باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1265 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: گۈزەل مەنزىرىگاھ -قاناس كۆلى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5379
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 1990 %
مۇنبەر پۇلى: 2525 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 19:13

گۈزەل مەنزىرىگاھ -قاناس كۆلى

شەرقتىكى شۋېتسارىيە دەپ نام ئالغان گۈزەل مەنزىرىگاھ __ قاناس كۆلى
دېڭىز يۈزىدىن 1375 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان بۇ كۆل بەئەينى ھىلال ئاينىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5.24 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 9.1 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 90 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 4.188 مېتىر، سۇ سىغىمى 4 مىليارد كۇپ مېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى چوڭقۇر كۆللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆل ئەتراپى ياپ - يېشىل يىڭنە يوپۇرماقلىق ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق قارىغاي بىلەن قاپلىنىپ، تاغ باغرىدىكى بىپايان يايلاق بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. كۆكلەمدە يايلاق گۈل - چىمەنلەردىن لىباس كىيىدۇ. تاغ باغرىدا ئاپئاق تۇمان ئەگىپ يۈرۈيدۇ. يىراقتىن قارىسىڭىز ئاقباش چوققىلىق تاغ باغرىدىكى قارىغايلىق جىلغىلاردا سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئاقىدۇ. 7-، 8- ئايلاردا دېڭىز يۈزىدىن 2030 مېتىر ئېگىز تاغ ئۈستىدىكى راۋاققا چىقىپ كۆل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغان ھەر قانداق ئادەم بۇ كۆلنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايدۇ، كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت ئاستىدا رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن بۇ كۆل ھەقىقەتەن گۈزەللىكتە تەڭداشسىز. قاناستا سىز «گۆھەر نۇرى» نىڭ رەڭگارەڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايسىز. بۇ «گۆھەر نۇرى» نى كىشىلەر «بۇددا نۇرى» دەپ ئاتىۋالىدۇ. جاھاندا تەڭداشسىز قاناس يىلاندەك تولغىنىپ ياتقان مۇزلۇق، ياپ - يېشىل يايلاق، بىپايان ئورمانزار ۋە تاغ باغرىدا لەيلەپ يۈرگەن نېپىز تۇمانلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، جەننەت مىسلى گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان. قۇياش ئۇپۇق يېرىپ كۆتۈرۈلگەندە ياكى تۈن پەردىسى ئېتەك يايغاندا، كېمىگە ئولتۇرسىڭىز ياكى 4 - ئەگىمدىكى پەشتاققا چىقسىڭىز، كۆلنىڭ تىلسىماتلىرىنى بىلىپ باققىڭىز كېلىدۇ، تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ قالسا ، تېخى گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىپ بولىدىغان «كۆلدىكى غەلىتە مەخلۇق» نى كۆرەلەيسىز.



قاناس كۆلى مەملىكىتىمىز بويىچە ياۋروپاچە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ھازىرلىغان تېپىلغۇسىز بىر رايون، بۇ مۇھاپىزەت رايونىدا 798 خىل ئۆسۈملۈك بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈك 30 خىلغا يېتىدۇ، 39 خىل ھايۋانات، 117 خىل قۇش، 7 خىل بېلىق بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان ھايۋانات 5 خىلغا، 2 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت قىلىنىدىغىنى 13 خىلغا يېتىدۇ، باشقا ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانات 9 خىلغا يېتىدۇ، خاتىرىلەنگەن ھاشارات ۋە زەمبۇرۇغ يېڭى خىلى 60 تىن ئاشىدۇ.
قاناسنىڭ ئاجايىپ، ئۆزگىچە، گۈزەل، رەڭدار تەبىئىي مەنزىرىسى دۆلەت رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە ساياھەتچىلەرنى ھوزۇرلاندۇرماقتا. ئۇنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى ئومۇم ئېتىراپ قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قاناس سبىرىيە تايگا ئورمانلىقىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر سوزۇلما بەلبېغى، جۇڭگودىكى بىردىنبىر شىمالىي پاسىلى ياۋروپانىڭ سبىرىيە رايونىنى ئىگىلىگەن ئۆسۈملۈك - ھايۋانات تارقالغان رايون، جۇڭگودىكى بىردىنبىر شىمالىي مۇز ئوكيان دەريا سىستېمىسى بولغان ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنىنىڭ مەنبەسى، جۇڭگودىكى موڭغۇللارغا تەۋە تۇۋانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىردىنبىر جاي، جۇڭگودىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن سانىلىدىغان مۇزلۇق ھېسابلىنىدۇ.


