باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 12912 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھىيىتگاھتىكى مەدىكار بازىرى
دوستلىشىش
erpan.0998
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
ئۆسۈش: 2260 %
مۇنبەر پۇلى: 3226 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-01 22:14

ھىيىتگاھتىكى مەدىكار بازىرى

قەشقەر  ھىيىتگاھ مەيدانىنىڭ سول تەرىپىدە يەنى  ئالتۇن زىبۇ__زىننەت بازىرىنىڭ ئالدىدا ھەر كۈنى تاڭ سەھەر ئالتە_يەتتىلەردە باشلىندىغان مەدىكارلار بازىرى بولۇپ بۇ جايغا توپلىشىپ ئىش كۈتىدىغانلار ئاساسلىغى يىزىلاردىن
كىرگەن دىھقان ئىشلەمچىلەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ سانى بەزى كۈنلىرى 100 دىن ئىشىپ كىتىدۇ .
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تامچى ،ياغاچچى ،ھۈنىرى يوق ئىشلەمچىلەر بولۇپ ئەمگەك كۈچىگە ئىھتىياجلىق ئورۇن ياكى شەخىسلەر بۇ يەرگە كىلىپ ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن ئىغزاكى توختام تۈزۈپ ئۇلارنى ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئىلىپ كىتىشىدۇ >
سائەت 8 لەردە بۇ مەدىكارلارنىڭ يىرىم ئىشىپ قالىدۇ .
مەن بىر كۈنى  بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتىم ،بىر قارا سانتانا بۇ يەرگە كەلدى . مەدىكارلارنىڭ ھەممىسى سانتاناغا يوپۇرۇلۇپ ماشىننى ئورىۋالدى.
سانتانا ئىچىدىن بىرسى بىشىنى چىقىرىپ ؛--بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم .كۈنلۈك ئىش ھەققى 100 يۈەن ،دىۋىدى مەدىكارلار ؛--مەن باراي، مەن باراي دىيشىپ ماشىنغا تىخىمۇ يىقىن چاپلاشتى .
---بىزگە پەقەتلا ئۈچ ئادەم لازىم دىدى بايىقى ئادەم بىشىنى ماشىندىن چىقىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا .
ماشىننىڭ ئىشىگى ئىچىلىشىغا مەدىكارلار بىر -بىرىنى قىستىشىپ ماشىنغا قىستىلىشىپ چىققىلى تۇردى .
؛---بولدى بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم . ئارتۇق چىقىۋالساڭلار پايدىسى يوق .ئارتۇق كىشلەرگە ئىش يوق .دەپ ۋاقىرىدى .
لىكىن مەدىكارلار ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
ئۇلار بىشىنى ماشىنغا تىقىۋالغان بولۇپ ھە دەپ ماشىندىكلەرنى ئىتتىرىپ ماشىنغا چىقماقچى بولاتتى .
ماشىنغا قىستىلىشىپ يۈرۈپ ئالتە ئادەم چىقىپ بولغان ئىدى .
ماشىنا سىرتىدىكى ئادەملەر  ماشىنغا كىرىش ئۈچۈن توختىماستىن تارتىشماقتا ،ئىتتىرىشماقتا .
توۋا !!! دىۋەتتىم  ئىچىمدە بۇ خەقلەر نىمانداق نادان خەقتۇ ؟؟؟؟
بىر سانتاناغا قانچە ئادەم پاتىدۇ ؟ مۇشۇنچىلىك ئەقەللى ساۋاتنىمۇ بىلىشمەمدىغاندۇ ؟؟؟ 
مەن گۈللۇك  يىنىدا  ئولتۇرغان بىرەيلەندىن ؛-- نىمانداق  ساپاسى  تۆۋەن  خەقتۇ بۇ  ؟؟ بىزگە ئۈچ ئادەملا  لازىم  دەۋاتسا
مۇشۇنداق  بىر - بىرىنى  ئىتىترىشىپ بەش - ئالتىسى ماشىنغا  چىقىۋالغانمۇ  بارمۇ؟؟؟؟دىدىم .
گۈللۈكتە  ئولتۇرغان ئادەم  تاماكىسىنى بىر  تارتىۋىتىپ ؛--بۇلارغا  ئىش  يوقمۇ  ئەمەس  قىلاي  دىسە  ئىش  كۆپ .ئۇلارنىڭ  بۇ  ماشىنغا شۇنچە  بىر -بىرىنى ئىتتىرىشىپ چىقىشقا ئالدىراپ  كىتىشى بۇ  قارا  ماشىنلىق لوبەنلەرنىڭ ؛-بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم دىگىنى  .
پۇلنى  كۆپ  بىرىدىغانلار پۇلنىڭ  گىپىنى  چىقارمايلا؛- بىزگە مانچە  ئادەم  لازىم دەپلا ئادەمنى ئىلىپ كىتىدۇ .
مۇشۇ  يەردە نۇرغۇن ئىشلەمچىلەر 20--30--يۈەن تالىشىپ كۈننى  چۈش  قىلىۋىتىپ چۈشتىن  كىيىن بىكار  يۈرۈشكە  رازىكى بوپتۇلا ئىشلەي  دىمەيدۇ .
شۇڭا  مۇشۇنداق  قارا سانتانا كىلىپ  قالسا  مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ .
 ؛--مۇناسىۋەتلىك  ئورۇنلار بۇ ئەمگەك  كۈچلىرىگەبىر  يىلنىڭ  ئالدىدىلا  يىڭى بازاردىن ياتاق ، تاماق  شارائىتى تەل  بولغان بىر  ئەمگەك  كۈچلىرى  بازىرى ئىچىپ بەرگەن ئىدىغۇ ؟؟دىدىم  مەن .
--راسىت  دەيسىز  دىدى ھىلقى  كىشى ؛؛--شۇنداق  ياخشى  شارائىت  يارتىپ  بەرگەن تۇرسا يەنە  بۇلار  بۇ يەرگە كىلۋالىدىكەنغۇ؟ بۇلار  كۈندە  مۇشۇنداق  توپلىشىپ  تۇرۇۋىلىپ قاتناشقىمۇ  تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ .دىدى .
مەن ئىغىر ئۇھسىنغان  ھالدا  ؛؛بۇ  ئىشلارغا  نىمە  دەي  ؟؟  ،--بۇ  يەر  دۇنياغا  مەشھۇر ساياھەت  ماكانى .
بۇ  جايدا مۇشۇنداق بىر  بازارنىڭ  شەكىللىنىپ  قىلىشى ۋە بۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئاخمىقانە قىلىقلىرى چەتئەللىك ساياھەتچىىلەرنىڭ
كۆزىگە چىلىقىپ  قالمىغاي  دىدىم  ئىچىمدە .

مەنبە ؛  ئىبراھىمجان ئىرپانى





 
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
www.1miskal.com
مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 467
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 247
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە247دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2522 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-01-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-02 11:21

بۇ  قەشقەردىلا  ئەمەس ئاقسۇ قىزىل كۆۋرۈكتە....  ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك  قېشىدا...(يەرشارى تورخانىسىنىڭ  ئالدىدا)دىمۇ  مەۋجۈت... بەلكىم  باشقا  يەردىمۇ  باردۇر... ھەممىسى  نىمە  ئۈچۈن ..  بىر  ئېغىز  گەپ  ھاياتلىق،  مەۋجۈت بوپ   تۇرۇش  ئۈچۈندە...  سىز  بەلكىم  قەشقەردە  قېرىنداشلىرىمىزنىلا  كۆرۈپ  قالدىڭىز بولغاي.  ئۈرۈمچى  خۇالىڭ  بازىرىغا  بېرىڭ...  شۇ  يەرگە  بارسىڭىز  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  ساپاسىلا  يوق  ئەمەس،  باشقىلارنىڭكىنىمۇ  كۆرۈپ  قالىسىز...
توغرا  چۈشەنگەيمىز  قېرىنداشلار...   ئۇلارنى  يەنە  تور  يۈزىدە  سۆكەمدۇق؟!  مەن  ئەمەلىي  تۇرمۇشتا  بىر  بىرسىنى سۆككەننى  كۆپ  ئۇچىراتمايمەن،   مۇشۇ  تور  يۈزىگە چىقساملا  كۆڭلۈم  بىر قىسىملا  بوپ  قالىدىكەن.  ھەي.....
توشقاندەك مىڭ يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا...!
    ـــــــــــ  ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرىدىن تاللانما