قارماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قارماي رايۇنلۇق شۆبىسى 27-ماي سەھەردە پەۋقۇلئاددە زور توپلىشىپ قىمار ئويناش دېلوسىنى پاش قىلىپ ،قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 20 قىمارۋازنى تۇتتى .
قارماي شەھەرلىك ج خ شۆبە ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش چوڭ ئەترتى 26-ماي قىمار سورۇنىغا قاتناشقانلار سانى بىر قەدەر كۆپ ،قىمارغا چېتىشلىق پۇل سومىسى زور بولغان توپلىشىپ قىمار ئويناش دېلوسىغا چېتىشلىق بىريىپ ئۇچىغا ئېرشكەن .ساقچىلار قىمارۋازلارنىڭ تاقىلىپ قالغان بىر ئاشخانىغا يىغلىپ قىمار ئوينايدىغانلىقىنى ئىگلىگەن .ساقچىلار قىمارخانىنىڭ سىرتىدىكى كۆرەتچىنى بويسۇندۇرۇپ ،بۇ قىمار ئۇۋىسىنى قورشۋالدى .كىرىش ئىشىكى مۇستەھكەم بولغاچقا ،ساقچىلار دېرزىدىن بۆسۈپ كىرىپ ،قىمار ئويناۋاتقان 20 قىمارۋازنى تۇتقان ھەمدە قىمار ئويناشقا ئىشلىتىدىغان 17 قاتار ،190 مىڭ يۈەن قىممىتدىكى فىشكا ۋە 20 مىڭ نەق پۇلنى قولغا چۈشۈرگەن .
ئىگلىنىشچە ،بۇ يىل مايدىن بۇيان جىنايەت گۇماندارلىرى بەي ،ۋۇ ،يۈ قاتارلىقلار مەبلەغ چىقىرىپ قىمار سورۇنى تەييارلىغان .شۇ ،قاتارلىق تۆت ئادەمىنى ياللاپ بۇ قىمارخانىدا ئىشلەتكەن .نۆۋەتتە يەتتە ئادەم جىنايى ئىشلار بويىچە ،قالغان 13 ئادەم مەمۇرىي جەچەتتىن توختىتىپ قويۇلغان .نۆۋەتتە دېلو ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە .
مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
[ بۇ يازمىنىarkam 2011-06-03 22:31قايتا تەھرىرلىدى ]