تۇۋانلار «تىۋان»، «كۆك مۇنچاق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارىخى ئۇزاق، قەدىمكى ھۆججەتلەردە تۇۋانلار توغرىلىق خاتىرىلەر بار. بەزى ئالىملار ئۇلارنى چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغاندا قېپقالغان بىر قىسىم قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ ئەسكەرلەرنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ. قاناستا ياشاۋاتقان پېشقەدەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بۇنىڭدىن 500 يىل مۇقەددەم سبىرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى، ھازىرقى رۇسىيىنىڭ تۇۋان جۇمھۇرىيىتىدىكى تۇۋانلار بىلەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشىدۇ. تۇۋانلار ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش ئادىتى ۋە تىلىنى ساقلاپ كەلگەن، تۇۋان تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى ئائىلىسىگە كىرىدۇ، قازاق تىلىغا يېقىن كېلىدۇ. تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە تۇۋانلار موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى يەرلىك بايرىمى بولغان زۇل بايرىمى <قىش كىرىش بايرىمى>، خەنزۇلارنىڭ چاغىنى ۋە تاۋۇز چاغىنىنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ. تۇۋانلار بۇددىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۆلگەنلەرنى كۆمۈپ دەپىن قىلىدۇ. تۇۋانلار ئالتايدىكى قاناس كۆلىنىڭ تۇۋانلار كەنتى ۋە ئاق قابا تۇۋانلار كەنتلىرىدە ياشايدۇ. قاناس كۆلى تۇۋانلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، قاناس ساياھەت رايونىدا ئۆزگىچە سېھرى مىللىي پۇراق ھاسىل قىلغان.
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-09

    يۇرتىمىز ھەقىقەتەن گۈزەل جۇمۇ .  
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 6671 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2012-03-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 02:51

خىلۋەت قاناس كۆلى .................... مۇشۇ دەرىسنى ئاكلىغىنىمغا ئۇن يىلدىن ئاشتى ....... شۇنىڭ ياقى بۇ جايغا بىر بارغۇم بار ....
ئالتايلىق قازاق ئاغىنىلىرىم بۇ كۆلنى ماختاپ .............. كۆرگىن سوڭ تاڭ قالاسىڭ ............... دىۋىدى ..تىخممۇ ..!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: 2050 %
مۇنبەر پۇلى: 2719 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-04-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 13:56

ئازادلىقتىن كىيىن ،تارىخ،تىل مۇتەقەسىسلەرنىڭ پەرىزىگە تايىنىپ،خاتا ھۇكۇم قىلىشى بىلەن بۇ جايدا ياشاۋاتقان قەدىمقى مىللەتنى موڭغۇللار دىدۇق، ئاندىن تۇۋا دىدۇق،لىكىن،يىقىنغى يىللاردىكى تەتقىقاتلارغا قارىساق،موڭغۇل،تۇۋا دىيىش يىتەرلىك ئەمەس،لىكىن، بۇلارنىڭ ئىشلىتۋاتقان تىلى-قەدىمقى تۇركىلارنىڭ تىلى،قەدىمقى تۇركى تىلى مۇشۇ قەبىلىلەردە ساقلىنىپ قالغانكەن،شۇڭا،بۇلارنىڭ تىلى قەدىمقى تۇركى تىلىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم يادىكارلىق.