查看完整版本: [-- ھىيىتگاھتىكى مەدىكار بازىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> ھىيىتگاھتىكى مەدىكار بازىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

erpan.0998 2011-06-01 22:14
قەشقەر  ھىيىتگاھ مەيدانىنىڭ سول تەرىپىدە يەنى  ئالتۇن زىبۇ__زىننەت بازىرىنىڭ ئالدىدا ھەر كۈنى تاڭ سەھەر ئالتە_يەتتىلەردە باشلىندىغان مەدىكارلار بازىرى بولۇپ بۇ جايغا توپلىشىپ ئىش كۈتىدىغانلار ئاساسلىغى يىزىلاردىن
كىرگەن دىھقان ئىشلەمچىلەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ سانى بەزى كۈنلىرى 100 دىن ئىشىپ كىتىدۇ .
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تامچى ،ياغاچچى ،ھۈنىرى يوق ئىشلەمچىلەر بولۇپ ئەمگەك كۈچىگە ئىھتىياجلىق ئورۇن ياكى شەخىسلەر بۇ يەرگە كىلىپ ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن ئىغزاكى توختام تۈزۈپ ئۇلارنى ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئىلىپ كىتىشىدۇ >
سائەت 8 لەردە بۇ مەدىكارلارنىڭ يىرىم ئىشىپ قالىدۇ .
مەن بىر كۈنى  بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتىم ،بىر قارا سانتانا بۇ يەرگە كەلدى . مەدىكارلارنىڭ ھەممىسى سانتاناغا يوپۇرۇلۇپ ماشىننى ئورىۋالدى.
سانتانا ئىچىدىن بىرسى بىشىنى چىقىرىپ ؛--بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم .كۈنلۈك ئىش ھەققى 100 يۈەن ،دىۋىدى مەدىكارلار ؛--مەن باراي، مەن باراي دىيشىپ ماشىنغا تىخىمۇ يىقىن چاپلاشتى .
---بىزگە پەقەتلا ئۈچ ئادەم لازىم دىدى بايىقى ئادەم بىشىنى ماشىندىن چىقىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا .
ماشىننىڭ ئىشىگى ئىچىلىشىغا مەدىكارلار بىر -بىرىنى قىستىشىپ ماشىنغا قىستىلىشىپ چىققىلى تۇردى .
؛---بولدى بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم . ئارتۇق چىقىۋالساڭلار پايدىسى يوق .ئارتۇق كىشلەرگە ئىش يوق .دەپ ۋاقىرىدى .
لىكىن مەدىكارلار ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
ئۇلار بىشىنى ماشىنغا تىقىۋالغان بولۇپ ھە دەپ ماشىندىكلەرنى ئىتتىرىپ ماشىنغا چىقماقچى بولاتتى .
ماشىنغا قىستىلىشىپ يۈرۈپ ئالتە ئادەم چىقىپ بولغان ئىدى .
ماشىنا سىرتىدىكى ئادەملەر  ماشىنغا كىرىش ئۈچۈن توختىماستىن تارتىشماقتا ،ئىتتىرىشماقتا .
توۋا !!! دىۋەتتىم  ئىچىمدە بۇ خەقلەر نىمانداق نادان خەقتۇ ؟؟؟؟
بىر سانتاناغا قانچە ئادەم پاتىدۇ ؟ مۇشۇنچىلىك ئەقەللى ساۋاتنىمۇ بىلىشمەمدىغاندۇ ؟؟؟ 
مەن گۈللۇك  يىنىدا  ئولتۇرغان بىرەيلەندىن ؛-- نىمانداق  ساپاسى  تۆۋەن  خەقتۇ بۇ  ؟؟ بىزگە ئۈچ ئادەملا  لازىم  دەۋاتسا
مۇشۇنداق  بىر - بىرىنى  ئىتىترىشىپ بەش - ئالتىسى ماشىنغا  چىقىۋالغانمۇ  بارمۇ؟؟؟؟دىدىم .
گۈللۈكتە  ئولتۇرغان ئادەم  تاماكىسىنى بىر  تارتىۋىتىپ ؛--بۇلارغا  ئىش  يوقمۇ  ئەمەس  قىلاي  دىسە  ئىش  كۆپ .ئۇلارنىڭ  بۇ  ماشىنغا شۇنچە  بىر -بىرىنى ئىتتىرىشىپ چىقىشقا ئالدىراپ  كىتىشى بۇ  قارا  ماشىنلىق لوبەنلەرنىڭ ؛-بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم دىگىنى  .
پۇلنى  كۆپ  بىرىدىغانلار پۇلنىڭ  گىپىنى  چىقارمايلا؛- بىزگە مانچە  ئادەم  لازىم دەپلا ئادەمنى ئىلىپ كىتىدۇ .
مۇشۇ  يەردە نۇرغۇن ئىشلەمچىلەر 20--30--يۈەن تالىشىپ كۈننى  چۈش  قىلىۋىتىپ چۈشتىن  كىيىن بىكار  يۈرۈشكە  رازىكى بوپتۇلا ئىشلەي  دىمەيدۇ .
شۇڭا  مۇشۇنداق  قارا سانتانا كىلىپ  قالسا  مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ .
 ؛--مۇناسىۋەتلىك  ئورۇنلار بۇ ئەمگەك  كۈچلىرىگەبىر  يىلنىڭ  ئالدىدىلا  يىڭى بازاردىن ياتاق ، تاماق  شارائىتى تەل  بولغان بىر  ئەمگەك  كۈچلىرى  بازىرى ئىچىپ بەرگەن ئىدىغۇ ؟؟دىدىم  مەن .
--راسىت  دەيسىز  دىدى ھىلقى  كىشى ؛؛--شۇنداق  ياخشى  شارائىت  يارتىپ  بەرگەن تۇرسا يەنە  بۇلار  بۇ يەرگە كىلۋالىدىكەنغۇ؟ بۇلار  كۈندە  مۇشۇنداق  توپلىشىپ  تۇرۇۋىلىپ قاتناشقىمۇ  تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ .دىدى .
مەن ئىغىر ئۇھسىنغان  ھالدا  ؛؛بۇ  ئىشلارغا  نىمە  دەي  ؟؟  ،--بۇ  يەر  دۇنياغا  مەشھۇر ساياھەت  ماكانى .
بۇ  جايدا مۇشۇنداق بىر  بازارنىڭ  شەكىللىنىپ  قىلىشى ۋە بۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئاخمىقانە قىلىقلىرى چەتئەللىك ساياھەتچىىلەرنىڭ
كۆزىگە چىلىقىپ  قالمىغاي  دىدىم  ئىچىمدە .

