تولۇقسىز ئوتتۇردا ئوقۋاتقان چاغلىرىم..................ئاجايىپ ئىسىل مىجەزلىك بىر پارتىدىشىم بولاتتى ، كىيىن قەلبىمىز بىر يەردىن چىقىدىغانلىقى سەۋەپلىك يىقىن دوسلاردىن بولۇپ قالدۇق............. بۇ دوسلۇق قىسقا ۋاقىتتىلا تەرەققى قىلىپ خۇددى بىر قوساق ئاكا_سىڭىللاردەك بىر_بىرىمىزگە كۆيۈنىدىغان قىرىنداشلاردىن بولۇپ قالدۇق، دائىم دەرىستىن سىرىت ۋاقىتلاردا بەك قىزغىن مۇڭدىشىپ كىتەتتۇق، گىپىمىزمۇ بەك بىر يەردىن چىقاتتى . ئۆز_ئارا ھۆرمىتىمىزمۇ بەك كۈشلۈك ئىدى......... بىزنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى بىزنى ئارلىشۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلاتتى، ھەتتا ئۇقۇتقۇچىلارمۇ بىر نەچچە قىتىم ئۇنى تەنقىت قىپتىكەن(مەكتەپتىكى سىسىق نامى پۇر كەتكەن ئوقۇغۇچى بولغانلىق تۇپەيلىدىن ماڭا سوت يوق ئىدى). ھەي نىمىسىنى دەي ئۇنىڭ بىلەن بىردەم ئولتۇرۇپ پاراڭلاشسام خاپىلىقلارنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك بولاتتىم ................ بىزنىڭ دوسلىقىمىزنى ھىچكىم توسالمىدى. بىر قىتىم ئۇنى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ نوچىسى ياخشى كۆرۇپ قاپتەك، يالغاندىن مىنىڭ مۇھەببىتىم دەپ تاياق يىگەنمۇ بولدۇم. يەنە بىر قىتىم ئۇنى سىنىپ مەسئۇلى ئۈيىگە چاقىرتىپ مىنىڭ ئەسكى بالا ئىكەنلىكىم كەلگۈسىمنىڭ پارلاق ئەمەسلىكى توغۇرلۇق جىق گەپلەرنى قىلىپتۇ.......
توۋۋا دەيمەن، ئۇنىڭ ئاجايىپ مىجەزى بار ئىدى. ھەر قىتىم كۆرۈشكىنىمىزدە ماڭا بىر نەرسە بىرەتتى. بولمىدى دىگەندە يانچۇقىدىن بىرەرتال كەمبۇت بولسىمۇ چىقاتتى....... ئشقىلىپ بىر-بىرسىمىزگە بەك ئامراقلىق قىلاتتۇق، ئىشقىلىپ ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشىدىغىنىمىزنى ھىس قىلىشقان ئىدۇق.لىكىن مىنىڭ قەلبىمگە <<نىكاھسىز مۇھەببەت مەۋجۇت بولمايدۇ.>> دىگەن ئۇقۇم قاتتىق ئۇرنىغاچقا ئارلىشىشنى توغرا تاپمىدىم.................
كىيىن ئۇ ئالى مەكتەپكە ئۆتتى، بارغانسىرى ئارلىقىمىز يىراقىلىشىشقا باشلىدى..................
بەزىدە شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ قالىمەن، يىزىشقان خەتلىرىمىزنى ئۇقۇپ شىرىن خىياللار قاينىمىغا چۆكۈشكىمۇ ئۈلگىرىمەن.........
ھازىر بەزى ئىشلار سەۋەبىدىن بۇ خەتلەرنى يوق قىلىش كىرەك بوپ قالدى. شۇڭا بۇ خەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچىسىنى كەڭسايغا تاشلىۋىتىشنى قارار قىلدىم........
قالغانلىرىنى ئالدىرماي تاشلايمەن .....كۆزى قىيمايدىكەن ئادەمنىڭ........
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئا.......... ئاكاش ياخشىمۇسەن، كۈنلىرىڭ خوشاللىق، خىياللىرىڭ مەنالار بىلەن ئۆتىۋاتامدۇ؟ مەنچە كۈنلىرىڭ ئۈيىڭ بىلەن مەسچىت ئارىسىدىكى يولنى ھەر كۈنى بەش قىتىم بىسىپ، ئاللاھ يولىدىكى ئىشلارنى ئويلاش بىلەن ئۆتىۋاتىدىغۇ دەيمەن. باسقان ھەر بىر قەدىمىڭگە ۋە ھەر كۈنىڭگە بىر ئاللاھ مەدەت بەرگەي! مىنىڭدىن ئەھۋال سورىساڭ، مىنىڭ كۈنلىرىم ئىمتىھانغا قالغان كۈننى ساناش، ھەرخىل ئىمتىھان قەغەزلىرىنى ئىشلىيەلمەي ياخشى ئۈگەنمىگەنلىكىمگە پۇشايمان قىلىش، تۆۋەن ئىمتىھان نومۇرلىرىغا قاراپ ئۆزۇمنىڭ دۆتلىكىگە ئىچىنىپ، يەنە تىخى ئالى مەكتەپ ھاياتىم توغۇرسىدا شىرىن خىياللار سۇرۇپ ئۆتۋاتىدۇ، تۇرلۇك بىسىملار تۇپەيلىدىن ئۆزۇمنى كۇندىن_كۇنگە پاكارلاپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلۋاتىمەن. كۇنلەرنىڭ بىرىدە يەر پاپىسىدەك بولۇپ قالسام بويۇڭدىن ماڭا بىرەمسەن؟ ^-^
ساڭا بۇ خەتنى يىزىشىندىكى مەقسىتىمگە كەلسەم، مەن خەت يازمىسام سىنىڭدىن خەتلەردىن ئەسەرمۇ يوق، قارىغاندا كۇنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مىنىڭدەك بىر سىڭىلچاق دوستۇڭنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئوخشايسەن(چاقچاق)<< ئىغىز تولدۇرالمىغان يوچۇقنى يىزىق تولدۇردۇ.>>دەپتىكەن. شۇڭا مەن بەزى ئويلىغان ئويلىرىم توغۇرسىدا سىنىڭ بىلەن خەت يۈزىدە بولسىمۇ ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشنى ئويلىدىم.
يىقىندا مەن دادامدىن :<<باشقا دىندىكىلەرنى دورىغانلار قىيامەتتە شۇ پىتى قوپىدىكەن!>>دىگەن گەپنى ئاڭلاپ، بىز زادى نەدىندۇر قۇبۇل قىلۋالغان <<تۇغۇلغان كۈن>> مەدەنيىتىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ھازىر بىزدە كىچىك بۇۋاقلارنىڭمۇ تۇغۇلغان كۇنىنى ئالاھىدە ئۆتكۇزۇپ بىرىدىغان، ئارلىشۋاتقان قىز_ئوغۇللار بولسا بىر_بىرىنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى مۇبارەكلەپ رىستۇرانلاردا ئۆتكۇزدىغان، دوسلارمۇ ئۆز_ئارا تۇغۇلغان كۇن سوۋغىتى بىرىدىغان خىلىلا ئەۋىج ئاپتۇ. ئەلۋەتتە بىزمۇ بۇنداق مەدەنيەت شاماللىرىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمىدۇق، بىر نەچچە قىتىم بىر_بىرىمىزگە خىلە پۇل ۋە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۇغۇلغان كۇن سوۋغاتلىرىنى ئالدۇق....
بىزدە ئەزەلدىن تۇغۇلغان كۈن مەدەنيىتى يوق ئىدى. بىز بۇنى باشقا مىللەتتىن قۇبۇل قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۋاتىمىز، ئەسلى بىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بولغان ئىككى ھىيىت بايرىمىمىز بولغان، ئۇ بولسىمۇ روزى ھىيىت بىلەن قۇربان ھىيىت . لىكىن بىز بۇ ئۇلۇغ كۇنلەردە بىر_بىرىمىزنىڭ ھىيتىنى مۇبارەكلەشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. بىرەر سىمىزمۇ بىر_بىرسىمىزگە سوۋغا بەرمەيمىز، ئەجىبا ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم بىز مۇسۇلمانلارغا بەرگەن بۇ قۇتلۇق بايراملار سوۋغات بىرىپ تەبىرىكلەشكە ئەرزىمەمدۇ؟ ئەگەر بىز مۇشۇ يول بىلەن ماڭساق كىيىىن بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىز تۇغۇلغان كۇنلىرىنى تىخىممۇ كاتتا قىلىپ ئۆتكۇزۇشكە يۇزلەنمەيدۇ دەپ ئىيتالامدۇق؟ بەلكىم ئۇلار كىيىن تۇغۇلغان كۇنلىرىنى ھىيىتلاردىنمۇ چوڭ ھالەتتە ئۆتكۇزىشى مۆمكىن، كىم بىلىدۇ كۇنلەرنىڭ بىرلىرىدە ئۇلار بىر_بىرىگە ئۇزۇن ئۆمۇرنى بىر ياراتقۇچى ئاللاھتىن ئەمەس، تۇغۇلغان كۇن زىياپىتى ، تۇغۇلغان كۇن تورتى، تۇغۇلغان كۇن شاملىرىدىن تىلەمدۇ تىخى؟(خۇدايىم ئۇنداق بوپكىتىشىدىن ئۆزى ساقلىسۇن!) ئەگەر بىز مۇشۇنداق يول بىلەن تۇغۇلغان كۇن مەدەنيىتىنى تىخىممۇ تەرەققى قىلدۇرساق، كىيىن كىلىپ چىقىدىغان شۇ خىل ئىشلارغا زادى كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنداق ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا بىز تاتىلىمىز! بىزنىڭمۇ مەسئوليىتىمىز بولىدۇ! دىمەك بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز باشقا دىندىكىلەرنىڭ مەدىنيىتىنى دورىغانلىق ھىساپلىندۇ! شۇڭا مەن بۇ ئىشنى يەنىلا ئۆزىمىزدىن باشلاشنى ئويلىدىم. ئەمدى شۇ ئۇيلىرىمىزدە توپا بىسىپ تۇردىغان تۇغۇلغان كۇن سوۋغاتلىرىغا خەشلىگەن پۇللىرىمىز ئۆز جايىنى تاپسۇن، ئۇنىڭغا سەرىپ قىلغان ۋاقتىمىزنى ئۆز دىنىمىزغا چۇشىدىغان، ئىتقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىشلارغا ئىشلىتەيلى. ئەمدى بىز چوقۇم بىر_بىرسىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۇنلىرىنى ئۇنتۇپ كىتەيلى. بىر_بىرسىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۇنلىرىنى تەبىرىكلەپ سوۋغا بىرىشنى مۇشۇ يەردە توختىتايلى. بىزدە تۇغۇلغان كۇنسىزمۇ ۋاقىت ھەم پۇل ئىسراپ بولدىغان بايراملار ئاز ئەمەسقۇ! << ئەبجەش ئادەم ئەبجەش مەدىنيەتكە ئامراق>> دەپ بىزمۇ ھە_دىسىلا باشقا مىللەتلەرنىڭ بايرام مەدەنيەتلىرىنى قۇبۇل قىلىۋىرىپ كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئەبجەش مىللەتتتىن بولۇپ قالمايلى، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىسىل مەدىنيىتىمىز ئۆزىمىزگە يىتىپ ئاشىدىغۇ. مىنىڭ بۇ ئويۇمغا سىنىڭ قوشۇلىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن! مەن ئويلايمەن دوسلۇق مىھرى ئۇ سوۋغات بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ! دوسلۇقنى سوۋغات بىلەن ئەمەس ھەقىقى كۆيىنىش، ياردەم بىرىش ، ئىللىقلىقنى ھىس قىلدۇرۇش بىلەن ئىپادىلىسىمۇ بولىدىغۇ!
ئاخىرىدا سىنىڭدىن بىر ياردەم سوراي ، ھەدەڭ 2007-يىللىق ماتىرياللىرىدىن خىمىيە بىلەن بىئولۇگىيە ماتىريالىنى ئىشلەتمىسە ماڭا بىر مەزگىل بىرىپ تۇرغان بولسا. كىرەك بولسا مەيلى......مىنى ئىزدىسەڭ...........................................
ئاللاھ ئىگەم ئامانلىق بەرسۇن!
2008.2.1
[ بۇ يازمىنىsirik 2011-06-12 13:35قايتا تەھرىرلىدى ]