‹‹ پالۋان لوڭقىسى ›› ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسى 17 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە باشلىنىدۇ
ئۆز مۇخبىرىمىز(تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى) ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى ، فوتوسى : 13- ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ پالۋان تەنتەربىيە كۇلۇبى مۇخبىرلار كۈتىۋىلىش يىغىنى ئاچتى . شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى ، شىنجاڭ گېزىتى ، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار يىغىنغا قاتناشتى .
شىنجاڭ پالۋان تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ۋە باش مەشقاۋۇلى ئابدۇرەشىدخان ئابدۇلئەھەدنىڭ دېيىشىچە ، تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ پالۋان لوڭقىسى ›› ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسى 17 - ئىيۇن شىنجاڭ پالۋان تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن
. مۇسابىقە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قارىقاش كوماندىسى ، دولان كوماندىسى ، كۇچا كوماندىسى ، قىران بۈركۈت كوماندىسى ، بىڭتۇەن كوماندىسى قاتارلىق 11 كوماندا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ياش چەلمىسى يوق بولۇپ ، ماھىرلار ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە 45kg 52kg 56kg 60kg 65kg 70kg 75kg 80kg دىن ئىبارەت 8 دەرىجە بويىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن ، شەخىسلەر بويىچە سەككىز ئالتۇن مېدال ، سەككىز كۆمۈش بېدال تەسىس قېلىنغان بولۇپ ، كوللىكتىپ بويىچە ئالدىنقا ئۈچ كوماندا مۇكاپاتلىنىدىكەن .
مۇسابىقە مەيدانى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى شىنجاڭ پالۋان تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە بولۇپ ، بېلەت باھاسى ئايرىم ئايرىم ھالدا 30 يۈەن ، 50 يۈەن ، 70 يۈەن ، 100 يۈەن ، 120 يۈەن ئىكەن
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
بارغىلى پۇرسەت يوق دە .... كەڭسايلىقلار بارساڭلار كۆرگىنىڭلارنى مۇنبەرگە يوللاسىلەر ھە ....
تۆۋەندە پالۋان تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرەشىتخاننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي . ھىلىقى بىر چاغلاردا ھەممىمىز كۆرگەن ، تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرسەڭلەر ئىسىڭلارغا كىلىدۇ .
ئىسمى : ئابدۇرەشىدخان ئابدۇلئەھەد
يۇرتى : يەكەن
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1983 - يىلى
ئېغىرلىقى : 100 كىلوگىرام
بوي ئىگىزلىكى : 1 مىتىر 73 سانتېر
لەقىمى : ئاچ بۆرە
تەۋە كۇلۇبى : پالۋان كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى .
مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئارتۇقچىلىقى : رەقىبىگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ . مىللىيچە چېلىش ھەركىتىنى مۇسابىقىگە ياخشى ماسلاشتۇرۇپ رەقىىبىنى ئاسانلا يىقىتالايدۇ . پۇرسەت كۈتۈپ ھۇجۇمغا ئۈتۈشى ياخشى .
كەمچىلىكى بولسا : ئاسان ھېرىپ قالىدۇ . مۇدابىيەگە ئۈتۈپ ئۈزىنى قوغدىشى يىتەرلىك ئەمەس .
بىراق ئۇنىڭ كەمچىلىكىگە قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ ....
ئابدۇرەشىدخان ئابلەت يېقىنقى بىر نەچچەيىلدىن بىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يىتىشىپ چىققان ئەركىن بوكىس ماھىرى، ئۇ ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ مەملىكەت ئىچىدە 40 نەچچە قېتىمدىن ئارتۇق { 武林风 } مۇسابىقىللىرىغا ۋە باشقا مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ئۇنىڭ مۇسابىقىدە يىڭىش نىسپىتى 90 پىرسەنتتىن ئاشقان بولۇپ دۆلەت ئىچىدە { ئابدۇرشىدخان ئەپەندىم } نامى بىلەن تونۇلغان . ئابدۇرەشىدخان مەملىكەت ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدىغان { 武林风 } مۇسابىقىسىدە ئون نەچچە قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا رەقىبىگە KO ھۇجۇمى قىلغان . ئەركىن مۇشلاش بىلەن مىللىيچە چېلىش ھەركىتىنى ئۆلچەملىك بىرلەشتۈرۈپ مۇسابىقە ئوينايدىغان بۇ ياش يىگىت نۆۋەتتە 武林风 مۇسابىقە قاتناشچىللىرىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان رەقىبى بولۇپ قالدى ....
[ بۇ يازمىنىsirik 2011-06-15 13:28قايتا تەھرىرلىدى ]