
ھازىر بازارلاردا ئاق ئالتۇن ، سىرىق ئالتۇن ، قىزىل ئالتۇن دىگەندەك ئالتۇن تۈرلىرىنى ئۇچىرىتىمىز .
ئۇنداقتا ھازىر مودا بۇلۇۋاتقان قىزىل ئالتۇن زادى قانداق ئالتۇن .
ئەمەلىيەتتە قىزىل ئالتۇن دەپ ئالتۇن بولمايدۇ . بۇ بىر ئاتالغۇ .
ئادەتتە سىرىق ئالتۇنغا مەلۇم مىقداردىكى مىس ۋە كۈمۇشنى ئارلاشتۇرۇپ ياسالغان زىبۇ --زىننەتلەر قىزىل ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرى دەپ ئاتالماقتا .
ئىلگىرى زالتاي ئالتۇن دەپ ئاتىلاتتى . سىرىق ئالتۇنغا مىس مىقدارى كۆپ قىتىلسا ئارلاشتۇرۇپ ئىتىلگەندىن كىيىنكى رەڭگى قىزىل بولىدۇ . مېس مىقدارى كۆپ بولغاچقا رەڭگى قىزىل بولىدۇ .
ئالتۇن ئادەتتە خام ئالتۇن، پىششىق ئالتۇن، قارا ئالتۇن، ئارلاشما ئالتۇن قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.
يەنى ھازىر قىزىل ئالتۇن زىبۇ --زىننەتلىرىنىڭ ھەر گىرامى 250 يۈۋەن ئەتراپىدا سىتىلماقتا . پىرسەنتى50%---57%گىچە چىقىدۇ .
ئىبراھىمجان ئىرپانى
