باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 394 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قۇلاققا خوش ياقمايدىغان گەپ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 438
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 293
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە293دانە
ئۆسۈش: 4524 %
مۇنبەر پۇلى: 5497 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2011-07-14
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 13:19

قۇلاققا خوش ياقمايدىغان گەپ..

قىزىم-دىدى بىركۈنى ئانىسى.،-<<بۇ يىل بۇغدايغا ھال چۈشۈپ ئانچە ئوخشىمىدى .، پاختىنىڭمۇ باھاسى چۈشۈپ كىتىپتۇ ، بار -يوق پۇلنى جەرىمانىغا تۆلىدۇق ،كىتاپ پۇلى ئوقۇش پۇلى ، تىرىشچانلىقى بىلەن ئىشلەپ ئىقدىساتچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش پۇلى دىگەنلەر نەچچە كويغا بارىدىكەن ، ھازىر يەنە پىلە ئۇرۇقى سېتىپ بىرىمىز دەيدۇ  ،نەق پۇل بولمىسابولمايدىكەن  ،مىنىڭغۇ سىنى ئاخىرغىچە ئوقۇتقۇم بار ئىدى ، لىكىن ەنمۇ بىلىسەن قىزىم پۇلغا چىقىنالمايدىكەنمىز . ئىمتىھاندىن ئۆتۆپ ئالى مەكتەپكە بارساڭمۇ نەچچەمىڭ كوي كىتەرمىش بۇنچىۋالا جىق پۇلغا چىقىش قىلالمىغۇدەكمىز ئۆتكەن ھەپتە شەچەردىكى تۇققانلىرىمىز كەپتىكەن سىنى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسا بىز بىرەر ھۇنەرگە بەرسەك ، كىيىن ئامال قىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويساق >>.دەيدۇ .بىر كىچىك بالىسى باركەن ،شۇنىڭڭغا قارىشىپ بەرگۇدەكسەن ،ساڭا ئايدا 100كوي بىردىغان بولدى ،ماقۇل دىدىم .
ئۇ نىمىمۇ دىيەلەيىتتى ؟ ئەھۋال ئانىسى دىگەندەك تۇرسا . مىنى قايسى ھۈنەرگە بىرەر؟ قانداق مەكتەپتە ئوقارمەن ؟ تېلىۋىزۇر كۆرەلەرمەنمۇ ؟ دىگەندە قىززىقىشبىلەن شەھەرگە كەلدى ،ئۇخاتا ئويلىغىنىنى 100كوينى بىكارغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدى ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ئالدىغانلىقىغا ئاچچىقى كەلدى يەنە توختاپ قالدى ئانامدا نىمە چارە ؟دادامىنى مۇشۇ توڭدا قىشتا يەر ئاچقىلى ھاشارغا ئىلىپ  كەتتى ،بارمىسا جەرىمانە  .ئۇ يەنە ساۋاقداشلىرىنى ئويلىدى << موئەللىم بىزگە بۇگۇن قالتىس بىر چۆچەك ئېيتىپ بەردى سىلەرگىچۇ  ؟ >>
كوچىدىن ئاڭلانغان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزى تۇمانلىشىشقا باشلىدى ئۇ ئىلگىرى ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا يىتىپ چۆچەك ئاڭلايىتتى ئەمدى تېلىۋىزۇردىن ئۆزى خالىغىننى كۆرەلمەيدۇ ئۇ يەنە ئانىسىنى قەھىرتان سوغوقتا كەتمەن چىپىۋاتقان ئانىسىنى ئويلىدى .
ھە نىمە بولدى يىغلاپسىزغۇ ؟ جىن تەگدىمۇ بۇنىڭغا ،يەنە ئاتا-ئانامنى كۆرگۈم كەپكەتتى دەپ ئۆيگە بارماقچىمۇ ..؟ تېخى ئەمدى 3 ھەپتە بولدى.....
بۇ باۋمەك ئۆيدە بولغان بولسا ،توپىدا ئىغىناپ ئەتتىگىنى يىسە كەچلىكى يوق ئاچ-توق يۈرەتتى تايىنلىق . مانا ھازىر ئۇبدان يەپ ياخشى كىيىپ چىرايىغا قان يۈگرۈپ قىلىۋىدى ،يىگەن ئاش-نان مەيدىسىگە تېپىپ ھە دىسە ئۆيۈمگە بىرىپ كىلەي ،ئاتا-ئانامنى كۆرگۈم كەپكەتتى دەۋاتقان ،ئەمدى مەينىتىدىن ئادالاپ ئادەم سىياقىغا كىرگۈزۈپ قويۋىدىم ،ئانام ھۈنەرگە بىرىمەن ،تويىڭىزنى قلىمەن دىدى دەيدۇ ، گەپ قىلمىسا ماۋۇ سەھرالىق .......
