باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1318 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: رۇسلار جۇڭگونى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارايدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 1580 %
مۇنبەر پۇلى: 2034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2011-06-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 18:32

رۇسلار جۇڭگونى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارايدۇ

رۇسلار، جۇڭگونى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارايدۇ

  
 رۇسىيە ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىي، سىياسىي، گىئو ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، كۆپلىگەن رۇس زىيالىلىرى تەرىپىدىن بۇ ئىتتىپاقداشلىق ئىشەنچلىك ھېسابلانمايدىكەن.
ئىبراھىم ئەلى | باكۇ(ئەزەربەيجان سياسى ئانالىزچىسى)
 
رۇسلارنىڭ جۇڭگونىڭ رەسمىي دۆلەت سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقى، يېلتسىن دەۋرىدە باشلانغان سابىق سوۋىت سوتسىيالىست جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېيىنكى رۇسىيە – جۇڭگو يېقىنلىشىشىنى ئاخىرغىچە قوللايدىغانلىقلىرى ۋە بۇ ئىتتىپاقداشلىق بىر قۇتۇبلۇق دۇنيا مودېلىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. ھەتتا رۇسىيە ئىچىدىلا ئەمەس، باشقا ئەللەردىمۇ رۇسىيە – جۇڭگو يېقىنلىشىشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ خىل يېقىنلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، دۇنيانىڭ بېشىغا مەرەز كەبى يېپىشىۋالغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنى خالايدىغان كىشىلەردۇر. يېقىنلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۆزلىرىنى قورقۇتۇپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئىككى دۆلەتكە ئىسرائىلىيىنىمۇ ئىلاۋە قىلىشىدۇ. لېكىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئىدارە قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي ۋە ئىدىلوگىيىلىك چۈشەنچىلىرىگە نەزەر سېلىنغىنىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ تەقەززاسىغا كۆرە قوللىغانلىقى ۋە «دۇنيانىڭ ئاخىرقى ئۇرۇشى»نىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن بۇ قوللاش ۋە ياردەمنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن. بىراق، تېمىمىز بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە – جۇڭگو يېقىنلىشىشىنىڭ يىراق كېلەچەكتە قانداق نەتىجىلىنىدىغانلىقىغا قاراپ چىقايلى.
كۆرۈنۈشتە ئىككى دۆلەت 1996- يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە تەشكىلاتنىڭ پەقەت ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ساھەدىلا ئەمەس، ھەربىي ساھەدىمۇ تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىنماقتا. يېلتسىن دەۋرىدە رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا تۇنجى خىتابنامە ئىمزالانغان چاغدا، ھەر ئىككى دۆلەت بىردىن بىر مەقسەتلىرىنىڭ دۇنيادىكى مەۋجۇت بىر قۇتۇبلۇققا خاتىمە بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. بىراق رۇس زىيالىلار، 1969- يىلى مەيدانغا كەلگەن يىرىكچىلىكنى ئالاھىدە خاتىرىلىتىپ ئۆتتى. جۇڭگو زېمىن تەلىپىدە بولغان بولۇپ، كۈتۈلمىگەن زەربە بىلەن مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگو ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر مەسىلە، رۇسىيە ۋە جۇڭگونىڭ (بۇنىڭغا ھىندىستاننى ئىلاۋە قىلىدىغانلارمۇ بار) مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىستىكىنىڭ ئۇچۇق – ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن ئىبارەت.
رۇسلار ئۈچۈن شىمالىي كاۋكاز رايونى، جۇڭگو ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونى، ھىندىستان ئۈچۈن كەشمىر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ھالدا «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ئىسلامىي ئېقىملارنىڭ كىرىشىنى توسۇپ قېلىش» تىن ئىبارەت ئورتاق نىشان بەلگىلەندى.
يىللار بويى داۋاملاشقان ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقداشلىقنىڭ بىرىنچى غايىسىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بولدى.
پۇتىن رۇسىيىسى يېلتسىننىڭ بۇ يۈنۈلۈشتە ئېلىپ بارغان سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى. 2001- يىلى رۇسىيە قوراللىرىنىڭ جۇڭگوغا سېتىلىش نىسبىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، جۇڭگو ئوفېتسىرلارنىڭ رۇس ھەربىي ئاكادېمىيىلىرىدە تەربىيلىنىشى قارار قىلىندى. 2002- يىلى جۇڭگوغا تەبىئىي گاز سېتىشقا دائىر توختامنامە ئىمزالاندى. 2004 – يىلى گازپرومنىڭ جۇڭگو دۆلەت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى تۈزگەن كېلىشىمى بىلەن مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ راۋاجلاندى. جۇڭگو يالغۇز رۇسىيە تەبىئىي گازىنى سېتىۋېلىش بىلەنلا قالماي ئەينى ۋاقىتتا ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئورتاق بىر شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىلاتتى. بۇنىڭدىن سىرت ئۈچىنچى دۆلەتلەردىمۇ ئورتاق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلاتتى. 2007- يىلىدا شەرقىي تەبىئىي گاز لايىھىسى دۆلەت لايىھىسى سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىندى. جۇڭگو بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيە شىركەتلىرىگە 25 مىليارد دوللار كرىدت بېرىشنى قۇبۇل قىلدى. پۇتىننىڭ ئاخىرقى قېتىملىق زىيارىتىدە بۇ كېلىشىمنامىلەرنىڭ ئاخىرقى نۇسخىلىرى ئىمزالاندى.
بىراق يېقىنقى مەزگىللەردە رۇسىيە ئالىملىرى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جۇڭگو تەھدىتىگە ئېتىبارسىز قارىلىشىغا ھەيران بولىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇچۇق – ئاشكارا يېزىشقا باشلىدى. رۇسىيە زىيالىيلىرىنىڭ تەھدىت ھېس قىلىش تۇيغۇسى ئۈستىدە توختىلايلى.
1-     جۇڭگونىڭ ئەسكىرى جەھەتتىن زورىيىشى ۋە نوپۇسنىڭ تىز سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بېرىشى تەھدىت ھېسابلاندى.
