
مۇنبەردە بارغانسىرى قىزىپ كىتىۋاتقان ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىگى ، قىز - ئاياللارنىڭ يولدىن چىقىپ كىتىشى توغرىسىدىكى يازمىلارنىڭ غىدىقلىشى بىلەن بولسا كىرەك ، يىقىندىن بىرى مەن ئىلگىرى دىققەت قىلمىغان ياكى توغرا دەپ قاراپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قايتا نەزەر سالدىم . بەزى نۇرمال دەپ قاراپ كەلگەن ئىشلىرىمنى ئەمدى تازا توغرا كۆرمەي قالدىم ، دە ئۆزگەرتىشكە باشلىدىم .
ئىشنى ئاۋال چچ دىن باشلىدىم . چچ ئىشلىتىشنى ئۈگەنگىلى 2-3 يىللار بولسىمۇ ، (ئىلگىرى قىززىقمايتىم ) لېكىن تازا بەك ئىشلىتىپ كەتمەيتتىم ، پەقەت دېھقانچىلىق مەيدانى ئۇيۇنى ئۈچۈن ، دەرىجە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۈنبۇيى ئېچىپ قۇياتتىم . شۇ ئارىلىقتا كۈنىگە 1-2 دىن ، بەزىدە ئۈچتىن بۇلۇپ ، چچ رىمغا قۇشۇۋىلىش ئۈچۈرلىرى كىلىپ تۇراتتى ، مەنمۇ مەقسەتسىزلا قۇشۇۋېلىپ ھازىر قارىسام « دوستلىرىم »70 نەچچە بۇلۇپ قاپتۇ . بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن ئونلارچە ئادەمنى مەن خىزمەت ئېھتىياجى ۋە مۇنبەر ئېھتىياجى بىلەن قۇشۇۋالغان ، باشقىللىرى ئاساسەن مەن تۇنۇمايدىغانلار ئىدى . قىزىقارلىقى ماڭا قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ 98% تى قىز - ئاياللار ئىدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 3-4 كىشى بىلەن ئاندا - مۇندا پاراڭلاشقان ئىدىم .
بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى بىر - ئىككى قېتىم پاراڭلىشىپ باققان بىرى ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ . پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن يولدىشى بار -يوقلۇقىنى سورىدىم . ئۇ دەستلەپ جاۋاپ بەرگىلى ئۇنىمىدى ، كىيىن بارلىقىنى ئېيتتى . مەن كىسىپلا بۇندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمايدىغانلىقىمنى ، ئۆزەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ غۇرۇرىنى ساقلىمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم . ئۇ چوكان بىزنىڭ پاراڭلاشقىنىمىزنى ئىرىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ، پاراڭلاشساق ھىچنىمە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى . شۇنداقتىمۇ مەن قەتئى قۇشۇلمىدىم . ئاخىرىدا ئۇ ھازىر مەندەك بىر ئەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ خاپا ھالدا خوشلاشتى . شۇ پېتى ئالاقىنى ئۈزدۈم .
شۇنىڭدىن كىيىن مەن ماڭا ئۇچۇر يوللىغانلاردىن سالامدىن كىيىنلا ئىرىنىڭ بار - يوقلىقىنى سورايدىغان بولدۇم . ئىرى بولسىلا يۇقۇرقىدەك قىلىدىغان بولدۇم . بەزىللىرى خاپا بولدى ، بەزىللىرى توغرا كۆردى .
مۇشۇنداق قىلغاندىن بىرى مەن مۇنبەردە مۇشۇ تۈردىكى يازمىلارنى كۆرگەندە تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن ئىنكاس يازىدىغان ، قىلچە خۇدۈكسىنىپ قالمايدىغان بولدۇم . لېكىن ئاشۇ قىز -چوكانلارنىڭ ئىرىنىڭ ھەققىگە ، غۇرۇرىغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى .
سىز بىر يىگىت بولسىڭىز چوكانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئىرىنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىۋاتامسىز ؟
بىر ئايال بولسىڭىز قىلچە ھېيىقماستىن باشقىلار بىلەن مەيلى قانداقلا مەقسەتتە بۇلۇڭ ئىرىڭىزنىڭ ھەققىگە قارا ساناۋاتامسىز ؟ غۇرۇرىنى يات بىر كىشى بىلەن بىرلىشىپ دەپسەندە قىلىۋاتامسىز ؟ شۇنداق بولسا سىلەرنىڭ قارشى تەرەپتىن ئاغرىنىدىغانغا نىمە ھەققىڭلار بار ؟