-تېخىچە ھويلا -ئارامنى سۈپۈرۈپ بولالماپسىزغۇ ؟ نىمە ئىش قىلدىڭىز بۇ كەمگىچە ؟ بالىنىمۇ قىلىنراق يۆگەپ قويماپسىز.چىشىمنىڭ ئىقىن كۆرسۈتۈپ قويسام ،بۇرنۇمغا چۈلۈك ئۆتكۈزمەن دىمەڭ ھە ! سىزدەكلەردىن نەچچىنى كۆرگەنمەن . قاراپ تۇرسىزغۇ ئەخلەتنى تۆكىۋەتمەي ؟  
ھەي گاداي دىگەن ھامىنى گاداي مىڭنى قىلغان بىلەن بىكار .بىردىغان پۇلنى ئازايىتساق بولغۇدەك جۇمۇ ،قۇۋۇرغىسىغا ياغ توشوپ قالغان ئوخشايدۇ بۇ قەلەندەرنىڭ ....
بولدى قىلە كىچىك ئەمەسمۇ ؟ تىخى ئەمدى كەلدى ،ئاستا -ئاستا ئۈگۈنۈپ قالار .
بۇ مەينەتكە ئىش ئۈگىتىمەن دەپ چېچىم ئاقىرىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ .ئىسىت مەكتەپتىن ئاجىرتىمەن دەپ ماڭغان يوللىرىم .باشقا بىرسىنى تاپساق بولغۇدەك .
نېمە دەۋاتىسەن ھىلىمۇ بالا بىر ياشقا كىرگۇچە ئۈچنى ئالماشتۇرۇپ بولدۇق .خەقنىڭ بىكار قالغان قىزى يوق بارساڭ بىرىۋىردىغان مەكتەپتىن ئاجىرتىمەن دەپ كىملەرگە چارغىيىپ يۈرىمەن ؟ بولدى قىلە ئەمدى .
ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ؟ ئىدارىمىزدىكى ئايگۈلمۇ ئالتىنى يەڭگۈشلەپتىغۇ . ھەراسىت ،ھىلىقى تۇققىنىڭىزنىڭ قىزى بار ئەمەسمۇ ،مەكتەپتىن ئاجىراتقىلى بولارمۇ ؟
بولماسمىكى ھازىر مەكتەپتىن ئاجىرتىش بەك  تەس بولوپ كەتتى .
سىزچۇ ئۇ بولماسمىكى -بۇ بولماسمىكى دەپلا يۈرىيسىز .ئەر كىشى دىگەنچۇ غاچ-غۇچ بولدىغان ،مىنىڭ جاپا تارتىشىم بىلەن كارىڭىز يوق .بالا باقىمىمەن دەپ قىرىپ كىتىدىغان ئوخشايمەن .مەكتەپنىڭ مۇدىرى ساۋاقدىشىم دەۋاتاتتىڭىزغۇ ، شۇنۇڭغا دەپ بىقىڭە ساۋاقداش بولغابدىكىن ...
ھىلىمۇ ئىككىنى شۇنۇڭڭغا دەپ ئەكەلگەن ،يەنە نىمە دەپ بارىمەن ئۇنىڭ يىنىغا ؟ قايسى كۈنى ھازىر تۈزۈم بەك چىڭىپ كەتتى ،مەكتەپتىن بالا ئاجىرتىش بەك تەس بولوپ كەتتى ،دەۋاتاتتى .
ئىشقىلىپ بىر ئامال قىلمامسىز ،ھە راس ، بىر دوستۇم سەھەردىكى مەكتەپتە ئوقىيدۇ دەپ ئاجىرتىۋالدىم دىگەنىدى . يا بولمىسا مەكتەپنىڭ مۇدىرىنىڭ ئايالى بىزنى چۆرگىلىمەكتە ،شۇنىڭغا دەپ بىر ئامال قىلايلىمىكى ....
