشتۇر ، مىيىت چىققان ئۆي ياكى توي-تۆكۈن بولغان ئۆيلەردە،ئۆي ئىگىسىگە ھاردۇق يەتكەن بولىدۇ.كىرىپ-چىقىدىغان ئادىم كۆپ بولغانلىقتىن بىر ئىش قىلىش قۇلايسىز بولىدۇ.شۇڭا خولۇم-خوشنىلار تاماق قىلىپ،تاۋاق سۇنىيدۇ.بۇ-خىل پالىيەت نەچچە كۈن داۋام قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تەببيى ھالدا توي-تۆكۈن،ئۆلۈم-يىتىم بولغان ئۆيلەردە نەچچە كۈنلەپ تاماق ئېتىلمەيدۇ.تەدىرجى  بۇ پالىيەت قايدىغا  ئايلىنىدۇ.مانا شۇنىڭ بىلەن مېيىت چىققان ئۆيدە تاماق ئەتسە يامان بولىدۇ دىگەن ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ.
     دىمەك، ھەرقانداق بىر نىمىنىڭ شەكىللىنىشىدە بىر ئىش سەۋەپ بلىدۇ. يۇقۇرقىدەك«يامان بولىدۇ»نى ھازىرغىچە قوللىنىپ كىلىۋاتىمىز.بەزىلەر بالىلىرىغا تەربىيە-نەسىيەت بېرىشنىڭ ئورنىغا،ئۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ.بۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ،ئادەم ئۇرساڭ يامان بولىدۇ دەپ،ئادەم ئۇرسا نىمە ئۈچۈن يامان بولىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرمەي،قاتمال ھالەتتە«يامان بولىدۇ» بىلەن تەربىيەلەپ چوڭ قىلماقتا.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەت دەۋرىمۇ-دەۋرە داۋاملىشىپ كەلمەكتە،  
     مىللىتىمىزنىڭ سۆز ئىبارىلىرىدە،نۇرغۇن«يامان بولۇدۇ»لار سالماقنى ئىگەنلەيدۇ، >ناننىڭ ئۇگىكى يەرگە چۈشۈپ كەتسە يامان بولىدۇ،سۇغا تۈكۈرسەڭ يامان بولىدۇ،چوڭلارغا سالام بەرمىسەڭ يامان بولىدۇ،كىچىكلەرنى ئىززەتلىمىسەڭ يامان بولىدۇ،ئسراپچىلىق قىلساڭ يامان بولىدۇ. دىمەك بۇلار ھىكىمەتلىك« يامان بولۇش»لاردۇر.بۇ ھىكىمەتلىك« يامان بولۇش»لار ئۆز دەۋرىدە قانۇن-تۈزۈملەردەك ئۆز رولىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن،ھازىرمۇ سالمىغى بار. مىنىڭچە ھازىردىن تارتىپ ئەۋلاتلىرىمىزغا «يامان بولىدۇ»لارنىڭ مەنىسىنى بىرگە چۈشەندۈرۈپ ماڭغان بولساق، ئۇلارنىڭ نەزەر دايىرسى ئېچىلىپ ماڭغان بولاتتى.نىمىنىڭ ھەقىقى يامان بولىدىغانلىغىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن بولاتتى. مەن مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋىتىپ بىر كىچىك بالىدىن سوراپ باقتىم.ھەي بالام،چوڭلارنى ھۆرمەت قىلمىسا،نىمە ئۈچۈن يامان بولىدۇ؟جاۋابى ناھايىتى ئاددى ئىدى،«شۇ يامان بولىدۇ» 
       مىنىڭمۇ كىچىك ۋاختىمدا شۇنداق تۇيغۇ بولىدىغان،ھوي تونۇنى تەپسەڭ يامان بولىدۇ دىسە،نىمىشكە يامان بولىدىغاندۇ؟تونۇنىڭ ئىچىدە جىن بار ئوخشايدۇ دەپ تونۇنىڭ يىنىغا يالغۇز بارالمايدىغان ئىدىم.دىمەك چۈشەنچە بولمىسا ئىنكاسمۇ بولميدىغان ئشكەن.  تەربىيەنى كىچىك ۋاقىتتىن باشىغان ياخشى.چۈشەنچە بالدۇر بولسا،ئنكاسمۇ تېز بولىدۇ، ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باللىرىنى تەييارلىق سىنىپلاردىن باشلاپلا كورسىلاردا ئوقۇتىۋاتىدۇ،مىنىڭچە كىيىن سالغان ماددى مەبلەقتىن بۇرۇن سالغان مەنىۋى مەبلەقنىڭ ئۈنىمى ياخشى دەپ قارايمەن.  
