باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 9473 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئالىي مەكتەپتە مۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ئاز ئەمەس
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1938
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 352 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2011-12-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 00:44

ئالىي مەكتەپتە مۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ئاز ئەمەس

مۇشۇمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ ؟ لەنەت
بىز دائىم توختىماستىن : ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى دېيىشىپ كىتىمىز.
بۇ توغرا سۆز . ئوقۇتقۇچى راستىنىلا ئۇلۇغ ئىنسان .
بىراق مەن بۇيەردە بىز نىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بىر قىسىم تويماس ھارامزادە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز نىڭ ئاز-تولا ئىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي ..
مىنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئەمەس . ئاز بىرقىسىم مائارىپ ساھەسىگە كىرىۋېلىپ تويماس نەپسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇلى بىلەن توقلايدىغان ئادەم سۈرئەتلىك مەخلۇقلار....
1. ئەگەر سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز بىلەن كۆڭلىڭىز يېقىن بولسا ، ئىمتىھاندا غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .. ئاز-تولا بىرنەرسە كۆتۈرۈپ كىرسىڭىزلا ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولىسىز ..
2 . سىنىپ ئولتۇرۇشلىرىدا سىز ئەر ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز بىلەن بىخۇدۈك ھاراق ئىچىپ ئولتۇرىسىز . پەردىشەپ دەيدىغان نەرسە يوق ...
3 . سىنىپ پۇلى دەپ بالىلاردىن تازا پۇل يىغىپ ، ئاخىردا تۈكى يوق نەرسىلەر بىلەن ھېسابنى تۈگىتىپ تېخى بالىلارنى قەرز قىلىپ قويىدۇ ..
4 . ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىدە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىغا پۇل بەرمىسىڭىز ماقالىڭىزگە نەزەر كۆزىنىمۇ قويمايدۇ ...
بۇ يەردە تىلغا ئىلىنغانلىرى ئاز بىر قىسمى ..
ئەگەر سىز بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولسىڭىز لىللا گەپ قىلىپ بېقىڭ مۇشۇنداق ئىشلار بارمۇ يوق ...؟
مۇشۇنداق تەربىيە مۇشۇنداق مائارىپتا قانداقمۇ ساپالىق بىر ئەۋلاد يېتىشىپ چىقالىسۇن ..؟
مۇشۇنداق مەكتەپ مۇھىتى ، مۇشۇنداق نومۇرنى پۇلغا سىتىۋالىدىغان مەكتەپلەردە قانچىلىك ئوقۇغۇچى جەمىئەتكە چىقىپ پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغاندۇ ؟
بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مۇشۇنداق بولۇپ كېتىۋاتقان دەۋردە بىز يەنە كىمدىن ئاغرىنىپ يۈرىمىز ؟



باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 644
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە644دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 8049 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-04-30

بۇنىمۇ تەھرىرلىۋەتمەسسىز ھە
http://bbs.meripetyoli.com
كۆرەش ياشىسۇن !!! ....
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6307
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 117
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1280 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 12:35

  بۇنداق ئىشلار مەن تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقۇغاندىمۇ بولغان ،  سىنىپتا مىللەت ،ئەخلاق ،قانداق ئادەم بۇلۇش ھەققىدە ئۇلۇغ دەبدەبىلىك گەپلەر بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا تەربىيە بىرىدىغان بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىللىرمىز مەكتەپ پۇتتۇرۇش ئولتۇرۇشىدا بىزلەرگە ئىككىلەنمەي ھاراق قۇشقان !  ئچمىسەك  قىز ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تىىگىدىغان ماز گەپلەر بىلەن ئوسال قىلغانتى(شۇ بىزنى كۈلگەن خان جانلار ھازىر قازان داشۆ جاڭگال داشۆسىدە يۈرۈيدۇ ! ) .........   يەپ -ئىچىش تۈگەپ مۇزىكا ياڭرىغاندا قارىسام  ئۈزىنىڭ سىڭلىسىدەك قىز ئۇقۇغۇچىللىرنى تانسىغا تارتىپ چاپلىشىپ ئويناپ كىتىپتۇ ......... بەزى ئادەملەر ئدىيسىنى مۇشۇنداق تىزلا 180 گرادۇس  ئۆزگەرتەلەمدىكىن تاڭ بىلمىدىم ، ئەلۋەتتە ھەممە ئۇقۇتقۇچىلار بۇنداق ئەمەس ، ئۇمۇ ئادەم  بولغاندىكىن بۇلالمىسا  ئوينىسۇن ، ئىچسۇن ،چەكسۇن ....! ئۈيىدە خۇتۇنى بىلەن ئوينىسۇن ، قاۋاقتا ئىچسۇن ، مەكتەپنىڭ تېشىدا چەكسۇن ! ئۇششاق بالىلارنى ياخشى تەربىيلىمەكنىڭ تەسلىكىدە ، ئۈزى ئۇقۇتقۇچى تۇرۇپ   ئاشۇنداق تەتۈرسىگە<  تەربىيلىسە > ئادەمنىڭ قەتئى ئىددىيسىدىن ئۆتمەيدىكەن ........
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە  ئەجدادىڭنىڭ  پۇتى يارا !!!..........
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 347
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە347دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2223 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-05-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 14:10

