خەلق تورى يانفۇن نەشرى خەۋىرى،
ئەڭ يېڭى خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بىن لادىن رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان ئالقائىدە يەنى بازا تەشكىلاتىنىڭ شەرقى ئافرىقا تارمىقىنىڭ كاتتىۋېشى فازىل ئابدۇللا مۇھەممەد سۇمالىيەدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر تىرۇرچى ئىلغار قۇراللانغان ھالەتتە ئالى ماشىنا بىلەن تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكەن. تەكشۈرۈش پوستى ئۇلارنى توختىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ شىرىكىدە قۇرال بارلىقىنى بىلىپ قېلىپ شۇنىڭ بىلەن ئېتىشىش يۈز بەرگەن . ئېتىشىشتا ئىككى تىرۇرچى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ جەسىدى دەسلەپ كۈمۈۋىتىلگەن بىراق ئۇلارنىڭ پاسپورت ۋە باشقا ماتىرىيالللىرى تەكشۈرۈلگەندىن كىيىن تانزانىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىنى پارتلىتىپ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۈلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پازىل مۇھەممەد ئىكەنلىكىنى بايقىلىپ جەسەت قايتىدىن ئېچىلىپ د ئىن ئېي تەكشۈرۈلگەن ۋە ئۆلگۈچىنىڭ راستىنلا پازىل مۇھەممەد ئىكەنلىكى ئېىنىقلانغان.
پازىل مۇھەممەد كىنىيە ، سۇمالى، تانزانىيە قاتارلىق شەرقى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە بىر مەزگىل پائال ھەرىكەت قىلغان ئەلقائىدىنىڭ مۇھىم كاتتىۋىشى بولۇپ بىن لادىن بىلەن بىۋاستە ئالاقىدە بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلىشى بازا تەشكىلاتىنىڭ شەرقى ئافرىقا ئەللىرىدىكى ھەرىكىتىگە ناھايىتى زور تەسىر ئېلىپ كىلىدىكەن.
بۇ يىل بەشىنچى ئايدا بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى ئوساما بىن لادىن ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن بىر ئاي ئۆتۈپلا تالىباننىڭ پاكىستاندىكى مۇھىم كاتتىۋېشى بىن لادىننىڭ زاۋاھىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئورۇنباسارى ئىلياس كەشمىرى ئۆلتۈرۈلدى. بۇ قېتىم بازا تەشكىلاتنىڭ شەرقى ياۋرۇپا تارمىقىنىڭ كاتتىۋېشى فازىل مۇھەممەدنىڭ ئۆلىشى بازا تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى ئالتە ھەپتىدىن بىرى ئىزچىل ئاۋارىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.
مەنبەسى، خەلق تورى.
http://wap.people.com.cn/newsView.php?[ بۇ يازمىنىsirik 2011-06-13 19:52قايتا تەھرىرلىدى ]