2-     بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىشانلىرى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.
جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچلىرىنىڭ «ئىستراتېگىيىلىك چېگرىلار»غا يۈزلەندۈرۈلۈشى ۋە ئۇرۇشقا تەييار ھالغا كەلتۈرۈلۈشى ئېشىپ بېرىۋاتقان نوپۇسنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن دەپ قارالدى. جۇڭگو ھەربىي ئىستراتېگىيىسى ئۈچ باسقۇچلۇق لايىھىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بىرىنچى باسقۇچنىڭ 2000- يىلىدا ئاخىرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. مەھەللىي ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان دۈشمەنلەرنىڭ يوقىتىلىشىنى نىشان قىلغان بۇ باسقۇچ مۇۋاپپىقىيەتلىك شەكىلدە نەتىجىلەندۈرۈلدى، دەپ قارالماقتا. ئىككىنچى باسقۇچ 2010- يىلىدا ئورۇندىلىپ بولۇشى كېرەك. بۇ باسقۇچتا، ئىستراتېگىيىلىك چېگرىلارنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى زۆرۈر بولماقتا. 2050- يىلىدا ئورۇندىلىپ بولۇشى كېرەك بولغان ئۈچىنچى باسقۇچقا كۆرە، جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ ھەر خىل چوڭ ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلالىغۇدەك كۈچكە ئىگە بولۇپ بولغان بولۇشى كېرەك.
رۇس زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇ پىلاندا جۇڭگونىڭ ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىستراتېگىيىلىك چېگرىلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئەسكەرتىلمىگەن بولسىمۇ، بۇ چېگرىلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيىنىڭ شەرقىي سېبىرىيە ۋە يىراق شەرق ئۆلكىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئورۇن ئالىدىكەن. شەرقىي سېبىرىيە ۋە يىراق شەرق ئۆلكىلىرى ناھايىتى كەڭ كەتكەن زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئېنېرگىيە زاپىسى مول رايونلار ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي نوپۇسى توختاۋسىز ھالدا ئازىيىپ بارماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ، خۇسۇسەن قازاقىستاننىڭ ھەممىدىن بەكرەك جۇڭگونىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. رۇسىيىنىڭ پەقەت شەرقىي رايونلىرىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن دۆلەتنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىسىنىڭ كۈنسىرى ئازىيىۋاتقان نوپۇسى ئىكەنلىكىنى دىققەت – ئېتىبارغا ئالغىنىمىزدا، بەزى مەلۇماتلارغا كۆرە 2 مىليارد نوپۇسقا ئىگە خوشنىنىڭ نېمىشقا تەھدىت ھېسابلىنىدىغانلىقى تېخىمۇ روشەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا رۇسلارغا كۆرە، (رۇسىيىدە – تەرجىماندىن) جۇڭگونىڭ 200 - 300 مىليوندىن ئارتۇق پۇقراسى بار. پۇقرا سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى مۇۋازىنىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىشى مۇمكىن.
نۆۋەتتىك خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە كرىزىسىغا قارىماي، جۇڭگونىڭ ھەربىي چىقىملىرىنى كۈپەيتىشىمۇ دىققەتنى جەلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى بىر مەسىلە. رەسمىي رەقەملەرگە كۆرە، 70 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل ھەربىي ئىشلارغا خىراجەت قىلىنماقتا. رۇسلار بۇ ساننىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ۋە سەرپىياتنىڭ بۇنىڭدىن ئەڭ ئاز بىر قانچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. پەقەت بۇ خىراجەتلەرلا ئەمەس، ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي تېخنىكىغىمۇ قورقۇشنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە قارالماقتا.
مەسىلە پەقەت جۇڭگونىڭ قانچىلىك زورىيىدىغانلىقى مەسىلىسى ئەمەس، رۇسىيىنىڭ قانچىلىك كىچىكلەپ كەتكەنلىك مەسىلىسىدۇر. رۇسىيە سابىق سوۋىت سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقىدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئاجىزلاپ ماڭماقتا. تاشقى سىياسەتتە ئۇتۇقلۇق بولغاندەك كۆرىنىۋاتقان ھەرىكەتلەر ئەسلىدە غايەت زور چۆكۈشنىڭ يۇشۇرۇلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. سابىق سوتسىيالىست دۆلەتلەر ئىچىدە رۇسىيە بىلەن نورمال مۇناسىۋەتلىرى بولغان دۆلەتنىڭ سېربىيە (سىربىستان) ئىكەنلىكىنى ھېچقانچە زورلانمايلا ئېيتىشىمىز مۇمكىن. مۇستەقىل دۆلەتلەر بىر گەۋدىسىنىڭ «ئەڭ يېقىن» دۆلەتلىرى - بېلارۇسىيە، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئەرمەنىستان (ئەرمىنىيە) -   لار بىلەنمۇ كۆرىنەرلىك مەسىلىلىرى بار. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى رۇسىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرەلمەسلىكىدۇر. كۆرۈنۈشتە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەربىي قانىتىنىڭ مانىۋېرىغا ئۆزىنى كۆز – كۆز قىلىش، دەپ باھا بېرىش مۇمكىن. لېكىن رۇسىيە باش قوماندانلىق شتابى باشلىقى نىكولاي ماكاروۋنىڭ، پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ ۋە باشقا دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ ھەربىي سەپتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تىرىشچانلىقىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، زامانىۋىي قوراللارغا قارشى مۇداپىئەسىز ئىكەنلىكلىرىنىڭ تونۇپ يېتىلىشىى ياتىدۇ. «رۇسىيە ئارمىيىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئارمىيىلىرىدىن تېخنىكا جەھەتتىن كەم دېگەندە 15-20 يىل ئارقىدا تۇرىدۇ.» بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش جۈملىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىقماقتا. پۈتۈن بۇلارنى بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرگىنىمىزدە، رۇسىيىنىڭ مۇھىم ئىچكى مەسىلىلەر بىلەن بوغۇشماقتا ئىكەنلىكىنى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلدە جۇڭگو تەھدىتىگە دۈچ كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى مۆلچەرلىشىمىز مۇمكىن.
مەنبە؛ تارىم ئاگىنتلىقى
دوستلىشىش
ئاتتللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7832
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-11
ئاخىرقى: 2011-07-07

ھۇ روس چوشقىلىرى 
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 916
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە916دانە
ئۆسۈش: 3830 %
مۇنبەر پۇلى: 11867 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-07-16
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 20:50

بۇ رۇس چوشقىلار زادى بىر ئەدەپلىنىشكە مۇھتاج،،،،،،،،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
جەۋلان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7849
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-12
ئاخىرقى: 2011-07-16
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 22:17

جىڭ!
ئاللانىڭ ئىرادىسىگە شەكسىىز بويسۇنىمىز.
دوستلىشىش
ئاتتللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7832
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-11
ئاخىرقى: 2011-07-07
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 00:57

ئەمسە 4-ھۇررا بىلەن روسسىيەنى ئالامدۇق
ئاللا ئەزىز قىلغاننى بەندە خار قىلالماس
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7853
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 115 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-13
ئاخىرقى: 2011-06-13
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 04:36

mp3
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4742
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
ئۆسۈش: 170 %
مۇنبەر پۇلى: 580 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-07-14
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 09:18

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى ۋەتەن1 نىڭ 2011-06-13 04:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
  
ماراقچىمۇ نىمۇبۇ.........ھەجەپ بىر ئادەملەرباركىنە دۇنيادا.
دوستلىشىش
ohho~duqu
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 135
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1390 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2011-07-16
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 12:04

روس چوشقىلىرىنىڭ زىمىنىنى تالان-تاراج قىلىپ روس بولغىنىغا دات دىگۈزۈش كېرەك
man kangsay azasian
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7819
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 390 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2011-07-08
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 15:34

يۇقارقى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۈلۈپ تىلىقىپ قالدىم دىسە!  روس چوشقىلىرىنى نىمەڭلارغا تايىنىپ تالان تاراج قىلىپ داد دىگۈزىسىلەر؟ دۇتتار ،تەمبۇر، غىجەك، راۋاپ ناخشا ئۇسۇلغا تايىنىپما؟ ئاغىزىڭلارغا پاتقۇدەك شوئار توۋلاڭلار.
ئۆتمۈشنى بىلمىگۈچە بۈگۈنكى كۈننىڭ مەنىسىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس!
دوستلىشىش
ئاتتللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7832
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-11
ئاخىرقى: 2011-07-07
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 00:55

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى aqkepter نىڭ 2011-06-13 15:34 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يۇقارقى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۈلۈپ تىلىقىپ قالدىم دىسە!  روس چوشقىلىرىنى نىمەڭلارغا تايىنىپ تالان تاراج قىلىپ داد دىگۈزىسىلەر؟ دۇتتار ،تەمبۇر، غىجەك، راۋاپ ناخشا ئۇسۇلغا تايىنىپما؟ ئاغىزىڭلارغا پاتقۇدەك شوئار توۋلاڭلار.


دۇتتار ،تەمبۇر، غىجەك، راۋاپ ناخشا ئۇسۇلغا تايىنىپ ئەمەس 解放军 بىلەن  ھى ھى ھى