مەنبە ؛  ئىبراھىمجان ئىرپانى





 

tuprakbag 2011-06-01 23:50
ئىرپانجان ئاشۇ بىچچارىلەرنىڭمۇ شۇ يەرلەردە تۇرىۋالغۇسى يوق....تۇرمۇش شۇنداق زورلىدى دە....

bahram 2011-06-02 00:12
چەتئەللىك تازا كۆرسۇن ،، ، ئىغىزدىكىسى ، تىلىۋىزۇردىكىسى سۈپەتلەنگەن كۆرۈنۈش ، سىزنىڭ ئۇ كۆرگىنىڭىز ھەقىقىي كۆرۈنۈش ،،،،،،،،،
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشىمىز كىرەك !
شۇلارمۇ مەكتەپ تەربىيىسى كۆرەلىگەن بولسا ، ياخشى شارائىتقا مۇيەسسەر بولالىغان بولسا ئۇنداق قالاق بولۇپ قالماستى ....

fatah 2011-06-02 01:10
نادانلىق تۈگىمىگىچە ياخشىلىق يوق ...........

پولات 2011-06-02 01:20
قارىغاندا  سىز بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپسىز  . ئۇپكىڭىزنى بىسىۋىلىڭ ، مەن سىزدەك ئۇلانى ساپاسىز دەپ قارىمايمەن . ئۇلار جان بېقىش يولىدا ، ھارام خورلۇق ، قىزىل كۇزلۇك ، قىلماي  ئۇز ھالال كۇچىگە تايىنىپ جان بېقىۋاتقانلار.
سىزدىگەن  شۇلارغا يارىتىلىپ بەرگەن ياخشى شارائىت . ئۇلار دەللاللار  ئۇلار بۇلادىن سىلەرگە ئىش تېپىپ بېرىمىز دەپ .پولىنى ئېۋىلىپلا  بۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىش ئالالماسلىق بىلەن كارى يوق .بۇلار  شۇ ئىشقا تۇنۇشتۇرۇش ئۇرنىلىرىدىن جىق بۇرنىغا يىگەچكە  يەنىلا ئەسلى ئۇرۇنغا قايتىپ كەلگەن .
تىما ئىگىسى .ئۇلارنىڭ ئۇيىدە شۇلارغا قاراپ تۇرغان خۇتۇن باللىرى بار .  ئۇلار  جاپالىق ئىشلەپ ئائىلىسىگە  قارىمىسا بولمايدۇ.

