چەبدەس قەدەم ئالالمىغاندا،
قېرىپ قالدىم دەپ ئويلاپ قالامسەن.
ئەسىلىسەڭ شۇ ياشلىق چېغىڭنى،
ھەۋەس بىلەن ماڭا قارامسەن.
ئەپسۇسلىنىپ يول-يول قورۇقتىن،
يۈزلىرىمنى سىلاپ كېتەمسەن .
باھار كەبى گۈلىزارلىقىمدىن،
غازانلىق دەپ ھەسرەت چىكەمسەن.
گۈزەللىكىم ساڭلا مىراسىم،
گۈلدەك ياخشى ئاسىرا دەمسەن.
قامىتىمگە چۈشىكەندە كۆزۈڭ،
ياش چېغىڭىغا بەك ئوخشىتامسەن.
سەن ئالدىمدا بەرىبىر بالا،
ئاتىكاچىلىق قىلما دەمسەن.
كۆز ئالدىڭدىن كەتكەندە يىراق،
تىت-تىت بولۇپ غېمىمنى يەمسەن.
پەقەت مەنلا كۆرەي جاپانى،
گۆدەك قىزىم كۆرمىسۇن دەمسەن.
ئالىم كەبى بولالمىساممۇ،
نادانلىقتا يۈرمىسۇن دەمسەن.
پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلاپ قالدى،
ھاياتىمدا ئۈمۈد يوق دەمسەن.
تىنچ ئۆلۈم تىلەپ ئۆزۈڭگە،
يا خۇدايىمگە نالە قىلامسەن.
پەش قىلماستىن ئىسل خىسلەتىنى،
ماڭا مىراس قالدۇراي دەمسەن.
يىرگلەشكەن ئەشۇ قولۇڭىنى،
گۆدەك قىزىم كۆرمىسۇن دەمسەن.
خاتىرجەم بول مىھىرىبان ئانا،
تومۇرۇمدا ئسسىق قېنىڭ بار.
ماڭا ئوخشاش چوڭ بولغان قىزدا،
ئارزۇلارغا تولغان يۈرەك بار.
مەنبە ئۆزۈم
[ بۇ يازمىنىmuslima5555 2011-06-03 17:31قايتا تەھرىر ]