
دۇنيادا پەقەت بىرلا مۇخبىر بېن لادىننى زىيارەت قىلغان، ئۇ بولسىمۇ دەل ئامېرىكىلىق مۇخبىر — پېتېر ئارنېت. ئۇ 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىدە 50 نەچچە يىلنى ئۇرۇش مەيدانىدا، جۈملىدىن، ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن تارتىپ پارس قولتۇقى ئۇرۇشى، ئىراق ئۇرۇشىغىچە بولغان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە زەمبىرەك ئوقلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن. ئۇ نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنى، جۈملىدىن سادام، كاستىرو، بىنەزەر بوتتۇ ۋە ئافرىقا، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ داھىيلىرىنى زىيارەت قىلغان. يېقىندا، ئۇ ئۆزىنىڭ بىن لادېننى زىيارەت قىلىش جەريانىنى تەپسىلىي ئەسلەپ ئۆتتى.
«ئۇ بۇرۇنلا مۇشۇ ئاقىۋەتكە قېلىشى كېرەكتى»
پېتېر ئارنېت 1997-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى يېرىم كېچىدە بىن لادېن بىلەن كۆرۈشۈشكەن چاغدىكى ھالەتنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: «قويۇق ساقاللىق، ئېگىز بويلۇق بىر ئەر ‹KA-47› تىپلىق ئاپتومات بىلەن ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىردى. سوقما تاملىق ئۆيگە كونا گىلەم سېلىنغان، چىراغ يېقىغلىق ئىدى. سىرتتا سوغۇق شامال ھۇشقىيتىپ تۇراتتى. بىز بۇ كىشىنىڭ بىن لادېن — ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئاخبارات ئىدارىسى بېكىتكەن دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك شەخش بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق. ئۇ قەددىنى تىك تۇتۇۋېدى، ئاق سەللىلىك بېشى تورۇشقا تاقىشىپ قالايلا دەپ قالدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن ساقىلىغا ئاق ئارىلاشقان، چىرايىدا كۈلكە كۆرۈنمەيتتى، كۆزلىرىدىن جاھىللىق ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى. ئۇ ئاق ئۇزۇن يەكتەك، يەكتىكىنىڭ سىرتىدىن رەڭلىك ئۇرۇش جىلىتكىسى كېيىۋالغانىدى. ئۇ بىزگە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، جىلىتكىسىنى سېلىۋەتتى، ئاندىن ئۇدۇلىمىزدىكى كونا گىلەمدە ئولتۇردى. ئۇ ھېلىقى ئاپتوماتنى خۇددى ئەڭ ئامراق بالىسىنى قۇچاقلىغاندەك قۇچاقلاپ ئولتۇردى».
بىن لادېننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارىتا، پېتېر ئارنېت: «مېنىڭچە، بۇنداق ئادەمگە بۇ كۈن بەك كېچىكىپ كەلدى. ئۇنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا، ئۇ ئادەم ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى، ئىسلام ئىمپىرىيەسى قۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان» دېدى. بىن لادېن نۇرغۇن قەبىھ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پىلانلىغان، «11-سېنتەبىر» ۋەقەسى ۋە ئاففانىستان ئۇرۇشىنىمۇ ئۇ پەيدا قىلغان، يەنە ئىسپانىيە، پارىژ، ئەنگىلىيەلەردە يۈز بەرگەن تۈرلۈك تېرورلۇق ۋەقەلىرىگە، نەچچە 10 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. ئۇنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرى پۈتكۈل غەربتە تېررورلۇققا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتتى. ئەمما، ئۇ بۇنىڭ بەدىلىگە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئايرىلدى، ھەر تەرەپكە قېچىپ مۆكۈنۈپ يۈرىدىغان سەرگەردانلىق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ «بازا» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، نەچچە 1000 ئادەمگە ئىگە بولدى. ھازىر «بازا» تەشكىلاتى يەتتە دۆلەتكە سىڭىپ كىردى، ئىراق، سۇمالى، ئەرەب يېرىم ئارىلى، پاكىستان، ئاففانىستانلاردا تەشكىلاتى بار. «شۇڭا، بۇنداق ئادەمنى چوقۇم توسۇش، قوغلاپ تۇتۇش كېرەك. دۇنياۋى ئاساسىي ئېقىمدىكى تونۇشنىڭ ھەممىسى شۇنداق. ئۇ بۇرۇنلا مۇشۇ ئاقىۋەتكە قېلىشى كېرەكتى» دېدى پېتېر ئارنېت.
