باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1162 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزە( ئاخىرسى)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4447
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 575 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2011-06-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 15:43

ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزە( ئاخىرسى)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما sirik تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈلدى(2011-06-14)

   ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزە( ئاخىرسى)

             يۇقارقى مەسىللەرنى ھەل قىلىشتىكى تەدبىرلەر:

 

(1)   ناۋا پىروگراممىسى بىرلا خىل ناخشا ئېيتىش شەكىلى بىلەن ساقلىنىپ قالسا بولمايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن پىروگراممىغا قاتنىشىشى سالاھىيىتىنى كەڭ قۇيۇۋىتىپ ،رىقابەتلەشتۈرۈپ تاللاپ ۋە مەزمۇنىغا قۇيۇلدىغان چەكىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ،مۇقىم تۈزۈم بىكتىپ ۋە ئۇنى ئاممىغا ئاشكارلاپ ،قاتناشماقچى بولغان ياشلارنى بىر مۇقۇىم يۆنىلىش بىلەن يېتەكلەپ ۋە ھەركەت مەشغۇلات جەدىۋىلى بىلەن تەمىنلىششى كېرەك. بۇنىڭدا ياشلارنى يېتەكلىگىلى ۋە سەنئىتىمىزنىڭ ئاجىز ھالقىلىرنى تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدۇ .

(2)    ناۋا سەھنىسى ئۆينىڭ ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ،مۇمكىن بولسا ناھىيە يېزا قىشلاقلارغا،خۇددى مەشرەپ پىروگراممىسىغا ئوخشاش يۈزلىنىشى كېرەك .سەھنىنى كۆپخىللاشتۇرشى كېرەك. سەھرالىرمىزدىكى ياش سەنئەت تالانىتچىلىرمىزنىمۇ بايقىشى ،ئۇلارنى ئۆزلىرنىڭ ئىجىتمائى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىش ھەمكارلىق سېستىمىسى قاتناشتۇرشى كېرەك.

(3)    كىنو ،ئىتوتچىلىق ،دىرامما قاتارلىق ئاجىز ھالقىلىرمىزغا مەخسۇس سان ئاجىرتىپ ياكى بۆلەركلەرئاجىرتىپ ،ئەمىلى  سەنئەت شەكلى،چوڭقۇر باھا مۇلاھىزە شەكلى ياكى بۇھەقتە تالانىتى بار ،نەتىنجە قازانغان ياشلار ھەققىدە مەخسۇس ناۋاچە پىروگرامما ئىشلەپ  ۋە ئۇلارنى سەھنە ئارقىلىق يېقىن ئارلىق ئارقىلىق تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچۇراشتۇرۇپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

(4)   رىياسەتچىلىككە كەسپى رىياسەتچىلەرنى تەكلىپ قىلماي ۋە ئۇنى مۇلازىمەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماي ،ھەربىر سان ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئالدىدا رىياسەتچىلەرنى جەميەتتىكى رىياسەتچىلىككە قىزقىدىغان ،كەسپى ساھەدە ئۇقىغان لىكىن چوڭ پىروەراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ باقمىغان ،جەميەتتە ئەركىن سەرىياسەتچىلىك قىلۋاتقان تالانىتى بايقالمىغان ياشلار ئىچىدىن تاللاپ،پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلدۇرۇپ ھەرسان پىروگرامما جەريانىدا ۋە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن توردا ،ئۇچۇر شەكلى بىلەن پەسىللىك رىياسەتچى چولپانلارنىمۇ تاللاپ چىقىشى كېرەك.

(5)   مۇلاھىزىچىلەر ۋە مۇلاھىزە سۈپەت مەسلىسى مىنىڭ بېشىمنى قاتتۇرغان نوقتىلىق مەسىلە.مۇلاھىزە ۋە مۇلاھىزىچىلەرنى باھالاشنى ۋە ئۇلارنى تەنقىت قىلىشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.  قانداق قىلىپ سۈپەتنى يۇقىرى كۆتەرگىلى ۋە ئۇنى بىر خىل مىخانىزىم ئىچىدە مۇقىم يۇقىرى ئۈنۈملۈك پائاليەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ .بۇ بىرخىل قىيىن مەسىلە .مىنىڭچە ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىنچىكە تاللاش ،كەسپى ئىقتىدارىنىلا ئەمەس ،ئەخلاق پەزىلىتى ،ئۇمۇم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى (ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ھەقىقى مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى ) ،قىزغىنلىق جەھەتتىن تاللاش كېرەك.تەكلىپ قىلىپ ئەكەلمەك تەس ،قاتنىشىپ بەرگىنى چوڭ ئىش دىگەن ئىدىينى چۈرۈپ تاشلاپ ۋە بۇ خىل تەييارلىقسىز مىھمان سۈپىتىدە كەلگەن مۇلاھىزىچىلەرنى بىر لا ئاۋاز بىلەن رەت قىلىش كېرەك.بۇ يەردە بىر مەسلە شۇكى بۇ تەكلىپ قىلىپ ئەكەلمەك تەس بولغان ھۇرۇن  ياكى تەييارلىقسىز مۇلاھىزىچىلىرمىزنى قانداق قىلىپ ئاكتىپ قاتنىشىدىغان ،خۇددى يېڭىياچى ناخشا ماھىرلىرمىز ناۋاغا قاتنىشىشتا ئۆچىرەتتە تۇرغاندەك،ئابدۇللا ئابدىرېھىم ،ئەركىن ،ئىززەت دىگەندەك ناخشىچىلىرمىزنىمۇ ناۋاغا قاتنىشىشتا ئۆچىرەتتە تۇرغۇزغىلى بولىدۇ دىگەن گەپ.بۇ ئۇلارنىڭ كۇرسىنى چۈشۇرگەنلىك ئەمەس ،بۇ يەردىكى مەسلە بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمىدۇق دىگەن گەپ.مىنىڭچە ئالدى بىلەن مۇنەۋەر مۇلاھىزىچىنى تاماشىبىنلارغا باھالىتىش ،باھالاشتا نەتىنجىسى كۈرنەرلىك مۇلاھىزىچىنى ھەربىر سان پىروگراممىدا ،توردا ،ئېلاندا نامىنى ئاتاپ كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىش ،خىزمىتىگە ئىجابى باھالارنى بىرىپ خەلىققە تۇنۇتۇش ،ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئىھتىياجىنى چىڭ تۇتۇپ يۇقىردىكى مەقسەتكە يەتسەك بولىدۇ.يەنە چۇقۇم مەخسۇس مۇقىم  مۇكاپات تەسسىس قىلىپ ،ئۇلارنىمۇ رىقابەتلەشتۈرۈپ ،پايدىنى بىرلا ئادەم يانچۇقىغا سالماي مۇلاھىزىچىلەرگىمۇ ئايرىسا ،ئېنىقكى بۇ خىل ماددى  ۋە مەنىۋى مەنپەت ئالدىدى ماھىرلارغا ئوخشاش ئۆچرەتتەك تىزىلىدۇ،بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ناۋا پىروگراممىمىزنىڭ نامى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

ئاخىردا بۇ ماقالىنى ئۇقۇغۇغانلارنىڭ تەنقىدى پىكىرىنى بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


             ئاپتۇر :نەنجىڭ تەبىئى پەن سانائەت پەنلىرى ئۈنىۋېرسىتى تۇرغۇنجان ئېلى    
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4447
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 575 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2011-06-27

ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزە

ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزە

          «ناۋا» پروگراممىسى ياشلارنىڭ تالانتىنى بايقاش، ئاساسلىق سەنئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۇنىڭغا ئىشتىياق باغلىغان ياش سەنئەت ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ ئۆز تالانتىنى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا كەڭ سەھنە ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ياش سەنئەت ھەۋەسكارلار ئارىسىدىن كېلەچەكتىكى چولپانلارنى بايقاش ۋە ئۇلارنى تەربىيىلەشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2‏- ۋە 5‏- قاناللىرىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىتىلىدىغان، كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئاممىبابلىقى كۈچلۈك، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېردىكى پروگرامما.قارلۇق شىركىتىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ياشلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىش سەھنىسى بولغان «ناۋا پروگراممىسى» ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.  يېقىندا تور قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتلىرىدا  ناۋا پروگراممىسىنىڭ 2011-يىلى 7-ئايدا كۆرۈنۈشكە ئېلىنىپ 8-ئايدا تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بىرىلگەن ۋە بۇ ھەقتە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلغان. نۆۋەتتە پىروگراما سودىگەر چاقىرىش ۋە نومۇر تىزىملاش باسقۇچىغا كىرگەن .
         ئۇنداقتا بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسلە شۇكى قانداق قىلىپ ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئىجىتمائى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىش مەسلىسى.ئالدى بىلەن بۇ غەيرى ماددى مەدىنيەت تۈردىكى يەنى ،مەنىۋى مەدىنيەت(ئەدىبىيات سەنئەت) تۈردىكى پىروگرامما بولغاچقا ئۇنىڭ ئىجىتمائى ئۈنۈمىنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيۇش كېرەك .بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ يۇقىردا دىيىلگەن ئاساسى مەقسىتىگە ئەمەلگەئاشۇرۇشتىن سىرىت ياشلارنى تەربىيلەيدىغان ،يول كۆرۈستىدىغان،سەنئەت تەپەككۇر ھىس تۇيغۇلىرنى ئۇرغۇتۇپ تەربىيلەيدىغان ۋەسەنئەت تەرەقىياتىمىزنى يېڭى يولغا يېتەكلەيدىغان،سەنئەت تەرەقىياتىمىزنى تەكشى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشىدىغان،سەنئىتىمىزدىكى ئاجىز تەرەپلەرنى بايقاپ ئۇنى كۈچلەندۈردىغان  مەكتەپكە ئايلىنىشى،پۈتۈن ياشلار تېخىمۇ ياقتۇرۇپ كۆردىغان،كۈرۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان پىروگراممىغا ئايلىنىشى كېرەك.ئۇنىڭدىن سىرىت ناۋا پىروگراممىسى يۇقىرقى ئىجىتمائى ئۈنۈمىگە يىتىش بىلەن بىرگە ياخشى ئىقتىسادى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرەلمەيدىكەن ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايلا قالماستىن يۇقىرقى مۇئەييەن جەريان ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولدىغان ئىجىتمائى ئۈنۇمگىمۇ يەتكىلى بولمايدۇ.بۇلۇپمۇ ‹‹ناۋاپىروگراممىسى›› دەيدىغان داڭلىق ماركا ئوبرازىنى يارتىشى،بۇنىڭغا تاينىپ پۇل تېپىشى،داڭلىق كونسىرىتلارنى تەشكىللىشى ۋە قاتنىششى ،چەتئەللەرگىمۇ(ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە) يۈزلىنىشى،باشقا ئەگەشمە ،تۇلۇقلىما مەھسۇلات ساھەلىرنى،بازارلىرىنى ھەدەپ ئېچىپ ،بازار دائىرىسىنى كېەيتىشى ،ئەتىراپتىن  ۋە چەتتىن كىرگۈزىشى ،يۇقىرى مەلۇماتلىق كۆپخىل ئىقتىدارغا ئېگە ئىقتىساس ئېگىلىرنى  كىرگۇزىشى ھەمكارلششى،قىسقىسى ھەققى مەنىدىكى يېڭىلىقنى يارتىپ يۇقىرى پايدا ،ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىپ ،ئۈزى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن ئوغلانلارغا،ئىگىلمەس-سۇنماس گۇللەرگە قۇرۇق نام-ئاتاق بىلەن ئەمەس ئەمىلى، سانى زور بولغان  پۇل ماددى بۇيۇم بولغان ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم تەمىنلىندىغان كىشىنى تۇرمۇشتا ئىشەنچكە ،ئىنتىلىشچانلىققا ئېگە قىلدىغان ئىچىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ تۈسىدىكى مەنپەت بىلەن تەمىنلىششى كېرەك.
       مىنىڭچە بۇرۇنقى ناۋا پىروگراممىسىدا تۆۋەندىكى مەسىللەر ساقلانغان.

          بىرىنچى،شەكىل جەھەتتىكى نوقسانلار:

           (1)ناۋا پىروگراممىسى سەنئەتنىڭ ناخشا ئېيتىش شەكلى بىلەنلا ساقلىنىپ قالغان.
           (2)ناۋا پىروگراممىسى سەھنە تۈرى ،سەھنە ئوبرازى ،سەھنە شەكلى بىرلا خىل.مەيدان شەكلىمۇ كۆپىنچە بىرلاخىل ھىسيات      تۈسىگە     ئېگە.
           (3)ناۋا ناخشىچىلارنىڭلا پىروگراممىسى بۇلۇپ قالغان.
           (4) ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى بىرخىل ،زامانىۋى شوخ ياكى ئەركىن ئۇسلۇپتا لىرىكىق ھازىرقى زامان ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىدىن ئىبارەت بىرخىل ھالەت زىيادە تەكىتلەنگەن مەيدان بۇلۇپ قالغان.  
 
           ئىككىنچى،مەزمۇن شەكلىدە ساقلانغان مەسىللەر:
       
           (1) ناخشىنى باھالايدىغان مۇلاھىزەلەر يۇزەكى،تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىلەرمۇ ئەستايدىللىق بىلەن تەييارلىق قىلمىغان.
           (2)رىياسەتچىلىكتە ئۆزگىچە ئۇسلۇب يوق.باشقا سەنئەت پىروگراممىلىردىن جېق پەرىقلەنمەيدۇ.
           (3)ناخشا مەزمۇنلىرى كۆپىنچە مۇھەببەت لىرىكا تۈسى مونوپۇللىق ئورنىغا چىقىپ، ياشلارنى باشقىچە ئۇسلۇپتىكى ،مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرمىگەن.
          (4) باھالىغۇچىلار داڭلىق ناخشىچىلار بىلەن چەكلىنىپ قېلىشتەك ،ئاساسەن بىرلا خىل يەنى ناخشا ئېيتىش ھالىتى ۋەياكى ناخشا مەزمۇنىنى يۈزەكى باھالاشتەك ئۇسۇللار قوللىنىلغان.
  
          
     ماقالىنىڭ ئاخىرى بار... 
        
     
         

  
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 916
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە916دانە
ئۆسۈش: 3830 %
مۇنبەر پۇلى: 11867 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-07-16
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 15:21

بىچارە ئۇيغۇرۇم،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
baxmaltak
baxmaltak
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 135
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1360 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2011-07-13
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 15:29

نەغمە ناۋاغا قاچانمۇ تۇيامىز..؟؟
ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5433
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2011-07-07
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 16:24

ھەي!!!!!سەنئەت بىلەن مىللەتنى گۈللەندۈرىمىز دىگەن قۇرۇق گەپ ھازىر........
ئانا-تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
ئانا-تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
ئاسانلاشتۇرۇڭلار ،قىيىنلاشتۇرماڭلار ،خۇش بېشار ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 561
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 205
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە205دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2103 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-07
ئاخىرقى: 2011-07-16
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 17:11