     مەن ئۆزەمگە قاراڭغۇ بولغان«يامان بولۇش»لارنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشۈنۇپ بىقىش ئۈچۈن دىننى ئىشلار ئورۇنىدا  مالىملىق قىلىدىغان بىر تونۇشىمدىن سوراپ باختىم.  ئۆلۈن-يىتىم،نەزىر-چىراقلاردا سۇيقاشنى تاق چوكىدا ئىشمىسە «يامان بولىدۇ»ھەتتا ئۆلۈممۇ جۈپ بولۇپ قالىدۇ،دىگەننىڭ ئاساسى بارمۇ؟   يوق،چوكىنىڭ تاق-جۈپلىگى بىلەن ئۆلۈمنىڭ ھىشقانداق مۇناسىۋىتى يوق،ئۆلۈم-نەزىر چىراقلاردا ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن چوكا يىتىشمەيدۇ،بۇمۇ بىر سەۋەپ. چوڭلار ئارىسىدا،ئۆلۇم پەتىسىدىن يىنىپ بىرسىنىڭ ئۆيىگى كىرسە يامان بولىدۇ، دەيدىغان گەپ بار،بۇنۇڭمۇ ئاساسى بارمۇ؟  بۇ خىل ئىللەت بىزلەردە خېلى ئېغىر،بۇنۇڭمۇ ھىشقانداق ئىلمى ئاساسى يوق.بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن رەنجىش بەك نادانلىق.   
    مەن قايتىپ كىلىۋىتىپ ئويلاپ قلدىم،بىزدە نۇرغۇن  ئىلمى ئەھمىيەتكە ئىگە «يامان بولىدۇ»لىرىمىز بار بولۇپ،بۇ بىزنى توغرا يولغا باشلاپ،ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرگە تېخىمۇ گۈزەل ھەم ئەخلاق نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ.بىز ئەنە شۇ ئېسىل دۇردانلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىپ،بىزدىكى«يامان بولىدۇ»لارنى توغرا قوبۇل قىلالايمىز دەپ قارايمەن.

          مەنبە؛بىزدىكى«يامان بولۇدۇ»لاردىن پايدىلاندىم
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(aces)
  • دوستلىشىش
    بىلىك
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6777
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 52
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 612 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-28
    ئاخىرقى: 2012-01-04
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-19 16:15

    < يامان بولىدۇ > بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتمەس تۈگىمەس ھېكىمىتى، ئەجدادلار ئەقىل-پاراستىنىڭ جەۋھىرى، تۈمەن مىڭ يىللىق تۇرمۇشنىڭ تەجىرىسى، ھايات-ماماتلىق كۈرەشلىرىنىڭ يەكۈنى. ئەجدادلىرىمىز ئىنسانىي ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى، ئىلغار كۆزقاراشلىرىنى، مۇھىت، ئۆرىپ-ئادەت، قەدىر-قىممەت قوغداش ئېڭىنى، جۈمىلىدىن مىللى ئاڭلىرىنى ئاشۇ بىر ئېغىز < يامان بولىدۇ > غا مۇجەسسەملەپ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئاڭسىز رەۋىشتە بىزگىچە يەتكۈزۈپ كەلگەن. < يامان بولىدۇ > لارنىڭ ئىلىمي ئاساسى ئىنتايىن كۈچلۈك.  تارىخى، ئىجتىمائى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىلم-ئىرپان ئىشلىرىمىز كەينىدە قالغان بولغاچقا ئاتا-بوۋىلىرىمىز   بۇرۇنقىلار ئۆگەتكەن تەلىم-تەربىيلەرنى كېينكىلەرگە ئىلىمى شەرھىيلەپ بېرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان، لېكىن شۇ تەلىم-تەربىيە،  نەسىھەتلەرنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنى كاللىسىغا سڭدۈرۈپ، سادىقلىق ۋە ئاڭسىزلىق بىلەن داۋاملاشتۈرۈپ كەلگەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىز   < يامان بولىدۇ > دىغان ئىشلارنىڭ پەقەت يامان بولىدىغانلىقىنىلا بىلىدۇ، قالغىنىنى بىلمەيدۇ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئاقىللىرىمىز < يامان بولىدۇ > دىگەن سۆزنى تەتىقىق قىلىپ توم-توم ماقالىلەرنى يېزىپ، بىر-بىردىن شەرھىيلەشكە باشلىدى.  < يامان بولىدۇ > نى ھازىر بالىلارغا چۈشەندۈرىمەن، دېسىڭىز بىر سائەت سەۋرچانلىق بىلەن كاسىلداشقا مەجبۇر بولىسىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇرۇن < يامان بولىدۇ > دا دەپ بولغان گەپلەرنى ھۆكۈمەت ھازىر < ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش>، < قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش قانۇنى>،< ئەخلاق قۇرلۇشى>......دىگەن ناملاردا دەۋاتىدۇ. دېمەك ئاتا-بوۋىلىرىمىز  دانا بولغاچقا  < يامان بولىدۇ >  دىگەن بىر ئېغىز ئىخچام سۆز بىلەن نەچچە مىڭ يىللىق ئۈنۈملەرنى قازانغان. ھېكىمەتكە پەتىۋا تاپقاننى نەدە كۆرگەن، بېشىڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ بۇنىڭدىن پەتىۋا چىقىرالمايسىز، چالا موللامنىڭ ئۆزى يېزىۋالغان ھەپتىيىكى ئەمەس ئۇ پەتىۋا چىقىرىدىغان.