
قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن كېسىۋېتىلگەن ئۈزۈم دەرىخى
ئۆتكەن يىلى قىش كېتىپ، ياز كەلگەندە، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى 20 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈششۈك ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 16 مىڭ مو يەردىكى ئۈزۈم تەسىرگە ئۇچراپ، 5000 مىڭ مو يەردىكى ئۈزۈم مول-ھوسول ئالالماسلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، ئۈزۈمچىلىق ئىشلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
72 ياشلىق قادىر بوۋاي يار يېزىسىدىكى ئۈزۈم تېرىقچىلىقى بىلەن شوغۇللانغۇچى، ئۆتكەن يىل 6- ئايدا ئۈزۈم مېۋىلىرى بىلەن لىق تولۇپ تۇرىدىغان ئۈزۈم پېلەكلىرىدە، بۇ يىل پەقەت يېشىل يۇپۇرماقنىلا كۆرۈپ، ئۈزۈم مېۋىسىنى كۆرگىلى بولمايتتى، ھەتتا نۇرغۇن ئۈزۈم شاخلىرى قۇرۇپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ بار ئىدى، بىر ئۆمۈر ئۈزۈمچىلىك ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان قادىر بوۋاي ئاھ ئۇرۇپ تۇرۇپ:«تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە بۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، مېنىڭ داداممۇ ھەم كۆرۈپ باقمىغان، بۇ قېتىمقى ئەھۋال ھەقىقەتەن بەك ئېغىر.يىراقتىن قارىسا بىر ئوندانلا كۆرۈنگەن بىلەن، ئىچىگە كىرىپ قارىسا ھېچقانداق مېۋىسى يوق، ئۆتكەن يىلى 12 مو ئۈزۈمدىن 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان، قارىغاندا بۇ يىل 4000 يۈەنمۇ كىرىم بولمايدىغان ئوخشايدۇ»دېگەن.
تۇرپان شەھىرى يار يېزىسى بۇ قېتىمقى ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان رايون بولۇپ، پۈتۈن كەنتتە 3600 مو ئۈزۈم يەر مەيدانىنىڭ 3000 مودىكى ئۈزۈم قورۇپ كەتكەن، 1250 دىن ئارتۇق دېھقان ئىچىدە 900 دېھقان ھېچقانداق مول-ھوسول ئالالماسلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن، پەرز قىلىنىشىچە، بۇ يىلى پۈتۈن كەنت ئۈزۈمچىلىك كىرىمى جەھەتتە 15 مىليون يۈەن زىيانغا ئۇچرايدىكەن.

قۇرۇپ يېرىلىپ كەتكەن ئۈزۈم شاخلىرى

قۇرۇپ كەتكەن ئۈزۈم پېلەكلىرى