كىلاسسىك  بوپ كەتكەن ئىشلارغۇ بۇ!~~~
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 820
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە820دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9561 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-05-01
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 18:37

    
     كىچىكىمىزدىن باشلاپ « ئوقۇتقۇچى - ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ كەلدۇق.   ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىلار راستىنلا « ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى»غا ئايلىنالىدىمۇ؟   مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە، بۇ ماقامغا يەتكەن ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
    ھازىرغا قەدەر ماڭا بىرەر قېتىممۇ  «ئادىمىيلىك دەرسى» ياكى  «قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىش  دەرسى» ۋە ياكى ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ قانداق ياشاش كېرەك؟ دېگەنلەرگە جاۋاب تاپىدىغان دەرس ئۆتۈلۈپ باقمىدى دەپ قارايمەن. بەلكىم باشقا تورداشلىرىممۇ بۇنداق دەرسنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسا كېرەك.  ئەمما، يۇقارقىلار  ئۆزىنى ئادەم دەپ قارىغان ھەر بىر مەخلۇق چوقۇم بىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ ئاساسىي بىلىم ئىدى.  ئەپسۇس، نۇرغۇنلىغان   « ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز روھىغىمۇ ئىنژىنىر بولالمىغانلىقى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ تۇرماقتا. بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار قانداقمۇ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئادىمىيلىكنى ئۆگىتەلىسۇن؟ ( يۇقارقىلار پۈتۈنلۈك ئەمەس، ھەقىقىي ئىنژىنىرلارمۇ باردۇ بەلكىم).       ھازىرقى كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پەزىلىتىدە ئېغىر مەسىلە بار. گەرچە كۆپ ئۇلار ئۆز كەسپىدە پىشىپ يېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئادىمىيلىك جەھەتتە پىشىپ يېتىلەلمەپتۇ. ھەر كۈنى دەرس ئارىلىقىدا كارىدورغا چىقىمىز. كارىدورنىڭ ھەر ئون نەچچە مېتىر يېرىدە بىردىن «禁止吸烟 تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىلار ئېسىلغان.  ئەمما، ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىش دەل مۇشۇ يەردە.  بىز بىلىمىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۆزىنىڭ ئوقۇغان مەكتەپلىرىنى، بېرىپ كەلگەن دۆلەتلىرىنى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ ئېغزىمىزدىن سېرىق سۇ ئېقىتىۋېتىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەل ئاشۇ تاختىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، تاماكىلىرىدىن پۇرقىرىتىپ ئىس چىقىرىشىدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن يۇقىرى بىلىملىك، دائىم خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ تۇرىدىغان دوكتۇرلارمۇ بار .بۇنداق ئەھۋالنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمەن.  ئەجابا، ئۇلار بىلىملىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا، قائىدە- تۈزۈم، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماسلىق ھوقۇقى بولامدۇ؟  

