رەسىم:
رەسىم:
-ئاينىڭ4-كۈنى سەھەر سائەت2دىن30 مىنۇتلار ئەتراپىدا ماناستىكى بىر ئىش ئورنىدا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قولىغا كالتەك،پىچاق،گۈرجەك كۆتۈرۈپ لاتقا تازلاش ئەترىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا باستۇرۇپ كىرىپ توك يولىنى ئۈزۈۋەتكەن،تېلكامىرا قاتارلىق سىنغا ئېلىش ئۈسكىنىلىرىنى بۇزۇۋەتكەن،ھەتتا ئىشچىلارنى مەجبۇرلاپ توپا قېزىش ماشىنىسىنى ھەيدەتكۈزۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى چاققۇزغان.
كېيىن ماناس كۆلىنىڭ لاتقىسىنى تازلاشنى كۆتىرە ئېلىۋالغان يۈشىپىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلغان،ۋەقە يۈز بېرىپ 2 سائەتلەردىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ھەمدە ھېلىقى ئادەملەر تەرەپ-تەرەپكە قاچقان بۇلۇپ 30 نەچچە ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن قورشىۋالغان.ۋەقەدىن كېيىن،جىنايەتچىلەرنىڭ جەرىمانە تۆلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان يۈشىپىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شۇ جايدىكى دۆلەت زېمىن بايلىقى ئورنىنىڭ «قانۇنسىز قىلمىشنى توختىتىش ئۇقتۇرىشى»نى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەمدە 6 كۈندىن كېيىن 300مىڭ يۈەن جەرىمانە ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
مەنبە: society.huanqiu.com