تەكىيە قىلاتتىم 
ئەپەندىم شەھەردىن قايتىشىدا كەچ قىلىپ،بىر ئاغىنىسىنىڭكىگە كەپتۇ.ئاغىنىسى ئەپەندىمنىڭ قۇرسىقىدىن خەۋەر ئالمايلا،ئورۇن سىلىپ بىرىپ،ئۆز ھۇجىرسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئەپەندىم قورسىقىنىڭ ئاچلىقىدىن ئۇياققا ئۆرۈلۈپمۇ،بۇياققا ئۆرۈلۇپمۇ ئۇخلىيالماپتۇ، ئاخىرى ئچكىردىكى ھۇجىرىنىڭ ئىشىكىنى چىكىپتۇ. 
-خوش، نىمە گەپ ؟  - دەپ سوراپتۇ ئاغىنىسى. 
-ئىككى نان ئۇزىتىۋەتسىڭىز!-دەپتۇ ئەپەندىم . 
-كىچىدە نان نىمىگە كىرەك بولۇپ قالغان؟ 
-بىشىم پاكار بولۇپ قاپتىكەن،ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ، ناننى تەكىيە قىلاتتىم،-دەپتۇ ئەپەندىم. 
                                              ھۇرۇن ئىشىك 
ئەپەندىمنىڭ ئېىشىكى ناھايىتى قاشاڭ،جۇرۇق بىر ئېشەك ئىكەن .بىر كۇنى ئەپەندىم ئېشىكىنى مىنىپ كىتۋاتسا،قوشنىسى سوراپتۇ: 
-ئەپەندىم سەپەر قاياققا؟ 
-جۈمە نامىزىغا. 
-ھوي ، بۇگۈن پەيشەنبىغۇ؟ 
-ئۇغۇ شۇنداق. بىراق، ئېشىكىمنىڭ مىڭىشى مۇشۇ بولسا،جۈمەگىمۇ كىچىكىدىغان ئوخشايمەن،دەپتۇئەپەندىم. 
                                          تەسەللىگە جاۋاب  
ئېشىكى ئۆلۈپ قالغىنىغا ئەپەندىم بەكلا  قايغۇرۇپتۇ.قوشنىلاردىن بىرى ئەپەندىمگە ،كۆپ قايغۇرماڭ ،ئېشىكىڭىزنى ئالغان خۇدا يەنە بىر ئېشەك بىرەر ، دەپتىكەن، ئەپەندىم : 
-ھەي ئاغىنە، مەن بىلدىغان خۇدا شۇ بۇلسا ، بەش تىللاسىز ئېشەك بەرمەيدۇ،-دەپتۇ. 
مەنبە: ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن.
[ بۇ يازمىنىپاراكەندە 2011-06-02 20:02قايتا تەھرىرلى ]