    ئوقۇتقۇچىلار بىزگە مەخسۇس ئادىمىيلىك تەربىيىسى بەرمىسىمۇ مەيلى دەيلى، ھىچ بولمىغاندا ئۆزلىرى ئىتىقادلىق، دىيانەتلىك ئادەمدەك ياشاپ، بىلىمىگە يارىشا پەزىلەتنىمۇ ئۆزىدە نامايەن قىلسا، ئوقۇغۇچىلار ئۇلاردىن ئۈلگە ئالغاندا پەقەت بىلىمىدىنلا ئۈلگە ئالماي، پەزىلىتىدىنمۇ ئۈلگە ئېلىپ، ئۆزى ئۈچۈن توغرا نىشان تىكلىۋالسا، جەمئىيەت پەقەت پەن تېخنىكا، ئىقتىساد جەھەتتىنلا تەرەققىي قىلماي، ئىنسانپەرۋەرلىك، مەنىۋىيەت جەھەتتىمۇ تەرەققىي قىلسىا، ھەقىقىي تەرەققىيات مەيدانغا كېلەمدىكىن، دەپ ئويلايمەن.    
         گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى  ئالىي مەلۇماتلىق، «يۇقىرى ساپالىق» بولغان،  جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار زىيالىيلارنى ۋە زىيالىي بولغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان، قىسقىسى، ئىلىم جەھەتتىن خەلقىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كىشلەر بولسىمۇ، ئەمما، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى، ياشاشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ئازراقمۇ توغرا چۈشەنچە بېرەلمىدى. ئۇلار  ئۆزىنى مۇسۇلمان سانايدىغان تۇرۇقلۇق، ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلغان ھەقىقىي ئەخلاق -پەزىلەتنى ئوقۇغۇچىلىرىغا سىڭدۈرەلمىدى. ھەتتا، بۇنداق ئەخلاق پەزىلەتلەردىن ئۆزلىرىمۇ مۇستەسنا.
       بىزگە  كېرىكى پەقەتلا پەن- تىخنىكىمۇ؟  دوكتۇر ئاتالغان بىر قېرى ئادەمنىڭ دائىم تانسىغا ئويناشنىڭ، كېچىلىككە بېرىشنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرۈشى ئۇنىڭغا ماس كېلەمدۇ؟
       ئادەمنى  ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسە ياخشى ئەخلاق- پەزىلەتمۇ ياكى پەننىي بىلىممۇ؟  مېنىڭچە يۇقارقىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان ئادەم ئەڭ ھۆرمەتلىك، ئۇنىڭدىن قالسا، بىلىمسىز بولسىمۇ پەزىلەتلىك بولغان ئىنسان ھۆرمەتلىك، ئەخلاقسىز ئادەملەر نەزەرىمدە ھۆرمەتلەشكە لايىق ئەمەستۇر!  ئەخلاق- پەزىلىتى ناچار ئادەملەرنىڭ ئۆزىدىكى بىلىمنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىدىغانسىلەر؟  
      كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئەنە شۇنداق ئىتىقادسىز، ئۆزلۈكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، پەقەت ماددىي مەنپەئەت ۋە ماددىي تەرەققىياتنىلا ئاساسىي نىشان قىلىۋالغان، شۇنداقلا، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئەنە شۇنداق ماتىريالىستىك نۇقتىئىنەزەردىن كېلىپ چىققان خاتا ئىدىيىلەر بىلەن تەربىيىلىمەكتە.
       بەلكىم سىز ئادەم بولۇش، ياشاشتىكى نىشان بولۇش، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەربىيەنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بېرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە ئۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا ئارىلىشىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، ئويلاپ باقتىڭىزمىكىن، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئەنە شۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان بىزدەك ستودىنتلار ئەمەسمۇ؟  ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىزگە ئادەم بولۇشىنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتى بولمىسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئادەم بولۇش مەجبۇرىيىتىمۇ يوقمۇ؟  ھەممە ئىشنى پەقەت مەجبۇرىيەت ئۈچۈنلا قىلامدۇق؟
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:
سىلەر ھەممىڭلار پادىچى.  ھاكىم پۈتۈن يۇرتتىكىلەرنىڭ پادىچىسى، ئەر كىشى ئائىلىسىنىڭ پادىچىسى. ئايال كىشى  ئېرىنىڭ ئۆيى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ  پادىچىسى.  ھەممىڭلار ئۆز پاداڭلاردىن سوئال- سوراق قىلىنىسىلەر.

