باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 367 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: :«ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ»توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 13:04

:«ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ»توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم

 
      يالغۇز بورە مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى،نادىر تېمىلارنى يازغۇچى ئارزىگۈلنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان ماقالىسىنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم،     (دېمىسىمۇ ئانىلار جەمىيەتنىڭ كىچىك بوشلىغى بولغان،شۇ كىچىكىنە ئاھىلە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمۈرىنى قۇربان قىلىۋىتىدۇ.)ئاڭىماققىغۇ شۇنداق،دىمىسىمۇ شۇنداق. لېكىن كوپ ساندىكى ئانىلىرىمىز ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
      ئاياللىرىمىز تۇغۇللىشىدىنلا گۈزەل ھەم مىھرىبان بولۇپ يارتىلغان.شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈنلا ئاياللىرىمىزدا تۇغما مىھرىبانلىق ھەم كۆيۈمچانلىق قان-قىنىدا مۋجۇت. 
   ئانىسىز دۇنيا مەۋجۇت بولمايدۇ،مىھرىبانلىق ھەم كويۈمچانلىقنى ئانىلار ياراتقان.دېمەك ئانىلار ئۇلۇقتۇر.  
      (راھەت كۆرۈش پۇلنى بۇزۇپ - چېچىپ بەتخەجلىك قىلىش ئەمەس، تۇرمۇشنى ئەيش - ئىشرەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشمۇ ئەمەس، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەكەببۇرلۇق قىلىشمۇ ئەمەس)دەپ ئانىلار ئۆز كوڭلىنى ئىزھار قىلغان.دېمەك ئاياللىرىمىزغا كېرەك بولغىنى مىھرى-مۇھابەت،باشقىلارنىڭ ئۇلارنى چۈشۈنىشىدە ھەم كۆيۈنىشىدە.   
    ھەر-قانداق بىر ئىنسان،ئاتا-ئانىسىنى راھەت-پارھەتتە ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدۇ،لېكىن ئانىدىكى مىھرى-مۇھەبەتنىڭ كۈچى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۆزى بىلىپ-بۈلمەي ئۆزىنى ئاھىلىسىگە ئاتىۋىتىدۇ،مانا بۇ ئاياللىرمىزنىڭ مېھرىلىك كۈچىدۇر.   
     (ئاياللار راھەت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلمامدىغاندۇ؟) ھەر-قاندق بىر ئىنسان راھەت-پارەھەتتە ئۆتۈشنى  ئارزۇ قىلىدۇ،ئاياللىرىمىزمۇ ھەم شۇنداق.بىر ئاھىلىنى ئورتاق گۈلەندۈرۈش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاشلا مەسۇليىتى.ھەممە ئىشتا ئاياللارغىلا يۆلىنىۋىلىش بىز ئەرلەرگە نىسپەتەن ئاقىلانىلىق ئىش ئەمەس.ئەرلىرىمىزنىڭ ئاھىلىگە بولغان مەسۇليىتى،ئاياللىرىمىزنىڭ ھوزۇر-ھالاۋىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ قارايمەن.   
    (  ۋاقىت ئاياللارنىڭ ھۆسنى ۋە كۈچىنى خورىتىپ،قورۇق ۋە ھارغىنلىقنى ھەدىيە قىلىدۇ).بۇمۇ بەلكىم بىر-قىسىم ئاياللىرمىزنىڭ جەمىيەتكە قىلغان شۇۋارىدۇر،بۇنى توغرا چۈشۈنۈش كېرەك. ھازىر بىر قىسىم ئەرلىرىمىز،ئەرلىك غورۇر تۇغىنى ئىگىز كوتۈرۋىلىپ،ئاھىلىسى بىلەن كارى بولماي،جەمىيەتتىكى بولمىغۇر ئىشلارغا ئارلىشىپ،ئاھىلىسىدە تاينى يوق،جەمىيەتتە پايدىسى يوق مەخلۇقلارغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.بۇنداق ئەرلەرگە تەككەن ئاياللىرمىزنىڭ جېنىغا ۋاي. 