ئىلگىرى نامرات دىھقانلارنىڭ پەرزەنىتلىرى باي-پومىشچىكلارنىڭ ئۆيدە چاكار ئىشلەپ تۇرمۇشنى قامدۇراتتى ماركىسنىڭ سىياسى قارىشى بويىچە ئىتقاندا بۇ سىنىپى ئىكىسپىلاتاتسىيە ھىسابلىنىدۇ ،بۇلارغا جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ خاتىمە بىرىلگەن .شۇنداختىمۇ خەلىقنىڭ ھازىرقىدەك كۈنلىرى ئوڭشىلىپ تۇرمۇشى ئىلگىركىدىن ك
كۆپ ياخشىلانغان ،ھەم پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويولوپ ئاز تۇغۇش سۈپەتلىك تۇغۇش قانۇن -تۈزۈملەشكەن .دۇنيا ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان ،بىلىم ئىگلىكى سانائەت ئېگلىكىن  ئېلىۋاتقان  ،مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىلىپ تەربىيىسىز قىلىش كىرزىزىس دەپ قارىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر دەۋىردە بۇ مەسىلىنىڭ بىزدەك ئەنئەنىېۋى ساۋاتسىزلا مۇتلەق كۆپ ساننى ،ھازىرقى زامان ساۋاتسىزلىرى 98% نىنى ئىگىلەيدىغان بىر مىللەت ئارىسىدا <<تىخى ھازىر كومپىيۇتىر بىلمىگەنلەر ساۋاتسىز.>> قايتا ئوتتۇرغا چىقىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ ..
بۇلار  پاكىت بۇلار رىئاللىق بۇ باۋمۇ قىزلار ئۆيلىرىمىزدە قاچا-قۇچا كىر -قات يۇيۇپ بالا بىقىپ بۆشۈك تەۋرىتىپ ،زەھەردەك ئاچچىق تىللارنى ئاڭلاپ ئولتۇرماقتا .ئۇلار .ئەمدى ئوقىيالمايدۇ  چۈنكى ئۇلاردىن بۇ پۇرسەت تارتىۋىلىنغان .ئۇلار ئەمدى كىتاپ -ژورنال كۆرەلمەيدۇ ،كومپىيۇتىرنى تەسسەۋۇر قىلالمايدۇ ،ئۈستەل ئالدىدا قايتا ئولتۇرالمايدۇ ساۋاقداشلىرى ،دوسلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن كغنلىرى ئۆتمۈشكە ئايلانغان .باۋمۇ ئاتالغان بۇ قىزچاقلار ئەمدى قۇربانلىق مال .ئۇلار ئازغىنە پۇل ئۈچۈن ھازىرقى زاماننىڭ شاخزادە-مەلىكىلىرىگە يىشىغا توشمىغان قوزىدەك قۇربانلىق قىلىنغان  ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى سىزىپ بىرىلگەن ،ئۇنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ . ئەمدىلىككە كەلگەندە بۇ سىزىق ئەمدى ئۇلارنىڭ مىڭسىگە .يۈرىكىگە ،روھىغا تامغىدەك ئورناپ كەتكەن .ئۇلار ئەمدى سىزىقنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى كۆرەلمەيدۇ ،سىزىق سىرتىدىكى دۇنيانىڭ خىوشاللىقىنى ھىس قىلالمايدۇ .ئىلگىرى ئۇ مەكتەپكە باراتتى ك،مانا ئەمدى ئۇ مەكتەپكە كىتىۋاتقانلارنىڭ كەينىدىن توپىدىن ئايرىۋىتىلگەن قويدەك تەلمۈرۈپ    قارايدۇ.ئۇ كەلگۈسىدەدوختۇر بولماقچىدى ،ئوقۇتقۇچى بولوشنى ئارزۇ قىلغان ،قىنى ئۇ دوختۇرلۇق قىنى ئۇ موئەللىملىك  ؟  ئەمدى بۇ خىياللار چۈشكە ئايلاندى .
دادىسى ئۇنىڭغا  :<< قىزىمى سىنى شەھەردىكى  ەكتەپتە ئوقىتىمىز ،يا ھۈنەرگە بىرىمىز ،شۇڭا مەكتەپتىن ئاجىراتتۇ ق ،شەھەردىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە يىتىپ ئوقىيسەن دېگەندىغۇ ؟>> خىزمەتكە ئورونلاشتۇرۇپ قويماقچى ، ئۆز بالىسىدەك كۆرمەكچى دىگەنىدىغۇ ؟ قىنى ئۇ مەكتەپ قىنى ئۇ خىزمەت !
غىچىر-غىچىر ...ئۇ بۆشۈك تەۋىرتىشكە باشلىدى....بالىنىڭ ئاپىسى كەلسە يۇيدىغان  بىرمۇنچە كىر -قاتلار تۇرۇپتۇ ...
