قەشقەر  ھىيىتگاھ مەيدانىنىڭ سول تەرىپىدە يەنى  ئالتۇن زىبۇ__زىننەت بازىرىنىڭ ئالدىدا ھەر كۈنى تاڭ سەھەر ئالتە_يەتتىلەردە باشلىندىغان مەدىكارلار بازىرى بولۇپ بۇ جايغا توپلىشىپ ئىش كۈتىدىغانلار ئاساسلىغى يىزىلاردىن 
كىرگەن دىھقان ئىشلەمچىلەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ سانى بەزى كۈنلىرى 100 دىن ئىشىپ كىتىدۇ . 
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تامچى ،ياغاچچى ،ھۈنىرى يوق ئىشلەمچىلەر بولۇپ ئەمگەك كۈچىگە ئىھتىياجلىق ئورۇن ياكى شەخىسلەر بۇ يەرگە كىلىپ ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن ئىغزاكى توختام تۈزۈپ ئۇلارنى ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئىلىپ كىتىشىدۇ > 
سائەت 8 لەردە بۇ مەدىكارلارنىڭ يىرىم ئىشىپ قالىدۇ . 
مەن بىر كۈنى  بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتىم ،بىر قارا سانتانا بۇ يەرگە كەلدى . مەدىكارلارنىڭ ھەممىسى سانتاناغا يوپۇرۇلۇپ ماشىننى ئورىۋالدى. 
سانتانا ئىچىدىن بىرسى بىشىنى چىقىرىپ ؛--بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم .كۈنلۈك ئىش ھەققى 100 يۈەن ،دىۋىدى مەدىكارلار ؛--مەن باراي، مەن باراي دىيشىپ ماشىنغا تىخىمۇ يىقىن چاپلاشتى . 
---بىزگە پەقەتلا ئۈچ ئادەم لازىم دىدى بايىقى ئادەم بىشىنى ماشىندىن چىقىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا . 
ماشىننىڭ ئىشىگى ئىچىلىشىغا مەدىكارلار بىر -بىرىنى قىستىشىپ ماشىنغا قىستىلىشىپ چىققىلى تۇردى . 
؛---بولدى بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم . ئارتۇق چىقىۋالساڭلار پايدىسى يوق .ئارتۇق كىشلەرگە ئىش يوق .دەپ ۋاقىرىدى . 
لىكىن مەدىكارلار ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . 
ئۇلار بىشىنى ماشىنغا تىقىۋالغان بولۇپ ھە دەپ ماشىندىكلەرنى ئىتتىرىپ ماشىنغا چىقماقچى بولاتتى . 
ماشىنغا قىستىلىشىپ يۈرۈپ ئالتە ئادەم چىقىپ بولغان ئىدى . 
ماشىنا سىرتىدىكى ئادەملەر  ماشىنغا كىرىش ئۈچۈن توختىماستىن تارتىشماقتا ،ئىتتىرىشماقتا . 
توۋا !!! دىۋەتتىم  ئىچىمدە بۇ خەقلەر نىمانداق نادان خەقتۇ ؟؟؟؟ 
بىر سانتاناغا قانچە ئادەم پاتىدۇ ؟ مۇشۇنچىلىك ئەقەللى ساۋاتنىمۇ بىلىشمەمدىغاندۇ ؟؟؟ 
مەن گۈللۇك  يىنىدا  ئولتۇرغان بىرەيلەندىن ؛-- نىمانداق  ساپاسى  تۆۋەن  خەقتۇ بۇ  ؟؟ بىزگە ئۈچ ئادەملا  لازىم  دەۋاتسا 
مۇشۇنداق  بىر - بىرىنى  ئىتىترىشىپ بەش - ئالتىسى ماشىنغا  چىقىۋالغانمۇ  بارمۇ؟؟؟؟دىدىم .
گۈللۈكتە  ئولتۇرغان ئادەم  تاماكىسىنى بىر  تارتىۋىتىپ ؛--بۇلارغا  ئىش  يوقمۇ  ئەمەس  قىلاي  دىسە  ئىش  كۆپ .ئۇلارنىڭ  بۇ  ماشىنغا شۇنچە  بىر -بىرىنى ئىتتىرىشىپ چىقىشقا ئالدىراپ  كىتىشى بۇ  قارا  ماشىنلىق لوبەنلەرنىڭ ؛-بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم دىگىنى  .
پۇلنى  كۆپ  بىرىدىغانلار پۇلنىڭ  گىپىنى  چىقارمايلا؛- بىزگە مانچە  ئادەم  لازىم دەپلا ئادەمنى ئىلىپ كىتىدۇ .
مۇشۇ  يەردە نۇرغۇن ئىشلەمچىلەر 20--30--يۈەن تالىشىپ كۈننى  چۈش  قىلىۋىتىپ چۈشتىن  كىيىن بىكار  يۈرۈشكە  رازىكى بوپتۇلا ئىشلەي  دىمەيدۇ .
شۇڭا  مۇشۇنداق  قارا سانتانا كىلىپ  قالسا  مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ . 
 ؛--مۇناسىۋەتلىك  ئورۇنلار بۇ ئەمگەك  كۈچلىرىگەبىر  يىلنىڭ  ئالدىدىلا  يىڭى بازاردىن ياتاق ، تاماق  شارائىتى تەل  بولغان بىر  ئەمگەك  كۈچلىرى  بازىرى ئىچىپ بەرگەن ئىدىغۇ ؟؟دىدىم  مەن .
--راسىت  دەيسىز  دىدى ھىلقى  كىشى ؛؛--شۇنداق  ياخشى  شارائىت  يارتىپ  بەرگەن تۇرسا يەنە  بۇلار  بۇ يەرگە كىلۋالىدىكەنغۇ؟ بۇلار  كۈندە  مۇشۇنداق  توپلىشىپ  تۇرۇۋىلىپ قاتناشقىمۇ  تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ .دىدى .
مەن ئىغىر ئۇھسىنغان  ھالدا  ؛؛بۇ  ئىشلارغا  نىمە  دەي  ؟؟  ،--بۇ  يەر  دۇنياغا  مەشھۇر ساياھەت  ماكانى .
بۇ  جايدا مۇشۇنداق بىر  بازارنىڭ  شەكىللىنىپ  قىلىشى ۋە بۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئاخمىقانە قىلىقلىرى چەتئەللىك ساياھەتچىىلەرنىڭ 
كۆزىگە چىلىقىپ  قالمىغاي  دىدىم  ئىچىمدە .
مەنبە ؛  ئىبراھىمجان ئىرپانى