ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كەڭسايدىكى بىر تورداشنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن «1918-يىلدىكى كاۋكاز ئىسلام قوشۇنى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى يۇتۇيب تورىدىن چۈشۈرگەن ئىدىم. بۇ فىلىم تۈركىيەدە ئىشلەنگەن، ئەمما تىلى ئازەرىچە، بىزنىڭ ئۇيغۇرچىمىزغا خېلى يېقىن.
مەزمۇنى: غەرب دۆلەتلىرى باكۇنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئازەرىلەر ئوسمانلى دۆلىتىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان. بۇ چاغدا ئوسمانلى دۆلىتى گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولغاچقا، شۇنداقلا گېرمانىيە ئوسمانلى قوشۇنلىرىنىڭ ئازەربەيجان باكۇغا ياردەمگە بېرىشىغا قەتئىي قارشى بولغاچقا، شۇ چاغدىكى ھەربىي قۇماندان ئەنۋەر پاشا ئازەرىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىر ئەقىل ئويلاپ چىققان. يەنى، مەخپىي ھالدا بىر قوشۇن تەشكىللەپ باكۇغا يولغا سالغان. گېرمانلار: "بۇ نېمە ئىش؟ دەپ سورىغاندا، دىندار مۇسۇلمانلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىشكە ئاتلىنىپتۇ. بۇ قوشۇننىڭ ئىسمى ئىسلام قوشۇنى ئىكەن. بۇنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىسى يوق" دەپ جاۋاب بەرگەن......
«مەمتېئىلى ئەپەندى» ناملىق كىتابتا ئەنۋەر پاشا ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار بار.
تەپسىلاتىنى فىلىمدىن كۆرۈۋالغايسىلەر.
86921361
86922433
86922515
بۇ فىلىمنىڭ تۇدۇ تورىدىكى ئۆمرى قانچىلىك بولىدۇ؟ بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، مۇمكىن بولسا كەڭساي تورى بوشلۇقىغا چىقارغىلى بولغان بولسا ئۆمرىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى. كەڭساي بوشلۇقىغا چىقىرىشنى خالايدىغان باشقۇرغۇچىلار بولسا، چ چ دا فىلىمنى ئەۋەتىپ بېرىمەن.