باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 488 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇسلىمە ئايالنىڭ خارەكتىرى
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 140
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە140دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 1500 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2011-07-16
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-11 17:13

مۇسلىمە ئايالنىڭ خارەكتىرى

بۇ (مۇسلىمە ئايالنىڭ خارەكتىرى) دىگەن كىتاپ ھەر بىر مۇسلىمە قىز-ئاياللارنىڭ ئوقىشىغا تىگىشلىك كىتاپ ئىدى، چۈنكى مۇشۇ كىتاپنى ئوقۇپ شۇنىڭغا ئەمەل قىلغاندا ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ھەقىقى مۇسلىمە ئايال بولغىلى بولىدۇ .
مۇئەللىپ بۇ كىتابىدا بىز ئاددى قارايدىغان مەسلىلەرنىمۇ شۇنچىلىك ئىنچكىلىك بىلەن بايان قىلغان، ھەم ھەر بىر ئىشلاردا قانداق قىلغىنىمىزدا ئاللاھنى رازى قىلالايدىغانلىقىمىزنى شۇنچىلىك تۇللۇق ئوتتۇرغا قويغان. لىكىن بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى بولمىغاچقا نۇرغۇن قىز-ئايال قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭدىن پايدىلنالمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاز-ئازدىن بولسىمۇ تەرجىمە قىلىپ بۇ مۇنبەرگە يوللاشنى ئويلىغانتىم لىكىن مەن بىر مەزگىلدىن كىيىن تورسىز مۇھىتقا كىتىمەن شۇڭا بېشىنى باشلاپ قويۇپ ئاخىرىنى تاشلاپ قويسام قاملاشمىغان ئىش بولغىدەك شۇنىڭ ئۈچۈن يوللىمىدىم.
سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. ئەرەپچە بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ كىتابنى بىر ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇ مۇسلىمە ئايال: ھوشيار مۆئمىن ئايالدۇر:
مۇسلىمە ئايالنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان چوڭقۇر ئىمانى، ۋە ئۇنىڭ مۇشۇ كائىناتتا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر ۋە ئىنسانلار دۇچار بولىۋاتقان ئاقىۋەتلەرنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ قازايى-قەدەرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا، ۋە ئىنسانغا يىتىدىغان نەرسە ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقىغا، ئۆتۈپ كىتىدىغان نەرسە ھەرگىزمۇ يەتمەيدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەنلىكىدۇر.
ئىنساننىڭ بۇ ھاياتتىكى مەجبۇرىيتى ياخشى يولدا مېڭىش ۋەئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۈل قىلغان، ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان، داۋاملىق ئاللاھنىڭ ياردىمىگە، كۈچلەندۇرىشىگە، رازىلىقىغا موھتاج ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەنگەن ھالدا دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتۇر.

ھاجەرنىڭ قىسسىسى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام 
 
ھاجەرنى مەككە-مۇكەررەمدىكى دۆڭلۈكنىڭ بىر تەرىپىدىكى بىر ئۆيگە تاشلاپ قويدى، شۇ كۈندە مەككىدە بىرمۇ ئادەم ۋە سۇمۇ يوق ئىدى، پەقەت ھاجەر بىلەن ئىمىتىدىغان كىچىك بالىسى ئىسمايىل باشقا ھىچ كىم يوق ئىدى. ھاجەر ھەر بىر مۇسلىمە ئايالنىڭ ئالدىدا ئاللاھقا بولغان چوڭقۇر ئىمانغا ۋە راستچىل تەۋەككۈلگە ئەڭ گۈزەل مىسالنى قويدى. ھاجەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تەمكىنلىك، خاتىرجەملىك، ئىشەنچ بىلەن : (ئى ئىبراھىم ئاللاھ سىنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ )دىدى، ئبراھىم ئەلەيھىسسالام :(شۇنداق ) دەپ جاۋاپ بەردى، ھاجەرنىڭ خاتىرجەملىك، قانائەتلىنىش، ۋە رازىلىققا تولغان جاۋابى:(ئۇنداقتا ئاللاھ بىزنى ھەرگىزمۇ زايا قىلمايدۇ ) دىگەنلىك بولدى.

