بۇ شېئر روھىيىتى بۇلغانغان بىر قىسىم كىشلەرنى تەسۋىرلەش مەخسىتىدە يېزىلغان ، ۋىجدان ،غۇرۇرى بىلەن ياشاۋاتقانلارغا ئېھتىرام بولغاي!
...قالمىدى
بەزىلەرگە نىمە بولدى ؟ ۋىجدان قالمىدى ،
ھەم ئۆز ئارا ئىشىنىشكە ئىمكان قالمىدى .
سۆيگۈسىنى ئۈنتۇپ كەتتى نۇرغۇن يۈرەكلەر ،
بىرى كەتسە تەييار بىرى ،ھىجران قالمىدى .
كۆنەلمەيدۇ مىھنەت بىلەن ئاققۇزغان تەرگە ،
كۈنۈپ قالدى خوشەمەتكە ،بېكار «بەر-بەر»گە ،
«خوش-خوش»يوقمۇ چىقىۋېرەر ھەر قانداق تۆرگە ،
بىر-بىرىدىن تارتىنىشقا مىھمان قالمىدى .
ئۆزلۈكىنى يوقاتقانلار بوپ كەتتى سەييار ،
چىنلىق يوقاپ كۆڭۈللىرى بوپ كەتتى ھەييار ،
ھەر قەدەمدە باپلاش ئۈچۈن قىلتاقلار تەييار ،
شەيتانغىمۇ قالمىدى ئىش ،شەيتان قالمىدى .
ئۆزى توغرا ماڭالماستىن ئۆزگىدىن كۆرۈپ ،
يىپى ئۈزۈك لەگلەك كەبى چۆرگىلەپ يۈرۈپ ،
يىغلىغاننى يۆلىمەستىن كۈلگەنلەر بەك كۆپ ،
غىرىپ، مىسكىن،ئاجىزلارغا غەمخان قالمىدى .
بىر كۈن ئۆتسە ئاچ قالمىسا شۇنىڭدىن خوشتۇر ،
قورساق تويسا ياتار ئۇخلاپ كۆڭۈللەر توقتۇر ،
قەلبىدە ھىچ ئارزۇ -ئۆمىد ،غايىلەر يوقتۇر ،
كەلگۈسىگە ئاتلىندىغان پالۋان قالمىدى .
ياخشىلارنى كۆرەلمەسلەر كەتتى بەك ئاينىپ ،
جان باقىدۇ باشقىلارنىڭ ئېشىغا تاينىپ ،
قاراڭغۇدا قالغانلارنى ئالمايدۇ تارتىپ ،
يۇرۇق بېرەر شاملار ئۈچۈن شامدان قالمىدى .
گۆدەكنىمۇ ئەكەلمەكتە ئىشرەتكە چىللاپ ،
ئېچىۋەتتى ئەقلىنىمۇ مەيلەرگە چىلاپ ،
ھاراق ئۈچۈن جان بېرەرلەر كەتتى پېتىراپ،
ھاراقكەشلەر ئۈچۈن بۆگۈن ئالۋان قالمىدى .
قورساقلار توق ،كاللا قۇرۇق ،كۆڭۈللەر قۇرۇق ،
كۆرەلمەيدۇ ئەتىراپى بولسىمۇ يۇرۇق ،
زەپەر ئۈچۈن ماڭالمايدۇ ئاتلىرى ئۇرۇق ،
بەخت ئۈچۈن ئاتلىنىشقا دەرمان قالمىدى .
گۈل باغلارنى قۇرۇتماقتا كەيىپ - ساپالار ،
بەك ئەلەملىك ئېڭىرماقتا شەرمى-ھايالار ،
قۇم تېگىدە قالدى ئەنە مېھىر - ۋاپالار ،
ئىپپەت - نۇمۇس ساخلاش ئۈچۈن ئارمان قالمىدى .
ئەلدىن تېنىپ ئەل غېمىنى يىمەيدىغانلار ،
روھىتىگە دائىم شەيتان چىلايدىغانلار ،
ئاينىماقتا ئۆز - ئۆزىنى بىلمەيدىغانلار ،
بونداقلارغا ئەل ئىچىدىن ماكان قالمىدى .
تۈگىشىدۇ خەلىقىدىن قالسا ئايرىلىپ ،
تىرىكتاپلار بىر كۈنلەردە ئۆلەر ئاچ قېلىپ ،
نە نۇمۇس ئۇ؟ ئۆمۈر بېكار ئۆتسە خارلىنىپ ،
بېكار يېتىپ گۆش يەيدىغان زامان قالمىدى .
قالسۇن ئىز
ئارزولىرىم بەكمۇ كۆپ ،خىيالىممۇ بەك تولا ،
ئاۋارىمەن دائىما خىيالىمغا يېتەلمەي .
جىددىچىلىك بىلەنلا ئۆتتۈم گۈلۈم، كەچۈرگىن ،
يا ئارزۇدىن يا سەندىن قول ئۈزەلمەي- كېچەلمەي .
مۇھەببەت دەپ ياشىدىم ياشلىقىمدا تالاي يىل ،
ئارزۇلىرىم سەن ئىدىڭ يەتتىم ئاخىر ۋىسالغا .
ئويلاپ باقسام كەم قاپتۇ مەندە ئەل - يۇرت سۆيگۈسى ،
بۈگۈن مانا ۋىجدانىم تارىتتى مېنى سۇئالغا .
ئويلاپ باقسام كەچمىشنى، يوقكەن مېنىڭ ھېچ ئىزىم ،
ئەجەپ گۆدەك ئىكەنمەن بالىلىقتا ، ياشلىقتا .
ھېچ بىر ئەجىر، تۆھپە يوق، لەگلەك كەبى چۆرگىلەپ ،
كەپ قەپتىمەن ئۆمۈرنىڭ يېرىمىغا - ئوتتۇزغا .
ئارزۇ - ئۈمىد كۈچەيدى ئەل ئىشقىدا كۆيەي دەپ ،
بەلنى مەھكەم باغلىدىم يانماس ئۈچۈن كەينىمگە .
ئەسلىدىنلا يىگىتلەر ئەل-يۇرت ئۈچۈن يارالغان ،
سوغوق سۇلار سەپمىگىن ئەمدى يايرىم پەيلىمگە .
ئارزۇ - ئۈمىد ئۈچۈنلا كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ،
سەن بولغاچقا جانانىم بۈگۈنگىچە مەن تىرىك .
تۆھپە ئۈچۈن ئاققۇزاي ئەمدى مېھنەت - تەرلەرنى ،
سەنمۇ ماڭا قوشۇلغىن قول تۇتۇشۇپ بول شېرىك .
ئۆمۈر دىگەن قىسقىكەن، ئۆتۈپ كەتتى يېرىمى ،
قەدىرلەيلى بىزلەرمۇ ھەر بىر مىنۇت سىكونىتنى .
ئۆلۈم دىگەن باقماسكەن قېرى - ياشقا ، بالىغا ،
نام - نىشانسىز كەتمەيلى ئەجەل يەتسە بىر كۈنى .
ھەمدەم بولغىن ماڭا يار، ئەگرى - توقاي يوللاردا ،
مەڭگۈلۈككە ھەمراھ دەپ، چۈنكى ۋەدە بەرگەن بىز .
مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ كەلدۇق يەتكۈچە ،
قالسۇن ئەمدى بىزدىنمۇ ھاياتلىقتا بىرەر ئىز .
مەنبە:جۇشقۇن
[ بۇ يازمىنىjuxkun-28 2011-06-03 22:37قايتا تەھرىرلى ]