جىمى ھەمدۇسانەئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللاھ قا خاستۇر
اللاھ نىڭ بىزلەرگەبەرگەن موجىزىلىرى كۆپتۇر .مەسلەن؛ئادەمنىڭ تۇغۇلىشى ھەقىقى چوڭ موجىزە [چۇنكى ئادەمنى يوقتىن بارقىلىش بۇ بىر اللاھ تىن باشقا ھىچقانداق شەيئىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ .]يەنە قۇرۇق ئوت-چۆپ قوناق ،سامان يەپ ئاندىن بىز ئىنسانلار ئۈچۈن تاتلىق ھېچقانداق ئوت سامان پۇرقى بۇلمىغان، سۇتنى ئىشلەپ چىقىردىغان قوي ،كالا،تۆگەۋەھاكازلار .[سىز ۋەمەن ھەرقانچە ئۇستا بىلىمگە ئېگە بۇلساقمۇ ئاشۇ ئوت-سامانى خام ئەشيا قىلىپ تاتلىق تەمىگەسۇتنى ئېشلەپ چىقىردىغان ماشىنا ياسىيالمايمىز ]
ئەمدى مۇنۇسۆزنى كىچىكىنە بۇلسىمۇ پىكىر قىلىپ باقايلى؟
[شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پىچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ سۈرە ياسىن 65-ئايەت]
تېلفۇن ھازىر ھەممە ئادەمگە بىر -ئېككىدىن توخرا كېلىدىغان بۇگۇنكى كۇندە ،نۇرغۇنلىرىمىز بۇ سۇزلەشسەكىللا بۇلىدىغان نەرسىغۇ دەپ ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلەگەدىققەت قىلمىدۇققۇ دەيمەن .دىققەت قىلساقمۇ پىكىر قىلىپ باقتىڭېزمۇ ؟ بەلكىم ئازساندىكىلەر پىكىر قىلىدۇ.
ھازىر بۇ تېلفۇندىكى ئۈنالغۇ كۇنۇپكىسىنى باسساقلا ئۇ ئۆزلىكىدىن بىزنىڭ ھەر-بىر قىلغان سۇزىمىز نى ساقلىۋالىدۇ ،ئەگەر ئۇ يۇمشاق ئېغزىمىزدىن چىققان گەپلەر ھەتتا بىر ھەرىپ چاغلىق بۇلسىمۇ ساقلىۋالىدۇ؟
ئەگەر سىن ئېلېش ھەم ئۈن ئېلىش كۇنۇپكىسىنى تەڭ ئېلىپ بارساقچۇ؟ ئۇچاغدا تېلفۇن ھەممە ئىش-ھىركىتىمىزنى پاكىتى بىلەن ساقلىۋالىدۇ.ئەگەر ئۇنى چىقىرۋەتمىسەكلا ساقلىنىپ قالىدۇ ،بىرەرسى بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىز نى كۆرمەكچى بۇلسا ئۇ چاغدا بىزنىڭ لازىمىمىز قالمايدۇ خالاس.چۇنكى ئۇ دەۋېتىدۇ سۈر ەتلىرىمىزنى چىقىرىپ بىرىدۇ.ئەسلى جانسىزنەرسە سۆزلەيدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش بىز نىڭ قول-پۇت،ھەرئەزايىمىزئۇنالغۇ. ئاشۇ جانسىز تېلفۇندىن جانلىقلار نىڭ ئاۋازى چىققانغا ئوخشاش بىزنىڭ پۇت-قولىمىزمۇ بىزنىڭ پايدا -زىيىنىمىزغا ئاۋازچىقىرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۇن بىز يۇمشاق تىللىرىمىزدىن اللاھ ۋە اللاھنىڭ رەسۇلى رازى بولغىدەك يۇمشاق گەپلەرنى قىلايلى ،
غەيۋەت-شىكايەتتىن،باشقىلارنى ئورۇنسىز خاپاقىلىشتىن،ئورۇنسىز تىللاشتىن،ئورۇنسىز رەنجىتىشتىن،ئۇرۇشتىن،تىللاشتىن،ھاراق ئېچىشتىن،تاماكا چېكىشتىن.........يىراق تۇرۇپ پۇت-قوللىرىمىز نىڭ بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھ بولۇشتىن قاتتىق ساقلىنايلى.
ھىچكىم كۆرمىدى دەپ بىر بۇلۇڭغا كىرىپ كەتسەكمۇ ئۇ ئىشلىرىمىز اللاھ قا ئاشكارىدۇر قېرىنداشلار.
اللاھ ھېچ نەرسىنى بىكارغا ياراتمىغان،ھەرنەرسىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى بار،خۇددى جانسىز پۇت-قولىمىزنىڭ ئاخرەتتە سۆزلىشىگە ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۇن ئېغىزلىرىمىزنى كۆپرەك اللاھ نىڭ زىكىرىغا سەرىپ قىلايلى.پۇت-قوللىرىمىزنىمۇ اللاھ نىڭ مەسجىدىگە بەكرەك سوزايلى. گۇناھلىرىمىزغا تەۋبەقىلغۇچى،ئېغىرچىلىقلارغا