باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 633 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جانغا زامىن ئىس تۈتەك(2):ئەيدېس
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 11:05

جانغا زامىن ئىس تۈتەك(2):ئەيدېس

جانغا زامىن ئىس تۈتەك(2):تاماكا ۋە ئەيدېس

يېقىنقى يىللاردىن بىرى ،تىببى مۇتەخەسسىسلەر كۆپ تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە،ئوخشاش شارائىتتا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئەيدىس ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ يوقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
تىببى تەتقىقاتچىلار تاماكا چېكىدىغانلار بىلەن تاماكا چەكمەيدىغانلار ئارىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ،ئەيدىس ۋېروسىنىڭ تارقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىت،تۇرۇشلۇق ئورۇن،جىنسى ئالاقە قاتارلىق ئامىللارنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن چىقىرىلغان نەتىجە ئارقىلىق تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئەيدىس ۋېروسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا3.4ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.بۇ ئەلۋەتتە ئىككىسى ئارىسىدا زور پەرق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالىملار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تاماكا چېكىشنىڭ ئاسانلا ئەيدىس ۋېروسىنىڭ تارقىلىشىنى ھەمدە ئەيدىس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.ئۇلارنىڭ قارىشىچە تاماكا تەركىبىدىكى نېكوتىن قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلار تاماكا چەككۈچى ئايالنىڭ بالىياتقۇ بوينى ئاجراتقۇ ماددىسى ئىچىدە يېغىلىپ،قىسمەن خاراكتىرلىق ئىممونىت ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،تۇغۇت قىسمىنىڭ ۋېرۇسقا بولغان سېزىمچانلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.تاماكا چېكىشنىڭ يەنە ئۆپكە چوڭ ھۆجەيرىسىگىمۇ تەسىرى بولۇپ،ۋېروسقا قارشى ھۆجەيرىلەرنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدۇ ۋە نەپەسلىنىش ھۆجەيرىلىرىنىڭ ۋېروس بىلەن يۇقۇملىنىشىنى ئاشۇرىدۇ.تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىس ۋېروسى بىلەن يۇقۇملىنىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب_تاماكا چېكىشنىڭ ئىممۇنىت سېستىمىسىغا بولغان تەسىرىدۇر،تاماكا چېكىش ئاكتىپ ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرىنىڭ ۋە زەھەر يۇتۇش ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇنداقلا ئىممۇنىت سېستىمىسىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلتۈرۈش ىقتىدارىغا ئىگە ھۆجەيرىلەرنىڭ ئازىيىشىنى ۋە ئاكتىپچانلىقىنىڭ تۈۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماكا قارا يول،بالىياتقۇ بوينى،ئىممۇنىت سېستىمىسى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا ئوخشاش ئەھۋالدا تاماكا چەككۇچىلەر تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئاسانلا ئەيدىس ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

(بۇ تېما خېلى بۇرۇن يوللانغان بولۇپ،نۆۋەتتە يوللىنىۋاتقان بىر يۈرۈش تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا قايتا يوللاندى.)
 مەنبە: "ياشلاردا ئىلىم-پەن" ژورنىلى

جانغا زامىن ئىس تۈتەك(1):تاماكا ۋە راك:   


[ بۇ يازمىنىئويلان 2011-06-14 11:18قايتا تەھرىرلىدى ]
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
اللەنىڭ نەزىرىدىكى مەن ھەقىقى مەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7794
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2011-08-12

ۋاي  خۇدايىم  ....   اللە  ئۆز  پاناھىدا  ساقلىسۇن  بۇ  كىسەلدىن...
سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا سەبىر قىل ، اللە كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.