مىڭ قىلغان بىلەن ئۆز ئۆيىگە يىتەمدۇ .ئۆز ئۆيىدەك پۇت قولىنى كېرىپ ئازادە ياتالامدۇ ...بۇ يەردە مىڭ سىسىق گەپكە بىر پارچە گۆش يىگەندىن ئۆيىدىكى بىر پارچە بولسىمۇ قاتتىق نېنى ئەۋزەل ئەمەسمۇ ...ئۇ تاياق .توقماق يىمىسىمۇ تاياق -توقماقتىن ئېغىر  سىلىق ئېيتىلغان سىسىق گەپكە تەييار بوپ قالدى..ھەر ئانا ئۆز بالىسى ئۈچۈن بىر پارچە گۆشنى يىمەي بولسىمۇ بالىسىغا يىگۈزۈپ قۇيۇشقا تەييار .ئەمما  بۇ قىزچاقنىڭ يىمەكچى بولغان بىر پارچە گۆشىدە  خېلى گەپ بار ....ئاتا-ئانا بولغۇچى بالا تاپالىسىلا ئۇنى ھەرگىز ئاتا-ئانا دىيىش بەك بالدۇرلۇق قىلىدۇ .گەپ بالىنى قانداق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشتا،...بالا ئۈچۈن قانچىلىك رىيازەت چىكەلىشىدە ...ياراملىق دادا-ياكى ئانا بولالايدىكەنمەن دەيدىكەنسەن ئويلاپ  توي قىلىشقا بالا تىپىشقا قەدەم تاشلىشى كىرەك ..ئالدىرا تەمتىرەپ توي قىلىۋلىپ كىيىن چىقىشالماي ئاجىرشىپ كىتىدىغان  ئوتتىردىكى بالىمۇ خىيالىغا كىرمەيدىغان  جالپخۇتۇنلارنىڭ دەستىدىن بۇ جاھاندا مۇشۇنداق تەڭسىزلىكلەر كۆپ....ئۆگينىڭ قولىغا قالغاندىكىن نىمەبولماقچى...ھەر قانچە نامىرات بولساقمۇ جىنىمىز چىقىپ كەتسىمۇ بالىمىزنى يىنىمىزدىن ئايرىمايلى ئاتا-ئانىلار ...ئۇلارغا ئۆز ئۆيىدىن باشقا دۇنيا  ،دۇنيا ئەمەس .قانداق ئادەمنىڭ ئۆيىدە تۇرسۇن..ئۇ ئاممىۋى خىزمەتكە ئوخشىمايدۇ ...ئۇ ئىغىر بولسىمۇ ئىشلىگەنگە يەتمەيدۇ...بالا باققاندىن پەقەت يىتىشەلمىگەن بولسىڭىز ..قوشنىڭىزنىڭ كالىسنى باققنى باققنى مىڭ ئەۋزەل..ئۇ مىڭ چىرايلىق گەپ ئاڭلىسىمۇ بەرىبىر ئۇ بالا باققۇچى...ئۇنىڭڭغا بىر پارچە گۆشنىڭ ئوشۇق كەتكىنى ئوشۇق كەتكەن ....ئۇ بەرىبر مەھەللىدىكى قاتتىق  ناندىن ئەۋزەل ئەمەس..
ماقالە ئەسلى مەنبەسى : كەڭ ساي تور بىكىتى يوللىغۇچى : gayrat828    
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 212
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە212دانە
ئۆسۈش: 750 %
مۇنبەر پۇلى: 2775 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-06-28

ھەي توۋا !مىنىمۇ تاس قالغان دادام تۈگەپ كەتكەن ۋاقىتتا سىزنى مەكتەپتە ئۇقۇتىمەن دەپ بالا باققۇچى قىلغىلى ! ھىلىمۇ ئاللاھنىڭ قۇدۇرتى بىلەن بۇ يەردە  ئۇقۇپ تۇرۇپتىمەن ئۇلار ئۇقۇتۇپ قويمىسىمۇ.
ياتنىڭ ياغلىق لوقمىسىدىن،ئۈزۈمنىڭ قانلىق مۇشتۇمى ياخشى.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 1580 %
مۇنبەر پۇلى: 2034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2011-06-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 18:16

       مانا بۇ جەنۇبىي يۇرتلاردىكى دېھقانلىرىمىزنىڭ،ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقىقىي  ئەھۋالى...پەردازلىمىغان رىياللىقى...
يۇقورىدىن تۆۋەنگىچە بېسىملارنىڭ ھەممىسى دېھقانغا چۈشكەن...ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ،ئۇيغۇر كادىرلار  ئۇيغۇر دېھقانلارنى ھەغدادىغا يەتكۈچە ئېزىۋاتقان....بولمىسا مەركەزنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى،دېھقاننى بېيىت،ئۇلارنى ماددى ۋە مەنىۋى نامراتلىقتىن قۇتقۇز، دەيدۇ لېكىن جەنۇبتىكى مىللى كادىرلىرىمىز  بۇ سىياسەتلەرنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ يەنە دېھقاننى بوزەك قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ.
      ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت! ئىملاغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن.