ئىستالىننى خالقئارادا ئۆلچەم بويىچە ئىيتقاندا 1953-يىلى 3-ئاينىڭ5-كۈنى ،مىڭىسىگە تۇيۇقسىز قان چۈشۈپ ئۆلگەن دىيىشىدۇ.
بۇ مەزمۇندا ئۇنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا توختالمايمىز.
ئىستالىننىڭ يالغۇز قىزى -سىۋېتا ،ئانىسىنىڭ ئۆز مىڭىسىگە ئوق چىقىرىپ ئۆلىۋىلىشى بىلەن 6ياش ۋاقتىدا ئانىسىدىنمۇ ئايرىلىدۇ.
1967-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان يېڭى دىھلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىىنىڭ ئىچىگە بىر ئايال كىرىپ كىلىدۇ،ئۇ ئۆزىنى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى بولغان ئىستالىننىڭ قىزى دەپ مەلۇم قىلىپ،سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ.كونسۇل خادىملىرى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشنى بىر چاقچاقمىكىن دەپ قاراپ كۆڭىلشىمەيدۇ.بىراق ئاز ۋاقىت ئۆتمەيلا بۇ ئايالنىڭ ئىستالىننىڭ قىزى ئىكەنلىگىنى دەلىللەيدۇ.
ئامېرىكا CIA نىڭ ياردىمى بىلەن سىۋېتا ياۋروپادا 6 ھەپتە تۇرۇپ،ئاندىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كىتىلىدۇ.
ئىستالىننىڭ بۇ يالغۇز قىزى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن گەرچە قىچىپ چىققان بولسىمۇ ،تۇرمۇشى كۆڭىلدىكىدەك بولمىغان. 4 قىتىم توي قىلغان .نىكاھلىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلىشىدۇ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا بالىلىرى ئۇنىڭغا قارىماستىن تاشلىۋىتىدۇ.
ھايات مۇساپىسى ناھايىتى ئىغىر كۈنلەر ئىچىدە ئۆتكەن سىۋېتا يىقىندا ، بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتكەن.بۇ فىلىمنى ئىلىش خىزمىتى ئاياقلاشقاندىن كىيىن ئۇ ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ نەزىرىدىن غايىپ بولىشنى قارار قىلىپ، ئىغىر كۈنلەر ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتىنى تەنھالىق ئىچىدە يالغۇز تاماملاشنى قارار قىلغان .
ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە ئۇ تۇرىۋاتقان ياشانغانلار ساناتورىيىسىدىن ئايرىلغان بولۇپ،ئىشلىتىۋاتقان تىلىفون نومۇرىنىمۇ ئالماشتۇرىۋەتكەن ئىكەن.
ئۇنىڭ سەرگەردان بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىغا 40 يىلدىن ئىشىپ قالدى....