ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ~! ھەممىمىزگە ئايانكى اللە كىلەچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
مانا زاماننىڭ ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملار ،ئۇقۇتقۇچىلار ،ئۇقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ئېلىم-پەندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەرقايسى دىنلار ۋە دىنى كىتاپلار ئوتتۇرسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق قۇرئاندىكى مۆجىزىلەر ‹‹قۇرئاننىڭ››ھەقىقى اللە تەرەپىتىن چۈشۈرۈلگەن ئىلاھى كىتاپ ۋە ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنىڭ بەختى-سائادىتى ئۈچۈن قانۇن قىلىق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياشاش يۇلىنىڭ ۋە نىجاتلىق يۇلىنىڭ ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ توپ-توپ بۇلۇق ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماقتا ؛
مانا بۇگۇنكىدەك كاپىرلار زىمىنىدىن ئېلىپ-پەن ئارقىلىق‹‹تىكەنلەر ئارىسىدىن گۈل ئۈنۈپ چىققاندەك››مۇسۇلمانلار سېپىگە قۇشۇلۇپ بىز بىلەن بىر سەپ ،بىر يول،بىر ئەقىدە ۋە بىر ئۇستۇغان بۇلۇپ ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنى كۆرىۋاتىمىز .
مانا مۇشۇنداق غەيرى دىندىكىلەر ئىلىم-پەنگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ھۆرمىتى سەۋەپلىك ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى تۇنۇپ يىتىپ توپ-توپ بۇلۇپ ئىسلامنى قۇبۇل قىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە شىنجاڭ دىيارىدا ئۆزىنى ئىسلام ئەۋلادى دەپ ساناپ كىلىۋاتقان بىر قىسىپ قېرىنداشلار ئىلىم-پەننى،ئۆز ئەقىدىسىنى،ۋە مۇقەددەس يۇلى بولغان ئىسلام يۇلى ۋە ئىسلامى بىلىملەرنى تاشلاپ ئۆز ئەقىدە،ئۆز مىللى ئۆرۈپ ئادىتىگە زىت ناتوغرا بۇزغۇنچىلىق،شەھۋەت ۋە شۆھرەت پەرەسلىك،مۇناپىقلىق ۋە ئىلىم_پەنگە خىيانەت يۇلىنى تاللاپ شىنجاڭ دىيارىنى دىنى مائارىپ ۋە ئېلىم_ پەن جەھەتتە نامرات قالدۇرماقتا ۋە ھالسىرىماقتا؛
ئەلبەتتە بۇ جەھەتتە ئۆز ئەقىدىسىنى ساقلىغان ئاساستا تىنىم تاپماي جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلامۇ ھەم يوق ئەمەس،
بىلىم-مائارىپ ساھەسىدە ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخنىڭ بارلىق سەھىپىلىرىدە يۇقىرى سەۋىيەلەرگە يەتكەن.
مائارىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ گۈللىنىشىدە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. بۇ ھەقتە سۆز قىلىش ئىنسانغا روھىي ئۇزۇق بېغىشلايدۇ ۋە كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قاراشقا ئۈندەيدۇ ئەلبەتتە.
ناخشا-مۇزىكا،شەھۋەت ۋە شۆھرەت پەرەسلىك ئەمەس بەلكى بىلىم ئىلىش مىللەتنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى مۇھىم باسقۇچ بولۇپ، تەپەككۇر، تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا يۈكسىلىش پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە مىللەتنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. تارىختىكى گۈللىنىشلەر، ھازارەتلەر، مەدەنىيەتلەرنىڭ تۈپ ئاساسى بىلىم ئىكەنلىكىگە ھېچكىم شەك قىلمايدۇ. دۇنيا خەلقى ئۆزىنىڭ تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق ھەيئەتلىرى ئارقىلىق بىلىمسىزلىك، كەمبەغەللىك، تىرورىزىم، ۋابا-تائۇن ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرگە ئوخشاش مىكروپلارغا قارشى تۇرۇشقا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرگەن بىر ۋاقىتتا، ئاللاھنىڭ دىنىدىن يىراقلىشىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن مەزكۇر كېسەللەر ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك ۋاكسىنا بىلىم ۋاكسىنىسى ئىكەنلىكىنى كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ . چۈنكى ساغلام ئەقىدە، ئىسلامى ئەخلاق، تىرىشچانلىق، پاكىزلىققا ئوخشىغان ئىسلام دىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان ئىشلارغا ئەمەل قىلىش ۋە توسقان ئىشلاردىن چەكلىنىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ساپاسىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئىسلام دىنى بىلىم- مەرىپەت دىنى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ھەقىقىي بىلىم ئىنساننى توغرا يولغا(ھىدايەتكە) باشلايدۇ. ئىسلام دىنى تارىختىن بىرى ھېچقاچان بىلىم-مائارىپ ۋە تەرەققىياتقا، مەيلى بۇ دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىككە ئائىت بىلىملەرگە توسالغۇ بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى بىلىم ئىگەللەشنى ئەر-ئايال ھەممە ئىنسانغا شەرتسىز پەرز قىلغاندۇر. ئاللاھ مەرتىۋىسىنى بىلىم ئارقىلىق كۆتۈرگەن مىللەت ھېچقاچان بىلىمسىزلىك، جاھالەت پاتقىقىغا پېتىپ، ھازارەت ۋ ە تەرەققىيات كارۋىنىدىن قېپقالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا رازى بولمايدۇ .
كېلىچىكى ئۇستىدە ئويلىنىدىغان ھەرقانداق مىللەت، كەلگۈسى ھاياتىدا بىلىم- تېخنىكىنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك.
كۆپ سۆزلەپمۇ كەتتىم ،ئەمدى تىمىدىكى ئەسلى مەخسەتكە كەلسەك بىزنىڭ سېپىمىزگە قۇشۇلغان بۇ كىشى بولسا ئامرىكا SUNY شەھەرلىك SUNY ئۇنۋىرستىتىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان John Garrett ئىتقادىنى ئىسلامغا ،ئىسمىنى بولسا Jhon دىن Abdullah(اللەنىڭ بەندىسى) گە ئۆزگەرتكەن.
مانا بۇ كىشى تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە مەبلەغ سېلىشقا توغرا كەلسە ئىنسان يېتىشتۈرۈشكە سېلىنغان مەبلەغ ئەڭ ياخشى ۋە پايدىلىق مەبلەغ ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرىدىندۇر،
مانا بۇ كىشىنى ئامىركا مۇسۇلمانلار تورىدا ‹‹شاھادەت نامە›› بىرىش ئارقىلىق مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
John Garrett بولسا 1981-يىلى دۇنياغا كەلگەن .
مۇراسىم ئامرىكىنىڭNew York دىكى بەش چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان Brooklyn(برۇكلىن)شەھرىدىكى Fatih(فاتىھ) مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلدى ،
ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان John ئەپەندىم _ ‹‹Abdullah›› نامىنى ئالدى ۋە Fatih مەسچىتى تەرىپىدىن ‹‹مۇسۇلمان بولغانلىق شاھادەت نامىسى››بىرىلدى مۇراسىمدىن كۈرۈنۈشلەر :
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
ئامرىكا مۇسۇلمانلىرى تورىدىن ئىنگىلىزچە ۋە تۈرۈكچە مەزمۇنىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە: [url]http://www.unitedamericanmuslim.org[/url
بۇ توربەت تەمىنلىگەن ئالاھىدە توردا ئۇقۇش قۇرئانى:
http://www.unitedamericanmuslim.org/kuranikerim.php كەڭساي مۇنبىرى ۋە مىسرانىم مۇنبىرى: bul~buljan