ئەخلاق ھايا توغرىسىدىكى تېمىلارنىڭ تور دۇنياسىدىلا ئەمەس ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىمۇ بازىرى كاسات! ئېمان سۇسلاشتى ھايا كۆتۈرۈلدى ! دىنسىزلىق ھاياسىزلىق <<مەدەنىيلىك>> ،<<يېڭىلىق >> قىلىپ كۆرسىتىلدى ، ئېمان -ئېتقاد شەرمىي ھايا بولسا <<كونىلىق >>،<<بىدئەت >>قىلىپ تەشۋىق قىلىندى ! ياغلىق ئاتقان ئەۋرەتلىرىنى ياپقان قىز ئاياللىرىمىز جەمىيەتنىڭ داشقاللىرى سۈپىتىدە خورلاندى ياكى مازاق قىلىندى ! ئاتا ئانىلار قىزلىرىنىڭ يىگىتلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىشىنى ئۈمۈت قىلدىكى ئۇلارغا بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى ھازىر كىمگە ئوخشاپ قالغانلىقىمىزنى ئەسكە سېلىشنى ئۇنۇتتى ، قىزلىرىنىڭ كەينىگە قانچىلىغان يىگىتلەرنىڭ كىرىۋالغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۇرۈشتى ! قىسقىسى قىيامەت كۈنى پادىلىرىدىن ھېساپ بېرىدىغان ئاتىلارنىڭ كۆزىنى شەيتان ئېتىۋالدى! ..................................................
مېنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتە خانىم قىزلىرىمىزغا شۇنداق دەۋالغۇم بار! قىزلار سىلەر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ،سىلەر بۇ دۇنياغا يۈكسەك بىر مەسئولىيەت ئۈچۈن كەلگەن ! ھەرگىزمۇ ھاياسىز ھالىتىڭلار بىلەن ئەرلەرنىڭ شولگەيلىرىنى ئېقىتىش ئۈچۈن كەلمىگەن ! ئەجبا سىلەر جەننەت ۋە دوزاقنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەمسىلەر ! ياكى بىر ئۇيغۇرنىڭ بالىسى بولۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن قۇتۇلۇپ قالىمەن ،پالانى پالانى مىللەتلەرگە قارىغاندا قىيامەت كۈنى ياخشى جايغا ئېگە بولىمەن دەپ ئويلامسىلەر !
ياكى سىلەر ئويۇن تاماشا بىلەن بولۇپ كېتىپ قىيامەت كۈنى توغۇرلۇق ئەستايىدىل ئويلىشىدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتامسىلەر!
ھازىرمۇ ياخشى كۈن كۆرۈپ كەتمەيۋاتقان مۇشۇ تۇرقۇڭلاردا كەلگۈسى پەرزەنتلىرىڭلارنى قايسى قىسمەتلەرگە ئىشتىرمەكچىسىلەر!
بىر تاتقان كۈننى ئۇلارمۇ تارتىپ باقسۇن دېمەيدىغانسىلەر ! ياكى بۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىرمۇ ؟ سىلەر دوزاققا ئوتۇن بولۇشنى تاللامسىلەر! سىلەر ئۆز تېرەڭلارغا پاتماي جاھاندا بىردەك كېتىپ بارغىنىڭلاردا بىزنىڭ سىلەرگە قاراپ نېمىلەرنى دېيىشىدىغانلىقىمىزنى بىلەمسىلەر ! <<بۇ يىل مىللىتىمىز ئېشەكتىن مول ھوسۇل ئاپتۇ >> دېگەندەك مەسخرىلىك پاراڭلارنى قىلىشىمىز ! يولدىن چىققانلىرىمىز <<ئاۋۇ ئېشەك بىرەر قېتىم مېنىپ قويۇشقا يارايدىكەن >> دېيىشىدۇ! بىز سىلەرنىڭ كۆزىمىزنىڭ قىسىلچىغىغا ئىلىپ قويمايمىز ! سىلەردىن نەپرەتلىنىمىز ،سىلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ياخشى ئادەملىكىدىن گۇمان قىلىمىز ! لېكىن ئېنساپ تىلىمەيمۇ قالمايمىز ! ...................بۇنىڭ ئەكسىچە بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ھەممە قازاندا بىردىن قايناپ چىققاپ ئەل ئاغىنىلىرىمىز جېنىدا توي قىلىدىغانغا يەنىلا شەرمى ھايالىق (ئۆزى ناماز ئوقىمايدىغانلىرىمۇ قىزنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان ياغلىق ئارتىدىغان بولىشىنى شەرت قىلىدۇ تېخى) مېنىڭ ئەل ئاغىنىلىرىم ئىچىدە كوچىغا چىقىپ كەتكەن بىھايانى ئېلىپ ئۇنىڭدىن بىر نەسىل قالدۇرۇپ ئاچچىق پۇشايمان بىلەن خوتۇنىنى قويىۋىتىپ <<ھەقىقەت>> كە قايتقانلىرىمۇ ئاز ئەمەس ! ......................................
مەن سىلەرنى ئۆزەڭلارنىڭ يولۇڭلاردىن توسۇپ قالالمايمەن مېنىڭ قىلالايدىغىنىم پەقەت( ئاللاھ خالىسا )ئاللاھ رازى بولغىدەك ئائىلە قۇرۇپ ئاللاھ رازى بولغىدەك پەرزەنت تەربىيىلەش ! ياخشى بىر پەرزەنت تەربىيىلىگىنىم بۇ يەردە مىللەت ئۇچۇن 1000 ياخشى ماقالە يازغىنىمدىن ئەۋزەل!
[ بۇ يازمىنىgunahkar 2011-06-09 19:23قايتا تەھرىرلىد ]