شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى بىلەن قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزلىدىغان ناۋا پروگراممىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر تىلىدا ناخشا ئېيتىدىغان ياشلارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىسى بولغان ناۋا پروگراممىسىنىڭ 18-سانى 2011- يىلى 23- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە كۆرۈنۈشكە ئېلىنىدۇ ۋە 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ XJTV-2, XJTV-5 تە ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدۇ. بۇ قېتىملىق ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ماھارەت كۆرسەتمەكچى بولغانلار nava@qarluq.com غا ئېلخەت يوللاش ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنىدۇ (ئىنتېرنېت ئىمكانىيىتى يوقلار بىۋاستە يەتكۈزسىمۇ ياكى پوچتا ئارقىلىق يوللىسىمۇ بولىدۇ). قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنماقچى بولغان ئانسامبىل ۋە ناخشىچىلار ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولۇق شەكىلدە توشقۇزۇپ يوللىشى كېرەك. ئىلتىماس قانچە بالدۇر تاپشۇرىۋېلىنسا شۇنچە بالدۇر پروگراممىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. ئىلتىماسلار قارلۇق شىركىتى ناۋا پروگراممىسى گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ھەر ئايلىق ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئانسامبىل ياكى ناخشىچىلار ئوكيان تور بېتى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ.
2- ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى:
1) ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە ناخشىچىلارنىڭ قاتناش، يىمەك – ئىچمەك ۋە ياتاق چىقىملىرىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.
2) بۇ قېتىملىق ناۋا پروگراممىسىدا مۇزىكا قويۇلۇپ ناخشىچى نەق مەيداندا ناخشا ئېيتىدۇ. پىلاستىنكىدا ناخشا قويۇپ بېرىلىپ ناخشىچىغا رول ئالدۇرۇشنىڭ ئىمكان بار ئالدى ئېلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىدىغان ئانسامبىل ۋە ناخشىچىلار ناۋا پروگراممىسىغا ناخشىسىنىڭ ئايرىم مۇزىكىسى ۋە ناخشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان wav ھۆججىتىنى تاپشۇرىدۇ.
3) ناۋا پروگراممىسىدا ئېيتىلىدىغان ناخشىلار تاللىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ نادىر فوتو سۈرىتىدىن ئەڭ ئاز بولغاندا بەش پارچىنى jpg شەكلىدە، پىروگراممىغا بەرمەكچى بولغان ناخشىسىنى MP3شەكلىدە، تەرجىمىھالى ۋە توردىن چۈشۈرۈپ تولدۇرغان ناۋا پروگراممىسىنى doc شەكلىدە ئېلخەت ئارقىلىق nava@qarluq.com غا يوللىشى، تاللانغانلىق خەۋىرى ئۇقتۇرۇلغاندىن كېيىن گۇرۇپپا ۋە ناخشىچىلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ناخشىلارنىڭ ۋە مۇزىكىسىنىڭ wavشەكلىدىكى نۇسخىلىرىنى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ كېلىشى لازىم.
4)ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە ناخشىچىلار ئۆزلىرىگە ئائىت ئالاھىدە چالغۇلىرى ۋە سەھنە كېيىملىرىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
5)ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچى ناۋا پروگراممىسى كۆرۈنۈشكە ئېلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچى قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە كېلىپ يۈز تۇرانە تىزىمغا چۈشىدۇ. ناخشىلار ئاۋال تاللانغان بولسىمۇ رىپىتىس جەريانىدا شاللىۋېتىلگەن ناخشىچىلارغا قارىتا قارلۇق شىركىتى ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
مەنبە:گۈدۈك مىكرو بىلوگى
[ بۇ يازمىنىsirik 2011-06-13 17:32قايتا تەھرىرلىدى ]