ئەسسالام دوستلار ،بۇ مېنىڭ كەڭسايغا تۇنجى سوۋغام :
تۇغۇلدۇم ئاڭلىدىم مۇڭلۇق مۇقامنى
يىغلاپ تۇغۇلۇپ چۈشسەم دۇنياغا ،
ھەممە نەرسە ناتۇنۇش گۇماندار ئىدى.
شۇندا بىر مۇڭلۇق ساز ياڭراپ قۇلاق تۈۋىدە ،
يىغلىما ئوغلۇم سەن ئۈچۈن نىشان بار دىدى.
يىغلىسام پەپىلەپ يىغامنى بېسىپ ،
مەن ئۈچۈن ساز چالغان شۇ ئۇلۇغ بوۋام ئىدى .
بېشىمنى سىلاپ بىر كۇنى بوۋام ،
بۇ مۇقام ئۇلۇغ مۇقام بوۋامدىن تەۋەرۈك دىدى
چوڭ بولدۇم ياق مۇقام چوڭ قىلدى ،
مۇشتۇمۇم بازغاندەك يۈرۈكۈم يولۋاستەك ئىدى ،
مۇقامسىز بىرەر كۈن ئۆتمەس ،
يۈرەكنى بىباھا مۇقامغا ئەسرا قىلدى ،
كۈن چىقماس ،ئاي پاتماس كىچىلەر ئىدى ،
مۇقام كۈيلىرى يىراقلارغا تارقىلار ئىدى.
قولىغا دۇتتار ،تەمبۇرنى ئېلىپ ،
دىلىمنى سۇغۇرغان شۇ ئۇلۇغ بوۋام ئىدى
كۈنلەر ،يىللار ئۈتۈپ بوۋاممۇ كەتتى ،
يىغلىتىپ دىلىمنى ئاھۇ-زار ئەتتى .
نە ئامال نە چارە پەلەك شۇنداقكەن،
تەۋەرۈك دۇتتارلا يۈرەكنى ياماقلار ئەتتى .
دىل سۈيۈپ دۇتتارنى باشلىغان چاغ ئىدى ،
قارا بوران ھۇۋشىتىپ كۆڭۈلنى بىسەرەم قىلدى.
شۇم نىيەت قاراقچى پۇرسەتنى بىلىپ،
ئۇرۇپ چېقىپ دۇتتارنى پارچىلار قىلدى.
قورقمايتىم مۇقام سۇغۇرغان يۈرەكلەر ئىدى ،
غەزەپلەر تېشىپ دەريارلار ئالدى .
يۈرەكلەر يىغلاپ كۆزلىرىم قان ،
تىگى پەس قاراقچى قاچارلار ئىدى .
بوران تىنجىپ دۇتتار پارچىسى بىرلىشەر بولدى ،
بوۋام مىراسى مۇقاملار ياڭرىشار بولدى .
تۇغۇلۇپ ئاڭلىغان مۇڭلۇق مۇقامنى ،
يۈرۈگۈم مۆھۈر قىپ ساقلىشار بولدى .