قىمارغا خۇمار بولوشمۇ بىر خىل كېسەللىك،تېببي ساھەدە<<پاتولوگىيلىك قىمار خۇمارى>>دەپ ئاتىلىدۇ،قۇرامغا يەتكەنلەر ئىچىدە،تەخمىنەن%1-%2گىچە كىشىلەر بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ.
قىمارۋازلىقنى مەخسۇس داۋالايدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، ئامېرىكا مىننېسوتا شتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار207نەپەر قىمارغا خۇمار بولۇپ قالغان كېسەلنى بىر يەرگە جەم قىلىپ كىلنىكىلىق تەجرىبە ئېلىپ بارغان،نەتىجىدە ھاراق تاشلاشقا ئىشلىتىدىغان ياخشى دورا نامىفېن(nalmefene)دىن25مىللىگرامنىڭ قىمار خۇمارىنى كۆرۈنەرلىك كونترول قىلالايدىغانلىغىنى بايقىغان.
قىمارغا خۇمار بولغۇچىلار بۇ دورىنى يېسە،%60گە يېقىن بىمار ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلالىغان.
(ئىلاۋە:بۇ دورا قىمارنى تاشلاشقا پايدىلىق بولسىمۇ،بىراق ئۇنىڭ كۆڭۆل ئايىنىش،باش قايدۇرۇش،ئۇيقۇنى قاچۇرۇشتەك ئەكس تەسىرلىرىنىمۇ ئويلىشىپ قويۇش لازىم.)
مەنبە:ھاياتلىق ژۇرنىلى.