پېتېر ئارنېت مۇنداق دېدى:«بىز بۇ زىيارەتنى دەپ ئۈچ ئاي ئالاقىلەشتۇق. شۇ چاغدا بىن لادېن ئەرەب تاغلىق رايونىدا تۇرىدىكەن، بىز ئۇنىڭ ئوندوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئارقىلىق ئالاقىلەشتۇق. شۇ كەمگىچە ئۇ تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغانىكەن. ئۇ ئۈن، DVD ئارقىلىقلا سىرت بىلەن ئالاقىلىشىدىكەن. كېيىن ئۇنىڭ ئادەملىرى بىزگە ئۇنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى، يەنە كېلىپ، ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ‹CNN› نىڭلا زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئېنىقكى، ئۇ ‹CNN› نىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنى تونۇشتۇرماقچى ئىدى. مەن پارس قولتۇقى ئۇرۇشىنى تۇنجى خەۋەر قىلغان مۇخبىر، ئاففانىستاندىمۇ كۆپ يىل تۇرغان، مېنى بىن لادېنمۇ بىلەتتى».
پېتېر ئارنېت ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىن لادېننىڭ لوندوندىكى ئادەملىرى ئاففانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتى باشقۇرۇشىدىكى جالالئابادقا ئايروپىلاندا بىز بىلەن بىرگە باردى. بىز ئۇ يەردە ئالتە كۈن ساقلىدۇق. ئاندىن بىزدىن كىچىك تىپتىكى VD ئاپپاراتىدىن بىرنىلا ئېلىشىمىز تەلەپ قىلىندى. قاتتىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، بىزگە قارا كۆەينەك تاقاپ، ئۈستىدىن قارا پىلاستىردا پۈتۈنلەي ئېتىۋەتتى. ماشىنا ھەر 20 مىنۇتچە مېڭىپ بىر توختىغاندا، ‹بازا تەشكىلاتى› نىڭ قوراللىق ئەزالىرى بىزنى تەكشۈرەتتى. تاغ چوققىسىغا چىققاندا كۆزىمىزدىن كۆزەينەكنى ئېلىۋېتىشتى، قولىدا مىلتىق تۇتقان 30-40 چە ئادەم خۇددى ھازىرلا يەۋېتىدىغاندەك بىزگە ھومىيىپ قاراپ تۇراتتى. زىيارەت داۋامىدا، بىن لادېن تونۇشتۇرۇپ، بۇرۇن يەتتە قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستان ئەۋەتكەن ئادەملەر يالغان مۇخبىر بولۇۋېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاچقا، مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
زىيارىتىمىز ئاساسەن ئۇنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى بولۇپ، بىز بىرلىكتە 30 نەچچە سوئال تەييارلىدۇق، ئۇ چوڭقۇرلاپ سورىشىمىزغا يول قويمىدى. باشتا، ئۇنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئۇ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇردى، ئاۋازىمۇ مۇلايىم چىقاتتىم، بەزىدە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، بەزىدە يۆتىلىپ قوياتتى. كېيىن سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ، زوراۋانلىقنىڭ قانداقلارچە زۆرۈرلۈكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاففانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭ قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ھەم بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەتتى. ئەمما، ئۇ سىزگە ئىنتايىن خەتەرلىك ئادەمدەك تۇيۇلمايتتى».
