باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1796 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: پەرق مۇنداقكەن!
ھەقىقەت ئىككى كىشىگە مۇھتاج،بىرى سۆزلىگۈچى،يەن& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1207
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 191
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە191دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 2193 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 11:20

پەرق مۇنداقكەن!

                           ئامىركىلق ئوقۇتقۇچى بىلەن جۇڭگۇلۇڭ ئوقۇتتقۇچىنىڭ "كۈلقىز"دىگەن دەرسنى ئۆتىشى


چەتئەل مائارىپى ۋە جۇڭگو مائارىپنى سېلىشتۇرساق، ئەلۋەتتە نۇرغۇن پەرقلەرنى ھېس قىلالايمىز، تۆۋەندىكىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدىكى تىپىك مىسالنىڭ بىرى…

ئامېرىكا نۇسخىسى : دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى، بالىلار سىنىپقا كىرىشتى، بۇ سائەتلىك دەرستە مۇئەللىم ‹‹كۈل قىز›› دېگەن دەرسنى ئۆتمەكچى ئىدى. مۇئەللىم بىر بالىنى مۇنبەرگە چىقىپ كۈل قىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. بالا ناھايىتى تېزلىكتە سۆزلەپ بولدى، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىسىغا رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن بالىلاردىن سوئال سوراشقا كىرىشتى.
مۇئەللىم: سىلەر بۇ ھېكايىدىكى كىمنى ياخشى كۆرىسىلەر، كىمنى ياقتۇرمايسىلەر؟ نېمىشقا؟
ئوقۇغۇچىلار: سىندىرېلا (كۈلقىز) نى، يەنە شاھزادىنى ياخشى كۆرىمىز، كۈلقىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۆگەي ھەدىلىرىنى ياقتۇرمايمىز. سىندىرېلا ئاقكۆڭۈل، سۆيۈملۈك، چىرايلىق. ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئۆگەي ھەدىلىرى سىندىرېلاغا يامانلىق قىلىدۇ.
مۇئەللىم: ئەگەر يېرىم كېچە سائەت 12 بولغاندا سىندىرېلا ئۆزىنىڭ كاۋا پەيتۇنىغا چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالسا، ئويلاپ بېقىڭلارچۇ، قانداق ئىش يۈز بەرگەن بولاتتى؟
ئوقۇغۇچىلار: سىندىرېلا بۇرۇنقى قاسماق ئەسكى كىيىملىك ھالىتىگە كېلىپ قالغان بولاتتى، ئۇنداق بولغاندا چاتاقنىڭ چوڭى چىقاتتى-دە.
مۇئەللىم: شۇڭا، سىلەر چوقۇم ۋاقىتقا رېئايە قىلىدىغان ئادەم بولۇشۇڭلار كېرەك، ئۇنداق بولمىسا ئۆزۈڭلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىسىلەر. ئۇنىڭدىن باشقا قاراڭلار، سىلەر ئادەتتە چىرايلىق كىيىنىپ يۈرىسىلەر، شۇڭا ئۇشتۇمتۇتلا باشقىلارنىڭ ئالدىغا ۋەيرانە ھالدا چىقىپ يۈرمەڭلار، بولمىسا دوستلىرىڭلار قورقۇپ كېتىدۇ. قىزلار سىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشىڭلار كېرەك، سىلەر چوڭ بولغاندا يىگىتلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەگەر دىققەت قىلمىساڭلار ئوغۇل دوستۇڭلارغا بەكمۇ سەت كۆرۈنۈپ قالىسىلەر، ئۇلار قورققىنىدىن ھۇشىدىن كېتىشىمۇ مۇمكىن (مۇئەللىم ھۇشىدىن كەتكەن ھالەتنى دورايدۇ)
مۇئەللىم: ئەمدى يەنە بىر سوئال، ئەگەر سىز سىندىرېلانىڭ ئۆگەي ئانىسى بولغان بولسىڭىز، سىندىرېلانىڭ شاھزادىنىڭ تانسا كەچلىكىگە بېرىشىنى توسامتىڭىز؟ چوقۇم راست گەپنى قىلىشىڭلار كېرەك!
ئوقۇغۇچىلار: (بىر پەس ئويلىنىۋېلىپ، ئاندىن قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىدۇ) شۇنداق، ئەگەر مەن سىندىرېلانىڭ ئۆگەي ئانىسى بولغان بولسام، ئۇنىڭ شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىشىنى توسىغان بولاتتىم.