ablathan 2011-06-02 03:47
ئەپەمدۇم.ھىيىتگاھنڭ. ئالدىدا تۇرسا.نمە بوپتۇ؟.چەتئەللىك سايائەتچىلەر كورسە. نمە بوپتۇ؟
كوز بويايچلىق قىنىمىز غا سىڭىپ كەتتىمۇ ئەمدى.
سىزنڭچە بولسا بۇلۇڭ پۇچقاقلادكى يىرىم يالىڭاچلا.چىقىپ تۇرغان بولسا  مەدەنىلىكىمىز نى  تولۇق ئىپادىلگەن بولاتتۇقمۇ؟
 مۇشۇ تىمىنى  ياز غۇچە بىر كويلۇق گازىر ئىلىپ دۇڭخۇ خا بىرىپ ساناپ چاققاچ ئلھامىڭىزنى ياخشىراق قوز خۇتوپ  تۇزۇك رەك بىر نەر سە يوللىسىڭىز چۇ.

amanxa 2011-06-02 09:30
باشقا ناھىيلەردىن بىرىپ ئىشلەيدىغانلامۇ كۆپ قەشقەرگە ،بىزنىڭ يۇرتلۇق بالىلارمۇ باردۇ داۋاملىق.نىمە ئۈچۈن؟
پەقەت جان بىقىش ئۈچۈن!!!!!!

avam0507 2011-06-02 11:21
بۇ  قەشقەردىلا  ئەمەس ئاقسۇ قىزىل كۆۋرۈكتە....  ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك  قېشىدا...(يەرشارى تورخانىسىنىڭ  ئالدىدا)دىمۇ  مەۋجۈت... بەلكىم  باشقا  يەردىمۇ  باردۇر... ھەممىسى  نىمە  ئۈچۈن ..  بىر  ئېغىز  گەپ  ھاياتلىق،  مەۋجۈت بوپ   تۇرۇش  ئۈچۈندە...  سىز  بەلكىم  قەشقەردە  قېرىنداشلىرىمىزنىلا  كۆرۈپ  قالدىڭىز بولغاي.  ئۈرۈمچى  خۇالىڭ  بازىرىغا  بېرىڭ...  شۇ  يەرگە  بارسىڭىز  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  ساپاسىلا  يوق  ئەمەس،  باشقىلارنىڭكىنىمۇ  كۆرۈپ  قالىسىز...
توغرا  چۈشەنگەيمىز  قېرىنداشلار...   ئۇلارنى  يەنە  تور  يۈزىدە  سۆكەمدۇق؟!  مەن  ئەمەلىي  تۇرمۇشتا  بىر  بىرسىنى سۆككەننى  كۆپ  ئۇچىراتمايمەن،   مۇشۇ  تور  يۈزىگە چىقساملا  كۆڭلۈم  بىر قىسىملا  بوپ  قالىدىكەن.  ھەي.....

مىسكىن 2011-06-02 11:40
جاپاكەش ئىشلەمچىلەر ھەممە يۇرتتا بار چەتئەللىكتىن قورقۇپ قېرىنداش يۇرتلۇغىڭىزدىن نومۇس قىلىۋاتامسىز ئۇنداق چوڭچىلىق قىپ كەتمەڭ

oghuzkhan 2011-06-02 11:45
 ئۈرۈمچىنىڭ مۇقام ئانسانبىلى قارشى تەرىپىدىكى باغچىدا، يازلىقى ،قاق سەھەردە نۇرغۇن ئىشلەمچىلەرنىڭ
داق يەردە تۈنەپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىسىز .


مەنزىرە 2011-06-02 12:35
مېنىڭچە مەدىكار بازىرى ھەممە يەردە بار..........
شۇلار ئارقىلىق نۇرغۇن ھاجىتىمىزدىن چىقالايمىز،ئەڭ ئاددىسى ئۆرۈۋاتقان ئۆينى قايتا سېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىمىز ئەمەسمۇ؟!
شۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەرىكەت تىلەيمەن..............

polat555 2011-06-02 13:35
ئېرپانجان ھەممە ئادەمنىڭ سىلىگە ئوخشاش توردا سودا قىلىپ پۇل تاپىدىغان ئىىختىدارى يوق ئاشۇلارنىڭمۇ سىلىگە ئوخشاش ھىتگاھدا دۇككان ئىچىپ پۇل تاپقىسى بار ھەي چىچىلماڭ تۇنۇگۇن چارشەنبىدە ئىلھاملىرى قوزغىلىپ كىتىپتىكەن دە.   

yangen 2011-06-02 13:46
ئەڭ ھالال پۇل تاپىدىغانلار شۇ مەدىكارلاردۇر!!!!!20-30يۈەنگە سىز ئىشلەپ بىقىڭ قىنى ئۆيىڭىزنى ئەمەس ئۆز قورسىقىڭىزنى باقالامسىزكىن؟؟؟زادى كىمنىڭ تۇرغۇسى بار ،كىمنىڭ شۇنداق زار بولۇپ ،خەخ نىمە دىسە شۇنى قىلغۇسى،ھىرىپ مدجالى قىلمىغۇچە ئىشلىگۈسى بار؟!!!!!   قارغاندا سىز  خىلى كۆپ خەۋەر كۆردىغان،كىتاپنى «ياخشى» ئوقۇغان "ئىلمى" بىلىملىك "شەخس "بولسىڭىز كېرەك!!!

رەسسام 2011-06-02 13:51
بۇنداق مەدىكارلار بازىرى غۇلجىدىمۇ بار،،خەنزۇ بازرىدا ،،كۇندە كاللەك تۇپلىشىۋىلىپ ئىش بۇلسا قىلىدۇ،،بۇلمىسا قارىت ئۇيناپ ئۇلتۇرىدىكى باشقا يەردىن ئىشى ئىزدەپ قىلاي دىمەيدۇ،،،،،بۇنداق كىشىلەر كۇندىلىك تاپقىنىغا رازى بۇلوپ ئالغا ئىلگىرلەي دىگەن نىيەتتە بۇلمايدۇ،،،،،ئىشەنمىسەڭلار بۇ كىشىلەر ئارسىغا كىرىپ ئۇبدان تەكشۇرۇپ بىقىڭلار،،،،،،،،،،،،،،، ..ئەلۋەتتە بۇلار ئارىسىدا ئامالسىزلىقتىن ئىش تاپالماي قىلۋاتقان كىشىلەر بار لىكىن كۇپ ساندىكى مەدىكارلار ،،،،،چۇشەنگىنى بۇلماديىغان بىر خىل كىشىلەر،،،،،،،،! بۇ كىشىلەرنى ئادەتتىكى جان بىقىشى ئۇچۇن تىرشىپ -تىرمىشىپ كىتۋاتقان ئىنسانلىرمىز بىلەن سىلىشتۇرساق بۇلمايدۇ،،! 

kuwruk 2011-06-02 21:43
غۇلجا خەنزۇ بازرىدىكى مەدىكارلارنىڭ كۇپ قىسمى زابۇي،،،،،،ماڭا ئۇخشاش ئىلگىرى باسماس ھاراقكەش نان قىپىلار،،،!!!!!!

erpan.0998 2011-06-02 22:08
ئەزالارنىڭ  كۆپ قىسىم  ئىنكاسى توغرا  !!!مەن  بۇ  يازمىغا  ئۆز ھىسياتىمنى بەكرەك  قوشۇۋالغان  ئوخشايمەن .
ئەزالارنىڭ  تەنقىدى ئىنكاسىنى قوبۇل  قىلىمەن .

ediqut 2011-06-02 22:10
بۇنداق مەدىكار بازار تاشكەند ، ئالما-ئاتا ،بىشكەك قاتارلىق ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى مەركىزى شەھەرلىرىدىمۇ بار . بەلكىم چەتئەللەردىكى باشقا شەھەرلەردىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن . قوقماڭ چەتئەللىكلەر كۆرسە بۇ مۇشۇ شەھەردىكى مەدىكار بازىرىكەندە دەپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ .

kuwruk 2011-06-02 22:11
[quote]بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى erpan.0998 نىڭ 2011-06-02 22:08 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەزالارنىڭ  كۆپ قىسىم  ئىنكاسى توغرا  !!!مەن  بۇ  يازمىغا  ئۆز ھىسياتىمنى بەكرەك  قوشۇۋالغان  ئوخشايمەن .
ئەزالارنىڭ  تەنقىدى ئىنكاسىنى قوبۇل  قىلىمەن .
---يۇلداش ئىرپان سىزنىڭ تىمىڭىزدا دىگەنلىرىڭىز رىئال ئەھۋال كەمچىلىكلىرمىزنى ئىچىپ تاشلاش كىرەك،،،!!!!!!!!!

almiliq 2011-06-02 22:59
       مېنىڭ بىر تونۇشۇمنىڭ ئاپىسى 50 ياشتىن ئاشتى، ئۆزى ناھايىتى تېمەن، بۇرۇندىن تارتىپ جاپا-مۇشەققەتلىك بىلەن ھالال ئەمگەك قىلىپ ئىككى پەرزەنتىنى قاتارغا قوشقان، مانا ئۇ ھازىر بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتىدۇ، قايسى كۈنى ئۇنىڭ ئىشلەۋاتقىنىنى ئاڭلاپ بەكمۇ تەسىرلىنىپ كەتتىم. ئۇنىڭ قەيسەرلىكىگە ئىچىمدە ئاپىرىن ئوقۇدۇم.
       مەن ئۇنىڭدىن << ياشتا چوڭ بوپ قىلىپمۇ ئىشلەپ يۈرۈپسىزغۇ؟>> دەپ سورىسام، ئۇ: << كۈچ -مادىرىمنىڭ بارىدا ھالال ئەمگىكىم بىلەن ياشىشىم، بالىلىرىمنىڭ قولىغا قاراپ قالماسلىقىم كېرەك. چۈنكى مەن ئەمگەك قىلىپ ئۈگەنگەن. >> دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.  ھەم مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەرگەنىدى:
  بىز بىلەن بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان بىر نەچچە ياش يىگىتلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى بەكمۇ جاپالىق، كۈن بويى ئىغىر يۈكلەرنى كۆتۈرىدۇ. ئاي ئاخىرىغا كەلگەندە مۇئاشىنى ئېلىپ زاۋۇت دارۋازىسى ئالىدىدا بەش ئالتە كىشى بولۇپ قىمار ئوينىشىدۇ، ھاراق شاراپ ئىچىشىدۇ.  مېىنىڭ شۇنداق غەزىپىم ئۆرلەپ ئۇلارغا << سىلەر بۇ دۇنياغا مۇشۇنداق جاپا تارتىپ ئىشلەپ، تاپقان ھالال پۇلۇڭلارنى ئۆزۈڭلارنى گۇناھكار قىلىشقا سەرىپ قىلامسىلەر  >> شۇنداق دەپ كېتىمەن.  
    

bahram 2011-06-03 01:06
ئۇلارغۇ جاپا تارتىپ ئىغىر ئەمگەك قىلىپ تاپقان پۇلىنى قىمار ئويناپ تۈگۈتىدىكەن ، بىراق خىزمەتچىلەر ئىچىدىچۇ ، خىزمەت قىلىڭ دىسە ۋايسايدۇ ، قاھشايدۇ ، مۇئاشىنى ئىلىپ قىمار ئويناپ تۈگۈتىدۇ ، بۇنداق قىلمىش قاچاندىن بىرى يۇقۇپ قالغان بولغۇيتىكى قىرىنداشلىرىمىز ئارىسىغا ،،،،،،،،،،،،،، بۇ جىددى تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك مەسىلە

natsist 2011-06-03 01:21
بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ بار ئۇنداق بازار    قىززىق دەرۋازىسىدا

قىرتاغ 2011-06-03 05:08
نىمە دىيىشنى بىلمىدىم، ھىچنىمە دىگۈم يوق. مەن ئۇ يەردە بەش يىل ياشىغان!