پېتېر ئارنېت نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنى زىيارەت قىلغان. بىن لادېندىن بۇرۇن، ساداممۇ ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان؛ كۇبا پايتەختىدە كاستىرۇ ئۇنى ئۆزى بىلەن بىر مەيدان بوكس مۇسابىقسىىگە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان؛ ئۇ بوسىنىيەنىڭ سابىق ھەربىي داھىيسى — رادكوملادىسنى يۈزىدىن يۈزىگە ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدىڭىز، دەپ ئەيىبلىگەن؛ پاكىستاندا سابىق ئايال باش مىنىستىر بىنەزەر بوتتۇ بىلەن پاراڭلاشقان؛ ھىندونېزىيەدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئۇلۇغ كىنو ئارتىسى چاپلېننى زىيارەت قىلغان.
پېتېر ئارنېتنىڭ مۇخبىرلىق ھاياتى 1962-يىلى باشلانغان. ئۇ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىدە ۋېيتنام ئۇرۇش مەيدانىغا بارغان. شۇ چاغدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ھەممە پاراختنى تىزگىنلىۋالغاچقا، ئۇ ماقالە ئورگىنالىنى سۇلياۋ چېلەككە سېلىپ، ئۇنى چىشىدا چىشلەپ، ھەر كۈنى مېكوڭ دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ، ئەڭ يېڭى ئۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا يەتكۈزگەن. ئۇرۇش ۋەزىيىتى بارغانچە جىددىيلىشىپ، بىر قېتىملىق ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمدا، ئۇنى ۋېيتنام ساقچىلىرى ئۇرۇپ باش-كۆزىنى قانغا بويىۋەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇ 1966-يىلى «پۇلىتزېر پرىزېس خەلقئارا ئاخبارات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. داڭلىق مۇخبىر خارپې ستام پېتېر ئارنېتنى تەرىپلەپ: «ھەر قانداق مۇخبىرنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ ۋېيتنام ئۇرۇشىنى ئەسلىتىدىغان قامۇس. ئۇ باشتىلا شۇ يەردە ئىدى، ئاخىرىغىچە شۇ يەردە بولدى» دېدى.
ئۇ پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا يەنە بىر قېتىم چاقنىغان. «CNN» نىڭ داڭلىق مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇ بۇ ئۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك خەۋەر قىلدى ھەم سادامنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن زىيارەتكە باردى. شۇ قېتىم سادامنى زىيارەت قىلغانلىقى غايەت زور تالاش-تارتىش قوزغىدى. «CNN» نىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ 34 ئەزاسى ئۇنى بىرلىشىپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ سادامنى زىيارەت قىلغانلىقى «نېرۋىسىدىن ئاداشقان بۇ مۇستەبىتكە جارچىلىق قىلغانلىق، ئۇنى 100 دۆلەتكە قۇرۇق گەپ ساتقۇزدى» دېدى.
پارس قولتۇقى ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، شەھەرلەر قاتتىق بومباردىمان قىلىنىپ، مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى چېكىندى، ئەمما، پېتېر ئارنېت چېكىنمىدى. 1998-يىلى ئۇ «CNN» دىن «NBC» (ئامېرىكا رادىيو شىركىتى) گە يۆتكەلدى. ئۇ ئىراق دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ئۇرۇش پىلانىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر كېچىدىلا پوچتىدىن 35 مىڭ پارچە خەت كېلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈلدى، نۇرغۇن تەنقىدچىلەر ئۇنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى سۆزىنى ئەيىبلىدى. «NBC» ئامالسىز ئۇنى ئىشتىن بوشاتتى. ئەمما، ناھايىتى تېزلا لوندوندا چىقىدىغان «ئەينەك گېزىتى» نىڭ ئۇنى ئىشقا قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ گېزىتنىڭ 1-بېتىنىڭ باش تەرىپىگە ئېلان بېرىپ مۇنداق دېدى: «راست گەپ قىلغاچقا، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان، داۋاملىق راست گەپ قىلغاچقا،‹ئەينەك گېزىتى» ياللىۋالدى».
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-06-16 20:18قايتا تەھرىرلى ]