مۇئەللىم: نېمىشقا؟ ئوقۇغۇچىلار: چۈنكى، مەن ئۆز قىزلىرىمنى سۆيىمەن، قىزىمنىڭ خانىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇئەللىم: شۇنداق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كۆرگەن ئۆگەي ئانىلارنىڭ ھەممىسى يامان ئادەمدەكلا، ئۇلار پەقەت باشقىلارغا ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۆز بالىلىرىغا ناھايىتى ياخشى، بىلەمسىلەر ئۇلار ئەسكى ئادەملەر ئەمەس ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ بالىسىغا ئۆز بالىلىرىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنەلمەيدۇ.مۇئەللىم: بالىلار ئەمدىكى سوئال، سىندىرېلانى ئۆگەي ئانىسى شاھزادىنىڭ تانسىسىغا قاتناشقۇزمىغان ئىدى، نېمىشقا ئۇ يەنىلا بارالىدى، ھەتتا تانسىدىكى ئەڭ گۈزەل قىز بولۇپ بارالىدى؟
ئوقۇغۇچىلار: ھۆر-پەرىلەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى، ئۇنىڭغا چىرايلىق كىيىم بەردى، كاۋىنى پەيتۇنغا، ئىت بىلەن چاشقاننى چاكارغا ئايلاندۇرۇپ بەردى.
مۇئەللىم: توغرا، ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭلار! سىندىرېلاغا ھۆر-پەرىلەر ياردەم قىلمىغان بولسا، ئۇ تانسىغا قاتنىشالمىغان بولاتتى، شۇنداقمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار: شۇنداق!
مۇئەللىم: ئەگەر ئىت، چاشقان ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇ ئاخىرقى ۋاقىتتا ئۆيگە ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلەلەرمىدى؟
ئوقۇغۇچىلار (كۈلۈشۈپ كېتىپ): ياق، ئۇنداق بولغىنىدا شاھزادىنى قورقۇتىۋەتكەن بولار ئىدى (يەنە كوللىكتىپ كۈلكە ئاۋازى).
مۇئەللىم: سىندىرېلاغا ھۆر-پەرىلەر ياردەم قىلىدۇ، بىراق، ھۆر-پەرىلەرنىڭ ياردىمى بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. شۇڭا، بالىلار مەيلى قەيەرگە بارايلى، بىز دوستلارغا مۇھتاج بولىمىز، بىزنىڭ دوستلىرىمىز ھۆر-پەرى بولۇشى ناتايىن، ئەمما بىز ئۇلارغا ئېھتىياجلىق، مەن سىلەرنىڭ نۇرغۇن دوستۇڭلار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆۋەندە، يەنە ئويلاپ بېقىڭلار، سىندىرېلا ئۆگەي ئانىسى يول قويمىغانلىقى ئۈچۈنلا شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچكەن بولسا، ئۇ شاھزادىنىڭ جۆرىسى بولالىغان بولارمىدى؟
ئوقۇغۇچىلار: بولالمايتتى! ئۇنداق بولغىنىدا ئۇ تانسىغا بارالمايتتى، شاھزادىگە ئۇچرىمايتتى، تونۇشمايتتى ۋە شاھزادە ئۇنى ياخشى كۆرۈپمۇ قالمايتتى.
مۇئەللىم: ناھايىتى توغرا! ئەگەر سىندىرېلا تانسىغا بېرىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى ئۇنى توسماي قوللىسىمۇ پايدىسى بولمايتتى، كىم ئۇنىڭ شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىشىنى قارار قىلدى؟ )ئوقۇغۇچىلار: ئۇنىڭ ئۆزى.
مۇئەللىم: شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار، سىندىرېلانىڭ غېمىنى يەيدىغان ئانىسى يوق، ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭغا كۆيۈنمەيدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتسە، ئۆز غېمىنىمۇ قىلمىسا بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى قەدىرلىگىنى ئۈچۈن، ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىنى ئىزدىشى كېرەك. ئاراڭلاردىن بىركىم باشقىلارنى ئۆزىگە كۆيۈنمەيدىغاندەك ھېس قىلسا ياكى سىندىرېلادەك كۆيۈنمەيدىغان ئۆگەي ئاناڭلار بار بولسا، قانداق قىلاتتىڭلار؟ يەنە بىر گەپ، بۇ ھېكايىدە قانداق نامۇۋاپىق جاي بار؟
ئوقۇغۇچىلار: (سەل ئويلىنىپ) يېرىم كېچىدىن ئۆتسە ھەممە نەرسە ئەسلىگە قايتاتتى، ئەمما سىندىرېلانىڭ مەرمەر ئايىغى ئۆزگەرمەيدۇ.