klb 2011-06-03 11:55
مانا ئەشۇ جاپاكەشلەر ھەقىقى پېشانىسىنىڭ تەرىدىن نان يەيدىغانلار،مىنىڭچە شۇلارنىڭ تاپقىنى بىزدەك مائاشچىلارنىڭكىدىن ھالال دەپ قارايمەن،كىمنىڭ جاپا تارتقۇسى بار دەيسىلەر...تۇرمۇش ئادەمنى ھەر كويلارغا سالىدۇ، بەلكىم چۈچۈرىدەك باللىرى باردۇ ئۇلارنىڭ،شۇ كۇنلۈك پۇلنى تاپمىسا باللىرىنىڭ ئاچ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىش تالاشقاندۇ......
قىسقىسى،ئاشۇ جاپاكەشلەر كۈن بويى قەرت خانىدىن چىقمايدىغان ،چوڭ ئىشنى قىلالماي كىچىك ئىشنى ياراتماي يۇرۇيدىغان لايغەزەللەردىن مىڭ ياخشى.....
ئاپتۇر بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن كۆپرەك تۇرمۇشنى كۈزىتىپ ئاندىن يازسا بولاتتىكەن، سىز ئۇلارنى ساپاسى تۆۋەن دەپسىز ،توغرا بەلكىم مەدەنىيەت ساپاسى سىزدىن تۆۋەندۇ،ئەمما سىزنىڭ سىزنىڭ رىئاللىققا باھا بېرىش ساپارىڭىز 0 ئىكەن ،سىز ئەڭ ياخشىسى بىردەملىك ھاياجانلىقىزنى تازا بىر ئەلگەكتىن ئۆتكۈزىۋېتىپ ئاندىن سۆزلەڭ.شۇلارنڭ يېزىشتىن بۇرۇن شۇلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن شۇ جاپالىق يولنى تاللىغاندۇ دەپ ئويلىدىڭىزمۇ؟
ئۇلارنىڭ ساپاسىز قېلىشى ھەرگىز ئۇلار نىڭ ئوزىدىن ئەمەس،ئۇلارنىڭ كوچىغا چىقىپ شۇ كۇنلەرگە قېلىشىغا ھەرگىزمۇ پۇتۇنلەي ئۆزى سەۋەپچى ئەمەس ،ئادەم قولىدا ھىچنىمىسى قالمىغاندائاندىن كۈچىنى ساتىدۇ،قارا ئىش قىلىدۇ....بۇلارنى ئويلاندىڭىزمۇ ئىبراھىمجان ئېرپانى؟ ،بىزنىڭ كورلىدىمۇ جەنۇپتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر نۇرغۇن،سىلەرنىڭ ئۇيەردە 100ئاشىدۇ دەپسىز،بىزنىڭ بۇيەردە 400-500دىن ئىشىپ كېتىدۇ،مەخسۇس ساقچىلار تەرتىپ ساقلايدۇ تېخى...،كىمنىڭ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولغۇسى بار؟بولدىلا.....
تازا قاينىماقچىدىم،باشقا تورداشلار قايناپ بوپتۇ...،

amanxa 2011-06-03 12:29
ھەممە ناھىيلەردىمۇ بارغۇ دەيمەن، بىزنىڭ   باھىيدە بىكەت ئالدىدىلا بار تىخى.