      بەزىلەر ئالىي مەكتەپتە ئەخلاق تەربىيىسى دېگەندەك ئۇششاق ئىشلارغا ۋاقىت ئاجرىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.  ئادەمنىڭ خارەكتىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە يېتىلىپ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
      ئۇنداقتا مەملىكىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە نېمىشقا "ئىدىيە ئەخلاق  思想道德 " دەرسىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ؟ بۇ دەرسلىك ھەرقانداق ئالىي مەكتەپتە زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدۇ.  پەيغەمبىرىمىز ئىسلام دىنىنى دەسلەپتە نەچچە ياشلىق ئادەملەرگە چۈشەندۈرگەن؟  ئىسلامغا كىرگەنلەرنىڭ ئەخلاقى قانداق ئۆزگەرگەن؟  ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېشىدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئىدى.
      ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى جەمئىيەتتىكى كىشلەرنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قايسى يۆنىلىشتە مېڭىشىغا، شۇنداقلا، سىياسەتنىڭ قانداق يۈرگۈزۈلۈشىگە  ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلاردۇر. چۈنكى، ھاكىميەت ئورۇنلىرىدىكى  ھەر قاتلام، ھەر ساھە كىشلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن تەربىيىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، ئىنژىنىرلار.... ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيىسىدە يېتىلگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى پۈتۈن جەمئىيەت كىشلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتى پۈتۈن جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
        ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى ھەم باشلامچىسى. سىتۇدىنتلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي زىيالىيلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى ھەم پەزىلىتىگە باغلىق. شۇڭا، مىللىتىمىزدىكى پىكرىي يۈكسىلىشنى ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى تەرەققىياتنى مەيدانغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم، ھەممىنىڭ تەربىيەتچىسى بولغان  ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىدە توغرا  دۇنيا قاراش تىكلىشى، ئىدىيىسىنى توغرىلىشى، پەزىلەتنى ئۆزىدە نامايەن قىلىشى، ئوقۇغۇچىلىرىغا ئادىمىيلىك، توغرا ئەقىدە-ئىتىقادنى سىڭدۈرەلىگۈدەك بولۇشى ۋە شۇنداق قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت كەسپىي جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشىنى كۆزلىمەي، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگىمۇ يۇقىرى سەۋىيە ھازىرلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تىرىشىشى كېرەك.
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2470
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2470دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30381 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 19:44

ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆتمۇ نىمە؟  بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ شۇ .....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2351
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 204
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1075 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-26
ئاخىرقى: 2011-12-12
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 23:32

شو ئوقوتقوچلادن بر نەچچىنى ئتۋەتكەندە ئوڭشلامدكى  بو تۇيماس ھارملا  مەن شو .ئوقتقچلا تۇپەيلى مەكتەپتە ئوقالمغان
دوستلىشىش
maniwer2010
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 723
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە723دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7714 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-05-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 00:35

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى kaysarjan نىڭ 2011-06-17 23:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
شو ئوقوتقوچلادن بر نەچچىنى ئتۋەتكەندە ئوڭشلامدكى  بو تۇيماس ھارملا  مەن شو .ئوقتقچلا تۇپەيلى مەكتەپتە ئوقالمغان

مەكتەپتىمۇ ئوقالمىغان ھالىڭغا باقماي مۇنۇ كۈندە نەچچە مىڭ زىيالى كىرىپ تۇرىدىغان مۇنبەردە ئاشۇ چالا ساۋات ئەخلەتلىرىڭنى خالىغانچە چېچىۋاتامسەن ،،،،؟؟ ..
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-05-01
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 12:51

بىزنىڭ مەكتەپتە مەن ئۇچراتمىدىم ئۇنداق ئەھۋاللارنى،خېلى ئېسىل مەكتەپ بۇ
نېمە؟نەدە؟قاچان؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7819
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2011-12-04
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 13:40

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى adash نىڭ 2011-06-18 12:51 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزنىڭ مەكتەپتە مەن ئۇچراتمىدىم ئۇنداق ئەھۋاللارنى،خېلى ئېسىل مەكتەپ بۇ

قارىغاندا سىز چەتئەلدە ئوخشىمامسىز؟
ئۆتمۈشنى بىلمىگۈچە بۈگۈنكى كۈننىڭ مەنىسىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس!