پوچتالىيون <<
كۆرۈنمەس>> <<
مەنزىرە>>نىڭ ئانىسىغا مەنزىرەنىڭ زاكاز خېتىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ،تالونغا ئىمزا قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ.مەنزىرەنىڭ ئانىسى ئىمزانى قانداق قويىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.<<
كۆرۈنمەس>>:
__ ئادەتتە خەت يازغاندا ئاخىرىغا نېمە دەپ يازسىڭىز شۇنداق يېزىپ قويسىڭىز بولدى،دېسە <<
مەنزىرە>>نىڭ ئانىسى قەلەمنى ئېلىپ مۇنداق ئىمزا قويۇپتۇ:
<<سىلەرنى سۆيۈپ: ئاناڭلار>>.
_______________________________________
پىل بىلەن چۈمۈلە توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجراشقىلى كەپتۇ.سوتچى شىر ئاجرىشىش سەۋەبىنى سوراپتۇ.
چۈمۈلە: مەن ئۇنى سۆيۈپ قوياي دېسەم،يامىشىپ ئاغزىغا كەلگۈچە 20مىنۇتتەك ۋاقىت كېتىدۇ...
پىل: ئاجراشساق ئاجراشتۇق! مەنمۇ ئۇنى سۆيمەكچى بولسام ھەر قېتىمدا لوپا ئەينەك بىلەن ئىزدەپ تاپالماي ئاۋارە بولىمەن...