ياش ئۆسمۈر كەشپىياتچىلارنىڭ كەشپىياتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان پىراگراممىلار قاچان يولغا قويىلىدۇ !
ناۋا پىروگراممىسىنى نوقۇل سەنئەت پىروگراممىسىلا قىلىۋالماي كىچىك كەشپىياتچىلىرىمىزنى تونۇشتۇرىدىغان ،ئۇلارنى ھەر خىل مۇسابىقىلەرگە سالىدىغان رىغبەرلەندۈرىدىغان تۈرلەرنى كىرگۈزسەكلار بولمامدۇ ؟ (چەت ئەللەردە ئوقۇغۇچىلار ياسىغان ماشىنا ئادەملەرنى مۇسابىقىلەشتۇرىدىغان پىروگراممىلار بار ،بۇ پىروگرامما ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ بار)  ئارىمىزدىمۇ چىقىپ قالا بولغيتتى ماشىنا ئادەم ياسايدىغانلار!       كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈتلىرىدىن ناخشا ئۇسۇلدىن باشقا نەرسىنى قازغىلى بولمامدۇ ؟

بىر نېمىنى بېرنىمە قىلىپ لا لا لا لا....
نېمىنى نېمە قىلپ لا لا لا لا ....

دەپ ناخشا ئېيتىدىغان لاۋزىلارنى تەشۋىق قىلۋەرمەي ! چىۋىن ئۆلتۈرىدىغان پالاق ياسىغان بالا بولسىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويساڭلار ! ئۇ بالا كەلگۈسىدە ماشىنا چىۋىن ياساپ چىقىدىغان  بولۇپ قېلىشى مۈمكىنغۇ ؟ ئېشىگى ئۆلسە كۆتى غېجەك تارتىپتۇ دەپ قاچانلا قارىسا  ناخشا ئۇسۇل! ........    باشقىلار ئايغا  چىقىپ ئولتۇراق رايۇن سالسۇن بىز ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئۇسۇل ئويناپ بېرەيلى !  شۇ قاتاردە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرمىز بىزنىڭ ئايغا چىققانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىپ يۈرسۇن!  
ئاسانلاشتۇرۇڭلار ،قىيىنلاشتۇرماڭلار ،خۇش بېشارەت بېرىڭلار، نەپرەتلەندۈرمەڭلار! <<ھەدىس>>
mp3
دوستلىشىش
غېرىپ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6080
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 95 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-13
ئاخىرقى: 2011-07-15
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 17:25

  داپ غىجەكنىڭ قەستىدىن يىراق تۇرايلى.    
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 153
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە153دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 1843 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-07-14
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 18:02

تارىختىن بۇيان سەنئېتى گۈللەنگەن مىللەتنىڭ بىرەسىنىڭ ئاتوم بومبىسى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىم....~~~
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7863
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-13
ئاخىرقى: 2011-06-18
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 18:27

ناۋادىن مىڭنى قۇرسىمۇ .............. مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۆرگىلى بولمايدۇ ......
رىياسەتسىلەر دائىم خەلىق سۆيەر سەنئەتچىمىز پالانچى دەپ ....ئىلان قىلىدۇ ...
لىكىن ئۇلار خەلىقنى ئەمەس پۇلنى سۆيىدۇ ...........
يالغان دىسىڭىز بىرە قويغان ئويىنىغا پۇل بەمەيكىرپىقىڭە كىرگۇزەمدىكىن .......

ئىشقىلىپ مۇشۇ سەنئەتچىلىك دىگەن ئەسلى مىيىپ چولاق ئادەمنىڭ قىلسا بولىدىغان ئىشىكەنتۇق ....
ھازىر كالىدەك كۇچى بار ئەرلەرمۇ چىڭ ۋاقىرالايمەن دەپ ناخشىچى بوپ تىمىش.....
بىكار يۇرگەندىن بىكارغا ئىشلە... لىكىن مەن بىكار يۇرگىلى بىر يىل بولدى ...!
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 573
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە573دانە
ئۆسۈش: 1162 %
مۇنبەر پۇلى: 4878 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-07-17
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 19:04

بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراشتا چىڭ تۇرۇش جاھاللىقنىڭ ئىپادىسى،  ئومۇمىيلىقىنى كۆزدە تۇتايلى قېرىنداشلار........
بىھۇدە تالاش-تالاش تارتىش ھىچقاچان ياخشلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.
[ بۇ يازمىنىalmiliq 2011-06-14 19:19قايتا تەھرىرلىدى ]