مۇئەللىم: پاھ، قالتىسكەنسىلەر! قاراڭلار، مۇشۇنداق ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭمۇ خاتالىق سادىر قىلىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، شۇڭا، خاتالىشىش ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس. ھۆددە قىلالايمەنكى، ئاراڭلاردىن كەلگۈسىدە يازغۇچىلار چىقسا، بۇ يازغۇچىدىنمۇ قالتىس بولۇپ چىقىدۇ! ئىشىنەمسىلەر؟ (بالىلار چۇقىرىشىپ ئاۋاز قوشىدۇ).
مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاددىي بىر باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بىر سائەتلىك تېكىست ئوقۇش دەرسى. بىز قانچە يېشىمىزدا مۇشۇنچە تەپەككۇر قىلالىغان بولغىيتتۇق-ھە؟
________________________________________
بۇ دەرسنىڭ «جۇڭگوچە نۇسخىسى»نى كۆرۈپ باقايلى:
دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىردى.
مۇئەللىم: بۈگۈنكى دەرستە بىز ‹‹كۈلقىز›› دېگەن دەرسنى ئۆتىمىز. كۆپچىلىك ئالدىن ئۆگىنىپ كەلدىڭلەرمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار: ھېكايىنىمۇ ئالدىن تەكرار قىلىدىغان گەپمۇ؟
مۇئەللىم: “كۈلقىز” گىرىمنىڭ چۆچىكىمۇ ياكى ئاندېرسوننىڭمۇ؟ ئاپتورى كىم؟ قاچان تۇغۇلغان؟ ئاپتورنىڭ ھايات پائالىيىتى قانداق؟
ئوقۇغۇچىلار: ھەممىسى كىتابتا بارغۇ، ئۆزىڭىز ئوقۇيالمامسىز؟
مۇئەللىم: بۇ ھېكايىنىڭ زور ئەھمىيىتى نېمە؟
ئوقۇغۇچى: ھە، مانا بۇ ئىمتىھاندا چىقىدىغان يېرى.
مۇئەللىم: ياخشى، دەرس سۆزلەشنى باشلايمىز، كىم بۇ ھېكايىنى ئابزاسلارغا بۆلۈپ باقىدۇ ھەم ئابزاسقا بۆلۈشنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرىدۇ؟
ئوقۇغۇچى: بېشى بىلەن ئاخىرى بىردىن ئابزاس، ئوتتۇرىسى يەنە بىر ئابزاس بولۇپ جەمىي…
مۇئەللىم: دەرسنى باشلايمىز، ساۋاقداشلار دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار.
ئوقۇغۇچىلار: دەرس باشلانغىنىغا خېلى بولدىغۇ…
مۇئەللىم: ئەمدى مۇنۇ جۈملىگە دىققەت قىلىڭلار… بۇ قانداق جۈملە، ئاپتور نېمىشقا مۇشۇنداق يازغان؟ ئوقۇغۇچىلار (بىرمۇنچىسى ئۇيقۇغا كىرىشىپ كېتىدۇ)
مۇئەللىم: كۆپچىلىك مۇنۇ سۆزگە دىققەت قىلىڭلار، بۇنى باشقا سۆزگە ئالماشتۇرساق، نېمىشقا يازغۇچىنىڭ يازغىنىدەك ياخشى چىقمايدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار: (يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۇخلاشقا باشلايدۇ)
مۇئەللىم: كۆپچىلىك دىققەت قىلدىمۇ يوق، بۇ جۈملىدىكى ئاۋۇ ئىككى سۆزنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلسا بولامدۇ بولمامدۇ، نېمىشقا؟
ئوقۇغۇچىلار: مەن يا سىز بولمىسام، قانداقسىگە دىققەت قىلاتتىم؟ (يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۇخلاشقا باشلايدۇ…)
مۇئەللىم: نېمىشقا بۇنچە كۆپ بالا ئۇخلايدۇ؟ بىلىشىڭلار كېرەككى، ياخشى ئوقۇمىساڭلار ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىلەر، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىسەڭلەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيسىلەر، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسەڭلەر … كەلگۈسىدە كوچا تازىلاشقىمۇ يارىمايسىلەر… سىلەر بۇ ئادەم بولۇش قائىدىسىنى بىلىشىڭلار كېرەك.
بىز سورايمىزكى: ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە قانداق بولماقچىدى؟ 
مەنبە:تورخۇمار بىلوگى
مىنىڭچە جۇڭگۇچە نۇسخىسدا بىرىلگەن ئوقۇغۇچىلار سۆزىمۇ زورلاپ قوشۇپ قويىلىپتۇ،ئەمەليەتتە ئىلىمىزدىكى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنچىلىك تەپەككۇر قىلمايدۇ،پەقەت ئوقۇتقۇچى دىگەننى ياىشى ئۈگىنىپ ئوقۇتقۇچىغا ياخشى كۆرۈنسىلا بولدۇ!!! 
[ بۇ يازمىنىyangen 2011-06-07 12:48قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7614
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 470 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-27
ئاخىرقى: 2011-12-07