erpan.0998 2011-06-03 13:55
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى klb نىڭ 2011-06-03 11:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مانا ئەشۇ جاپاكەشلەر ھەقىقى پېشانىسىنىڭ تەرىدىن نان يەيدىغانلار،مىنىڭچە شۇلارنىڭ تاپقىنى بىزدەك مائاشچىلارنىڭكىدىن ھالال دەپ قارايمەن،كىمنىڭ جاپا تارتقۇسى بار دەيسىلەر...تۇرمۇش ئادەمنى ھەر كويلارغا سالىدۇ، بەلكىم چۈچۈرىدەك باللىرى باردۇ ئۇلارنىڭ،شۇ كۇنلۈك پۇلنى تاپمىسا باللىرىنىڭ ئاچ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىش تالاشقاندۇ......
قىسقىسى،ئاشۇ جاپاكەشلەر كۈن بويى قەرت خانىدىن چىقمايدىغان ،چوڭ ئىشنى قىلالماي كىچىك ئىشنى ياراتماي يۇرۇيدىغان لايغەزەللەردىن مىڭ ياخشى.....
ئاپتۇر بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن كۆپرەك تۇرمۇشنى كۈزىتىپ ئاندىن يازسا بولاتتىكەن، سىز ئۇلارنى ساپاسى تۆۋەن دەپسىز ،توغرا بەلكىم مەدەنىيەت ساپاسى سىزدىن تۆۋەندۇ،ئەمما سىزنىڭ سىزنىڭ رىئاللىققا باھا بېرىش ساپارىڭىز 0 ئىكەن ،سىز ئەڭ ياخشىسى بىردەملىك ھاياجانلىقىزنى تازا بىر ئەلگەكتىن ئۆتكۈزىۋېتىپ ئاندىن سۆزلەڭ.شۇلارنڭ يېزىشتىن بۇرۇن شۇلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن شۇ جاپالىق يولنى تاللىغاندۇ دەپ ئويلىدىڭىزمۇ؟
ئۇلارنىڭ ساپاسىز قېلىشى ھەرگىز ئۇلار نىڭ ئوزىدىن ئەمەس،ئۇلارنىڭ كوچىغا چىقىپ شۇ كۇنلەرگە قېلىشىغا ھەرگىزمۇ پۇتۇنلەي ئۆزى سەۋەپچى ئەمەس ،ئادەم قولىدا ھىچنىمىسى قالمىغاندائاندىن كۈچىنى ساتىدۇ،قارا ئىش قىلىدۇ....بۇلارنى ئويلاندىڭىزمۇ ئىبراھىمجان ئېرپانى؟ ،بىزنىڭ كورلىدىمۇ جەنۇپتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر نۇرغۇن،سىلەرنىڭ ئۇيەردە 100ئاشىدۇ دەپسىز،بىزنىڭ بۇيەردە 400-500دىن ئىشىپ كېتىدۇ،مەخسۇس ساقچىلار تەرتىپ ساقلايدۇ تېخى...،كىمنىڭ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولغۇسى بار؟بولدىلا.....
تازا قاينىماقچىدىم،باشقا تورداشلار قايناپ بوپتۇ...،

erpan.0998 2011-06-03 13:59
ئنكاسىڭىز  توغرا . مەنمۇ بۇرۇن قۇرۇلۇش ئورۇنىدا ئىشلەپ  باققان . نەقەدەر  جاپالىق .
لىكىن  يازغانلىرىمىنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرىمۇ بار .

مەردان 2011-06-04 08:16
تۇرمۇش ئۈچۈن .............................

erpan.0998 2011-06-05 20:10
دوسىتلارنىڭ ماڭا قارىتا يازغان ئىنكاسى توغرا . مەن بۇ يازمىنى ئىپادىلشىم توغرا چىقىمىغان .
ئەسلىدە سانتاناغا 4 ئادەم چىقىپ بولغان يەنە بىرسى ئىشىكتىن بىشىنى تىقىپ تۇرشىغا سىرىتتىكى بىر قانچىسى چاقچاق قىلىپ
بۇنىمۇ ئىچىگە كىرگۈزىۋىتەيلى دەپ ئىتتىترشىپ ھىجىيىشقان .
ئەسلى مەن مۇشۇلارنىڭ مۇشۇ ئىشىنىمۇ يازمىدا ئىپادىلەپ بىرەلمىگەنلىكتىن مۇشۇ ئۇقۇشماسلىقلار كىلىپ چىققان .

تۈرۈك183 2011-06-05 20:24
ھەي

كەپسېز 2011-09-18 20:44
شۇ كېشلەر مۇ تاپكان ھالال پۇلنې كېمار بېلەن تۇگتېدۇ بەزېلېرې تەخەېشكا چېدېماي كېچېپ كېتيدۇ

نادىر 2011-09-19 14:55
نىمىە  دىگەن  رىيا خورلۇك  بۇ  ئەستەغفىرۇللە  

abduwali123 2011-09-19 15:37
ئىبراھىمجاننىڭ دىگىنى ئەمىليەت ، شۇ يەردە ئشلەپ يۈرگىچە پاختا تەرسە ، ياكى باشقا ئىش قىلسىمۇ بۇلىدىغۇ    مەنمۇ مانا ھازىر ياتاق -تامىقىنى بىرىپ ئايلىقىغا 2000 مىڭ يۈۋەنگە ئاەم تاپالمايۋاتىمەن بەزىدە مەنمۇ شۇنداق غەزەپلىنىمەن، شۇنداق ماشىنا ئاپارسام ھەممىسى گۈكىرەپ چىقدۇ  بىراق قىلدىغان ئىشنى دىسەم بىر -بىرلەپ چۈشۈپ كىتىدۇ ،تاس قالىدۇ ماشىننىڭ ئشكىنى چىقىرۋاتقىلى ، تېخى ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارنى ۋاي قاشقالىق ۋاي پالانى يەرلىك دەپ يۇرتۋازلىق قىلىپ جاي پۇلى ۋە ئش پۇلى ئالىدۇ ، ياكى ئۇلارنى ئىشنى ئەرزان قىلدىڭ دەپ توپلىشىپ ئۇرىدۇ قىسقسى 50-60% تى ياخشى نىملەر ئەمەس 4يىل ئاۋۋال كۆرگەن ئادەملەر ھازىرمۇ شۇ يەردە  نىمىشقا شۇنداق بولۇدۇ  ئويلىنىپ باقساق بۇلۇدۇ  بۇرادەرلەر

جەڭچى 2011-09-20 20:50
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 27قەۋەتتىكى erpan.0998 نىڭ 2011-06-05 20:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
دوسىتلارنىڭ ماڭا قارىتا يازغان ئىنكاسى توغرا . مەن بۇ يازمىنى ئىپادىلشىم توغرا چىقىمىغان .
ئەسلىدە سانتاناغا 4 ئادەم چىقىپ بولغان يەنە بىرسى ئىشىكتىن بىشىنى تىقىپ تۇرشىغا سىرىتتىكى بىر قانچىسى چاقچاق قىلىپ
بۇنىمۇ ئىچىگە كىرگۈزىۋىتەيلى دەپ ئىتتىترشىپ ھىجىيىشقان .
ئەسلى مەن مۇشۇلارنىڭ مۇشۇ ئىشىنىمۇ يازمىدا ئىپادىلەپ بىرەلمىگەنلىكتىن مۇشۇ ئۇقۇشماسلىقلار كىلىپ چىققان .

تاپقان ھىلگەرلەرچە ئامالىڭنى قارا ئاغىنە ،سەن ئەسلى دۆلتىمىزنىڭ دىپلوماتى بولساڭ بوپتىكەن ،،كاللاڭ بەك ئىشلەيدىكىن .

جەڭچى 2011-09-20 20:56
بۇلارنىڭ كۆپىنىچىسى 100%80پىرسەنتى لەنەتگەردە ئەبلەخلەر ،ئۆزيۇرتىدا قاملاشمىغان ئادەمنىڭ غەزپىنى كەلتۈردىغان ئىشلارنى قىلغاچقا مۇشۇ كۈنگە قالغان ، مەن كۆپىنچە قۇرلۇش ئورۇنلىردا بۇلارنى كۆرۈپ بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەبىنى سورغان ،سەۋەبىنى ئاڭلاپ بۇ لارنىڭ قالغان كۈنگە ھەيران قالمايدىغان بوپ قالدىم.

يەھيا 2011-10-23 23:10
سەبرى قىلايلى قېرىنداشلار بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتدۇ  ئاللا سەبرى قىلغۇچىلار بىلەن بىللە.

زەرىفە 2011-10-24 00:44
ئەسسلام

زەرىفە 2011-10-24 00:44
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى يەھيا نىڭ 2011-10-23 23:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سەبرى قىلايلى قېرىنداشلار بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتدۇ  ئاللا سەبرى قىلغۇچىلار بىلەن بىللە.





توغرادىدىڭڭىز قېرىندىشىم!

natsist 2011-10-24 01:24
ئۇلار ئىچ ئاغرىتقۇدەك ئادەملەر ئەمەس

يەھيا 2011-10-24 23:11
ناۋادا شۇ كۇنلەر سز بىلەن بىز نىڭ بېشىمىز غا كېلىپ قالسا قانداق قىلىمىز .   ناتسسىت قېرىندىشىم  ئاللا كوڭلىڭزگە ئىنساب بەرسۇن ھەقىقە تەندە  گېـتلېرنڭ  ئۇزى كەنسىز جۇمۇ.


查看完整版本: [-- ھىيىتگاھتىكى مەدىكار بازىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.062252 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us