باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 598 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 3- نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركچە ناخشا – مۇزىكا فېستىۋالى
دوستلىشىش
ozturkler
tum turkler birlesmeli
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 171
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە171دانە
ئۆسۈش: 3150 %
مۇنبەر پۇلى: 3895 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2011-07-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-11 22:17

3- نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركچە ناخشا – مۇزىكا فېستىۋالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيۇسى خەۋىرى:
خەلقئارا تۈركچە ناخشا – مۇزىكا فېستىۋالىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىكى 2011- يىلى 13- ئىيۇندىن 18- ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە دەنىزلى – پامۇققەلئەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
3- نۆۋەتلىك
خەلقئارا تۈركچە ناخشا –مۇزىكا فېستىۋالى
1- ئومۇمىي مەلۇماتلار:
       تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىلەن دەنىزلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئارقىسىدا 2009 ۋە 2010- يىللىرى دەنىزلى – پامۇققەلئەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تۈركچە ناخشا – مۇزىكا فېستىۋالىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىكى 2011- يىلى 13- ئىيۇندىن 18- ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە دەنىزلى – پامۇققەلئەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
      بۇ يىللىق فېستىۋالغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېت ئارقىلىق (ئىنتېرنېت ئىمكانىيىتى يوقلار فاكس ئارقىلىق) ئىلتىماس سۇنۇلىدۇ. قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنماقچى بولغان ئانسامبىل ۋە سەنئەتچىلەر ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولۇق شەكىلدە توشقۇزۇپ، ئەڭ كېچىككەندە 2011- يىلى 29- ئاپرېلغىچە يوللىشى كېرەك. ئىلتىماسلار تەشكىللەش كومىتېتى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە فېستىۋالغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن گۇرۇپپا ياكى سەنئەتچىلەر 2011- يىلى 2- مايدا بۇ تور بېتى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ.
    2- ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى:
1) فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ خەلقئارا قاتناش، يىمەك – ئىچمەك ۋە ياتاق چىقىملىرىنى فېستىۋال ئۈستىگە ئالىدۇ.
2)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەرگە ئىشتىراك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدۇ.
3)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر فېستىۋالدا بىرى تۈركچە، بىرى ئۆز تىلىدا بولۇپ ئىككى ناخشا ئېيتىدۇ.
4)فېستىۋالدا ئېيتىلىدىغان ناخشىلار ئۈچۈن تولۇق ياكى يېرىم كۆرسىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر، فېستىۋالدا ئېيتىدىغان ناخشىلىرىنىڭ پەقەت مۇزىكا قوشۇلغان بىر نۇسخىسىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك. فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ:
      ئا) فېستىۋالدا ئېيتىدىغان تۈركچە ۋە ئۆز تىللىرىدىكى ناخشىنىڭ تولۇق مىللىي نۇسخىلىرى،
        ب) فېستىۋالدا ئېيتىدىغان تۈركچە ۋە ئۆز تىللىرىدىكى ناخشىنىڭ (تېكىستسىز) مۇزىكا نۇسخىلىرى
2011- يىلى 16- ماي كۈنىگىچە تەمىنلىنىدىغان ftp  بېتىگە wavشەكلىنىدە يۈكلىنىشى؛ تېخنىكىلىق سەۋەبلەردىن يۈكلەش مۇمكىن بولمىغاندا، ئىلتىماس جەدۋىلىدە ئەسكەرتىلگەن ئادرېسقا MP3شەكلىدە ئېلخەت ئارقىلىق يوللىنىشى، wavشەكلىدىكى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق يوللىنىشى كېرەك. گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ناخشىلارنىڭ wavشەكلىدىكى نۇسخىلىرىنى دەنىزلىگە كەلگەندە ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتىمۇ ئېلىپ كېلىشى لازىم.
   5 )فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر، فېستىۋالدا ئېيتىدىغان بىرى تۈركچە، بىرى ئانا تىلىدىكى ئىككى ناخشىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ھوقۇقىنى تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا ھەقسىز شەكىلدە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. فېستىۋال دائىرىسىدە بېرىلىدىغان كونسېرتلار ئەسناسىدىكى ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ لىنتىلىرى ۋە فېستىۋالدا ئېيتىلىدىغان ناخشىلارنىڭ لىنتىلىرى تۈركىيە – رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپا ياكى ناخشىچىلارغا نەشىر ھەققى تۆلىمەستىن نەشىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ ۋە TRTتەرىپىدىن ياۋروپا تارقىتىش بىرلىكى رادىيو پوپ / روك/ دۇنيا مۇزىكا ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى Eurosonicقا بارلىق ئەزالار تەرىپىدىن تارقىتىلىشى تەكلىپ قىلىنىدۇ؛ يەنە TRTتەرىپىدىن مۇۋاپىق دەپ قارالغان مېديا ئورگانلىرىغا بېرىلىدۇ.
      6)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر دۆلەتلىرىگە ئائىت ئالاھىدە چالغۇلىرى ۋە سەھنە كېيىملىرىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
    7)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچى ئىككى ئاخشام سەھنىگە چىقىدۇ، بىرىنچى ئاخشىمى تېكىستى تۈركچە ناخشىلىرىنى، ئىككىنچى ئاخشام بولسا، تېكىستى تۈركچە ناخشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ ئانا تىللىرىدىكى ناخشىسىنى ئورۇندايدۇ.
    8)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ سەھنىگە چىقىش تەرتىپى بارلىق گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان بىر يىغىندا چەك تاشلاش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.
    9)فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچىلەر فېستىۋال ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مېھمانخانا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قاتناش چىقىملىرىنى ئۆزى كۆتۈرۈش شەرتى بىلەن بېلىتىنىڭ كېتىدىغان ۋاقتى كەلگۈچە دۆلىتىمىزدە تۇرالايدۇ. بۇ ئەھۋالدا قايتىش بېلەتلىرى خالىغان يەرلىرىگە ۋە خالىغان ۋاقتىغا توغرىلاپ ئېلىنىدۇ. بۇ ۋاقىت ئىچىدە خالىسا بىرەر ئورۇن تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كونسېرتلارغا قاتناشسىمۇ، خالىسا تەتىل ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ.



دوستلىشىش
ohho~duqu
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 135
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1390 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2011-07-16

ياخشىكەن
man kangsay azasian
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 916
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە916دانە
ئۆسۈش: 3830 %
مۇنبەر پۇلى: 11867 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-07-16
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 09:55

بىزنىڭ نىمە كارىمىز،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 513
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە513دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 5431 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2011-07-16
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 14:37

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-06-12 09:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزنىڭ نىمە كارىمىز،،،،،

 
دوستلىشىش
مەنزىرە
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7036
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 293
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە293دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 3052 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2011-06-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 14:43

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-06-12 09:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزنىڭ نىمە كارىمىز،،،،،

توغرا بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز كەنغۇ؟    مۇنبەردىكى بىرەرى خەلقئارا تۈركچە ناخشا – مۇزىكا فېستىۋالىغا قاتنىشامدۇ _يا؟
ناۋادا بۇ بىلىۋېلىڭ سەھىپىسى بولسا بىلىۋالدۇق................
كۆپ رەھمەت!
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 362
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە362دانە
ئۆسۈش: 1440 %
مۇنبەر پۇلى: 4592 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2011-07-16
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 22:02

خەۋەردار بولدۇق.
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...