مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى. ئويلاپ باقسام بۇ خىزمەتنى ئىشلىگىلى 10 يىل بوپتۇ. لىكىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىررەر ئوقۇغۇچىغا قول تەككۈزۈپ باقمىدىم . بەزىدە بىرەر ئوقۇغۇچىنى تەنقىت قىلماقچى بولسام بۆلىمىمگە ئەكىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خاتالىقى توغۇرلۇق پاراڭلاشتىم لىكىن ئەزەلدىن چىچىلىپ باقمىدىم . مىنىڭچە بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بەلگىلىك پىسخىكا بىلىمىگە ئىگە بولىشى كىرەك .ھەم ئائىلە باشلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋتنى چوقۇم ساقلاپ تۇرۇشى. پات-پات ۋاقىت چىقىرىپ دەرستە ناچارراق . شوخراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىرىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى زىيارەت قىلىپ ئوقۇغۇچىنى ياخشى تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش كىرەك .ئەمەلىيەتتە ھەممە ئوقۇغۇچى دىگۇدەك ئوقۇتقۇچىنى ياخشى كۆرۈدۇ . لىكىن شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويىدىغىنىمۇ يەنىلا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ توغرا ئۇسۇل قوللانماسلىقى . ئوقۇتقۇچىلار سىپىدە ناچار ئوقۇتقۇچىلار بەكلا ئاز . لىكىن يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ياش ئوقۇتقۇچىلاردا خىزمەتتە بىپەرۋا ، بوشاڭ ئوقۇتقۇچىلار خىلىلا كۆپىيىپ قىلىۋاتىدۇ . بۇ كىينكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن بەكمۇ خەتەرلىك ئەھۋال . ئوقۇتقۇچىدا مەسئۇلىيەت ئىڭى . ئەخلاق ئىڭى بەكلا يۇقۇرى بولمىسا بولمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلىق دىگەن ئوينىشىدىغان خىزمەت ئەمەس .كەلگۈسىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان خىزمەت . بولسا ھۆكۈمەت كۆپرەك سىلىنمىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە سىلىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرسا .ئۆينىڭ ئۇلى بوش بولۇپ قالسا ئاسانلا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ . ھازىر نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخىنى ئىنقلايدىغان بولساق نۇرغۇن ئىغىر ئەھۋاللارنى بايقايمىز . بۇ ئۆمرىدە پىداگوكىكا كەسپىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرمۇ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ھەرخىل يول بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قويۇلىۋاتىدۇ . مىنىڭ ئايالىممۇ بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە نەچچە يىل ئىشلىگەن ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئاخىرىدا شىتات ئوشۇق دەپ ھازىر ئۆيىدە . ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا دائىم مەكتەپتىكى ، بۆلىمىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى توغۇرلۇق كۆپ قاقشايدىغان . پارىخۇرلار ئاخىرى مەكتەپلەرنىمۇ پايپاقلاشتۇرۇپ بولىدىغان بولدى . بىچارە ئالاھىدە خىزمەت ئورنى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ، ئوقۇتقۇچى بولغان ئوقۇتقۇچىلارغا دەرس يوق .