ئۇلارنىڭ بالىلىرى بەخىتلىككەن.
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1122
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1122دانە
ئۆسۈش: 1100 %
مۇنبەر پۇلى: 12033 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-01-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 12:44

ھىندىستاننىڭ <ئۈچ ئەخمەق> دىگەن كىنىوسى ئىسىمگە كىلىپ قالدى
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دوستلىشىش
جەسۇربەگ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7709
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-02
ئاخىرقى: 2011-06-23
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 12:49

ياخشى سېلىشتۇرۇش بوپتۇ، ھەقىقى!
دوستلىشىش
xapkat0999
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5100
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 173
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1777 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-01-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 13:20

1990.يىلىرى  مەكتەپتە  ئۇقۇغان چاغلاردا، دەرسنى شۇنداق  ئۆتىپ بىردىغان ،   ئابزاسقا بۆلىپ .
دوستلىشىش
لۇتفى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6889
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
ئۆسۈش: 680 %
مۇنبەر پۇلى: 2073 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2012-01-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 13:43

     توغرا   مائارىپنىڭ  ھەقىقى مەقسىتى  ئادەم  تەربىيلەش   ،  بىزنىڭكىدەك ئالىم  تەربىيلەش   ئەمەس      لېكىن  ئوقۇتقۇچىغىمۇ   نېمە ئامال  ئىمتاھان ..............
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 2786 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-01-09
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 13:54

بىر قىلىپتا قۇيۇلغان كىسەك شۇنداق رەتلىك كۆرىنىدىكە.
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 187
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە187دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2213 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-01-05
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 16:54

خەقنىڭ مائارىپى ئەمەلىي مائارىپ ،جۇڭگونىڭ مائارىپى نەزەرىۋى مائارىپ ،ئەلۋەتتە پەرىقنى تۈگەتكىلى بولمايدۇ~
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1119
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1119دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 11834 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-01-09
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 17:07

پاھ ماۋۇ چۇشەندۇرۇش نىمە دىگەن ئەمەلىي ....ئەگەر بىز شۇ بالىلارنىڭ ئورنىدا بولساق بۇ تىكىستنى ئېنىق مۇنداق تەھلىل قىلاتتۇق ....ئەخلاقلىق ،ئىشچان تىرىشچان بولسىلا ھامان غەلىبە شۇ كىشىگە مەنسۇپ بولدۇ ...يامان ئادەمنىڭ غەرىزى ئىشقا ئاشمايدۇ .ھامان زىياننى ئوزى تارتىدۇ ..دەپ ،بىراق تىلۋۇزۇردا كىنوارنى كوپ كورگەن باللىرىمىز قاتمال بىر چۇشەنچىدە باش لىڭشىتىپ ئولتۇراتتى ،جاپاغا چىداش ئىدىيەسىدە بۇلۇپ ئوز ئارزۇسىدىن  ۋاز  كەچمەكلىكنى ياخىشى ئادەم بۇلۇش دەپ چۇشۇنەتتى ...
  بالامغا بۇ ھىكايىنى سوزلەپ بىر سىناپ باقايچۇ قانداق ئانالىز قىلىدىكىن ؟....
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 3455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-10-17
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 21:19

خەقنىڭ باللىرى مەكتەپتە ئۇقۇسا شۇنداق ئەمىليەتچىل  بۇلۇپ چىقىدىكەن،بىراق جوڭگونىڭ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئۇزۇمنى ئالسام خېلى يىل 6 يىل فىزىكا ئۇقۇپتىمەن، ئاددىسى  ئۇيدە پوزا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە ئۇكامنى چاقىرمىز،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئاپامغا مەن قىلىپ باقاي قىلالايمەن دىسەممۇ سەن دىگەن قىز بالا،قىزلار توك بار يەرگە كەلسە خەتەرلىك دەپ يىقىن يوللىغىلى قويمايدۇ.،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بەلكىم ئۇنسىمۇ قىلالامتىمىكىن تاڭ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،پەرىق ھەققىقەتەن چوڭ مائارىپ ۋە باشقا جەھەتلەردە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئەمدى قىلدىغانغا ئىش تاپالماي ساپا مائاراپى دېگەننى كۈتۈرۇۈپ چىقتى،بۇ كۈتۇرۇپ چىققان نەرسىسى يا ئەمىليەتكە ئايلانمىغان،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ساپا ،،،،،،،،،،،دەپ شۇنچە توۋلىسىمۇ ھال مۇشۇنچىلىك ،،،،،،،،،،