    (   ئاياللار ،ئۆزۈڭلارنىڭ راھەت  كۆرۈشۈڭلارغىمۇ ۋاقىت ۋە شارائىت   ھازىرلاپ قويۇڭلار)بۇمۇ بىر قىسىم ئاياللىرمىزنىڭ كۆڭۇل سۆزىدۇر. ھازىر جەمىيىتىمىزدە،بەخىتلىك ئاھىلىلەر ناھايىتى كوپ.ئاھىلىسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرشىۋاتىدۇ.بەخەتلىك ئاھىلىلەردە ھارغىنلىق بولمايدۇ.ئۆز-ئارا كۆينىش،ياردىم قىلىش،ئۆز-ئارا مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش ئۇلارنىڭ ئورتاقلىغىنىڭ ئاساسى.   ئەرلىرىمىز ئىچىدىمۇ ئۆزىنى بىغىشلاش روھىغا ئەگىلەر كۆپ،ئۇلاردىن ئۈگۈنىشىمىز زۆرۆر.  
    (    ئاياللار ،ئۆزۈڭلارنىڭ راھەت  كۆرۈشۈڭلارغىمۇ ۋاقىت ۋە شارائىت   ھازىرلاپ قويۇڭلار، ھەرگىز مانا-ئەنە دەپ ،ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ  ئۆتكۈزىۋەتمەڭلار.تەخسىدىكى گۆشنىڭ ھەممىسىنى بالام يىسۇن دېمەڭلار.يىققان - تەرگەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆينى ياساشقا ،بارلىق زېھنىي كۈچۈڭلارنى خىزمەتكىلا سەرىپ قىلىۋەتمەڭلار .بايراملىق سوۋغات بېرىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىسمىنى يېزىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار).بۇمۇ بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ساداسىدۇر.    بۇ كوپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ئورتاق ساداسى بولماسلىغى مۈمكۈن دەپ قارايمەن.بىر لايەقەتلىك ئاھىلە باشلىقلىرىغا نىسپەتەن،پۈتۈن ھاياتىدىكى ئەڭ ئېسىل مەزگىللىرىنى ئاھىلىسى ئۈچۈن، بالىلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىدۇ،بۇ ئىخلىمدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگىدۇر.   
     ئانىلار جاپاكەش،مىھرىبان،كويۈمچان،شۇڭا ئۇلار ھۆرمەتكە سازاۋەر .  جەمىيىتىمىز،ئەرلىرىمىز،باللىرىمىز ئورتاق ئانىلىرىمىزغا كۆيۈنىشىمىز،ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز،مىھرىبانلىق ئاتا قىلىشىمىز زۆرۈر.    دىمەك مىھرىبان ئانىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى ئاھىلىسى ئۈچۈن،باللىرى ئۈچۈن قۇربان قىلغان،بىزمۇ ئۇلارنىڭ قۇربان بېرىش روھىدىن ئۈگۈنىشىمىز كېرەك.بىزمۇ ئۇلارنىڭ راھەت كورىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى.  
    ئاياللار دۇنيانىڭ ئانىسىدۇر،باللىرىمىزنىڭ ئاپىسىدۇر ھەم ئويۇمىزنىڭ گۈلىدۇر،دىمەك ، ئايالسىز دۇنيا مەۋجۇت ئەمەس. ئاياللارنى تەرىپلىسەك تۈگۇمەس سۇپپەتلەر بار،ئانىلار ئۇلۇق،ئانىلار مېھرىبان،ئانىلار كويۇمچان ۋە باشقىلار.دىمەك ئانىلار جاسارەتلىكتۇر.    ئانىلار سىزلەرنىڭ تۆككەن قان،ياش،تەرلىرىڭلارنىڭ بەدىلىگە ئاھىلەڭلار،بالىلىرىڭلارنىڭ يىلتىزىغا ئوزۇق بولۇپ مەڭگۈ پورەكلەپ گۈل ئاچىدۇ. 
     ئۈنسىز توھپە قوشۇۋاتقان ئانىلارغا،پۇتۇن ئىنسانىيەت نامىدىن كۆپتىن-كۆپ رەخمەت ئېتىمەن.     


        مەنبە:ئىجايىتىم