ئەڭ قىيىنچىلىق پوزىتسىيە: بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ۋە ئىمىۋاتقان بالىسىنى بىرەر ئۆسۈملۈك، سۇ، ۋە ئىنسان يوق بىر قورغاق زىمىنغا تاشلاپ قويدى، ۋە ئۇ ئىككىسى بىلەن بىر خۇرجۇن خورما، بىر تۇلۇم سۇنىلا تاشلاپ قويۇپ يىراق شام شەھەرلىرىگە كىتىپ قالدى. ئەگەر ھاجەرنىڭ قەلبىنى توشقۇزغان چوڭقۇر ئىمانى، ۋە ئۇنىڭ ھىس تۇيغۇللىرىنى تولدۇرغان ئاللاھقا بولغان راسىتچىل تەۋەككۈلى بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇ بۇ قورقۇنۇچلۇق پوزىتسىيەنى كۆتۇرۇشكە قادىر بولالمىغان بولاتتى، ۋە ئەۋۋەلقى مىنۇتتىلا ۋەيران بولغان بولاتتى، ۋە ئۇ ھاجەر بەيتۇللاھنى ھەج قىلغۇچىلار ۋە كىچە- كۇندۇزدە ئۆمرە ھەج قىلغۇچىلار ھەر قېتىم پاك زەمزەم سۈيىنى ئىچكەندە ۋە سافا- مەرۋىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئاشۇ قىيىنچىلىق كۈندە ھاجەر يۈگۈرگەنگە ئوخشاش يۈگۈرگەندە ئەسلەيدىغان مەڭگۈلۈك ئايال بولالمىغان بولاتتى.

مۇشۇ ئىمانى ھوشيارلىق مۇسۇلمان ئەر-ئايالنىڭ ھاياتىدا ئاجايىپ مىۋىلەرنى بەردى. كۆڭۈللەر ھوشيارلاشقان ، تۇيغۇلار ئۆتكۈرلەشكەن، قەلىبلەر ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە سىرلارنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ ھەر قاندا ۋاقىتتا ئىنسان بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇلغان!!!   
ئاشكارە- يۇشۇرۇن ھالەتتە ئاللاھدىن قورقۇشنى كۆز ئالدىغا ئەپ كىلىدىغانلىقىغا ۋە كۆڭۈلنىڭ ھوشيارلىقىغا ئەڭ روشەن دالالەت قىلىدىغان قىسسە كۆزگە كۆرۈلگەن كىشلەرنىڭ ۋە ياخشى كىشلەرنىڭ سۈپىتىدە كەلگەن مۇسلىمە قىزنىڭ قىسسىسىدۇر:

ئابدۇللاھ ئبنى زەيد ئىبنى ئەسلەم ئۆزىنىڭ دادىسىدىن، بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەلۇم بىر كۈنى مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مەدىنىنى چارلاۋاتاتتىم،ئۇ كىچىدە ھىرىپ قېلىپ بىر تامغا يۆلەندى، بۇ چاغدا بىر ئايال قىزىغا مۇنداق دەۋاتاتتى:قىزىم سۈتكە سۇ ئارلاشتۇرۇڭ،  قىز: ئانا سىز ئەمىيرۇل مۆئمىنىيننىڭ ھېلىقى كۈندىكى چاقىرىقىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟، دىدى،  ئۇ ئايال: قانداق چاقىرىقكەن ئۇ؟، دىدى، قىز:سۈتكە سۇ ئارلاشتۇرماڭلار دىگەن چاقىرىق، دىدى، ئۇ ئايال يەنە: قىزىم سۈتكە سۇ ئارلاشتۇرىۋىرىڭ  ئۆمەر بۇ يەردە يوق سىزنى كۆرمەيدۇ ، دىدى، قىز: مەن ئاشكارە ھالەتتە ئىتائەت قىلىپ ، يۇشۇرۇن ھالاتتە ئاسىي بولمايمەن ، دىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ گەپنى ئاڭلاپ ماڭا: ئەسلەم سەن بېرىپ ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇلارنىڭ ئىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلىپ كەل،  دىدى، مەن بېرىپ سۈرۈشتۈردۇم ئۇ قىزنىڭ ئىرى يوقكەن ، ئانىسىنىڭمۇ ئىرى يوقكەن. مەن كىلىپ بۇلارنى ئۆمەرگە خەۋەر قىلدىم. ئۆمەر باللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارنى بىر يەرگە يىغدى ۋە ئۇلارغا: سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئايالغا موھتاجلىرىڭلار بارمۇ؟ مەن ئۇنى ئۆيلەپ قۇيىمەن، ئەگەر مەندە ئايالغا نىسپەتەن ئازراق ھەركەت بولغان بولسىدى بۇ قىزنى ھىچكىمگە بەرمەيتىم ،  دىدى، ئابدۇللاھ بىلەن ئابدۇرراھمان: مىنىڭ ئايالىم بار ، دىدى، ئاسىم : مىنىڭ ئايالىم يوق ماڭا ئۆيلەپ قويغىن ، دىدى، ئۆمەر ئۇ قىزغا ئەلچى ئەۋەتتى ، ئاندىن ئاسىمنى ئۇ قىزغا ئۆيلەپ قويدى. ئۇ قىز ئاسىمغا بىر قىز تۇغۇپ بەردى ، تۇغۇلغان ھېلىقى قىز بولسا ئۆمەر ئبنى ئابدۇل ئەزىزنى تۇغدى.

ئۇ بولسا ئىسلام ئۇنى مۇشۇ قىزنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزغان كۆڭۇلنىڭ ھوشيارلىقىدۇر،  ئۇ قىز ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە ئىكەنلىكىگە، ھەممىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئاشكارە-يۇشۇرۇن ھالەتلىرىدە رۇس تۇرغۇچى، تەقۋاداردۇر، مانا بۇ ھەقىقى ئىمان ، ۋە مۇشۇ ئىماننىڭ ئاجايىپ مىۋىسى ئۆزىنىڭ ئىگىسىنى ياخشىلىق مەرتىۋىسىگە ئۆرلەتتى،  ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ قىزغا بۇ دۇنيادا نەق بەرگەن ساۋابى بولسا ئۇ قىزنى مۇشۇ تەلەيلىك ، مۇبارەك نىكاھ بىلەن ھۆرمەتلىك قىلغانلىقى بولدى، ۋە ئۇ قىزنىڭ نەسلىدىن راشىد خەلىپىلەرنىڭ بەشىنچىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دۇنياغا كەلدى.

ئاڭلىق مۇسلىمە ئايالنىڭ ئەقىدىسى ساپتۇر، ئۇنىڭ ئەقىدىسىگە بىلىمسىزلىكتىن بىرەر ئارلاشما ئارلىشىپ قالمايدۇ، ۋە ئۇنىڭ ئەقىدىسىنى خۇراپاتلىقتىن بىرەر گۇڭگالىق دۇغلاشتۇرمايدۇ، ۋە ئۇنىڭ چاقنىشىنى ۋەھىمىدىن بىرەر كۆلەڭگە ئۆچۈرۈپ قويمايدۇ.         ئۇ بولسىمۇ ھەممىگە قادىر، ھەممە ئىشلارنىڭ تۇتقۇچى ئۇنىڭ قولىدا بولغان، ھەممە ئىشلار ئۇنىڭغا قايتىدىغان ، تەڭداشسىز ، ھەممىدىن بۈيۈك، يەككە -يىگانە ئاللاھقا بولغان ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەقىدىدۇر.
(ئېيىتقىنكى، " ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا ) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بىرىڭلار)" ئۇلار :"ئاللاھ" دەيدۇ.ئېيىتقىنكى، "سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر")(سۈرە مۆئمىنۇن 88،89 -ئايەت)

ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 634
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە634دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 6612 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2011-07-15

ئەسسالامۇ ئەلەيىكۇم .
پايدىلىق تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن .ئاللاھ رازى بولسۇن سىزدىن
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 720 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2011-07-14
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 14:03

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام!
داۋامى بەردەك بىلىندىغۇ ماڭا  
نېمە؟نەدە؟قاچان؟
دوستلىشىش
lady-uyghur
Allah likes most perpetual deeds however minimal.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 776
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
ئۆسۈش: 850 %
مۇنبەر پۇلى: 1931 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-31
ئاخىرقى: 2011-07-15
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 14:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
تېمىڭىزنى ساقلىۋالدىم. رەھمەت!
It is He (Allah) Who is God in the heavens and God on earth; He is the All-Wise, the All-Knowledgeable.
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 212
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە212دانە
ئۆسۈش: 750 %
مۇنبەر پۇلى: 2775 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-06-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 16:24

بىلىشكە تىگىشلىك بىلىم ئىكەن،رەھمەت سىزگە
ياتنىڭ ياغلىق لوقمىسىدىن،ئۈزۈمنىڭ قانلىق مۇشتۇمى ياخشى.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1329
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-30
ئاخىرقى: 2011-06-20
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 19:51

بولسا PDF  نۇسىخسنى يۇللاپ كۇيسنڭز بۇپتىكەن    
mp3
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7802
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2011-06-20
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 11:02

ياخشى يۈللاپسېز ئاللا رەخمەت قىلسۇن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 81
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 93
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1050 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2011-07-17
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 11:43

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام  ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن.  يوللىغان تېمىڭىزنى كۆرۈپ ، بۇ كىتابتىن  سېتىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ ..
دوستلىشىش
ئەلىف
اللەنىڭ نەزىرىدىكى مەن ھەقىقى مەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7794
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2011-07-16
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 12:27

بۇ  كىتاپنى  ناھايىتى  ياخشى  تەۋىسسىيە  قىپسىز  ،  قېرىندىشىم  كۆپ  تەشەككۈر  اللە  ئەجرىڭىزنى  زىيادە  قىلسۇن،
سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا سەبىر قىل ، اللە كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 326
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە326دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 3325 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-06-22
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 14:39

ئاللا رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم رەھمەت سىزگە