باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 11587 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھىيىتگاھتىكى مەدىكار بازىرى
دوستلىشىش
erpan.0998
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 121
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە121دانە
ئۆسۈش: 1420 %
مۇنبەر پۇلى: 2233 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2012-01-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-01 22:14

ھىيىتگاھتىكى مەدىكار بازىرى

قەشقەر  ھىيىتگاھ مەيدانىنىڭ سول تەرىپىدە يەنى  ئالتۇن زىبۇ__زىننەت بازىرىنىڭ ئالدىدا ھەر كۈنى تاڭ سەھەر ئالتە_يەتتىلەردە باشلىندىغان مەدىكارلار بازىرى بولۇپ بۇ جايغا توپلىشىپ ئىش كۈتىدىغانلار ئاساسلىغى يىزىلاردىن
كىرگەن دىھقان ئىشلەمچىلەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ سانى بەزى كۈنلىرى 100 دىن ئىشىپ كىتىدۇ .
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تامچى ،ياغاچچى ،ھۈنىرى يوق ئىشلەمچىلەر بولۇپ ئەمگەك كۈچىگە ئىھتىياجلىق ئورۇن ياكى شەخىسلەر بۇ يەرگە كىلىپ ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن ئىغزاكى توختام تۈزۈپ ئۇلارنى ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئىلىپ كىتىشىدۇ >
سائەت 8 لەردە بۇ مەدىكارلارنىڭ يىرىم ئىشىپ قالىدۇ .
مەن بىر كۈنى  بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتىم ،بىر قارا سانتانا بۇ يەرگە كەلدى . مەدىكارلارنىڭ ھەممىسى سانتاناغا يوپۇرۇلۇپ ماشىننى ئورىۋالدى.
سانتانا ئىچىدىن بىرسى بىشىنى چىقىرىپ ؛--بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم .كۈنلۈك ئىش ھەققى 100 يۈەن ،دىۋىدى مەدىكارلار ؛--مەن باراي، مەن باراي دىيشىپ ماشىنغا تىخىمۇ يىقىن چاپلاشتى .
---بىزگە پەقەتلا ئۈچ ئادەم لازىم دىدى بايىقى ئادەم بىشىنى ماشىندىن چىقىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا .
ماشىننىڭ ئىشىگى ئىچىلىشىغا مەدىكارلار بىر -بىرىنى قىستىشىپ ماشىنغا قىستىلىشىپ چىققىلى تۇردى .
؛---بولدى بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم . ئارتۇق چىقىۋالساڭلار پايدىسى يوق .ئارتۇق كىشلەرگە ئىش يوق .دەپ ۋاقىرىدى .
لىكىن مەدىكارلار ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
ئۇلار بىشىنى ماشىنغا تىقىۋالغان بولۇپ ھە دەپ ماشىندىكلەرنى ئىتتىرىپ ماشىنغا چىقماقچى بولاتتى .
ماشىنغا قىستىلىشىپ يۈرۈپ ئالتە ئادەم چىقىپ بولغان ئىدى .
ماشىنا سىرتىدىكى ئادەملەر  ماشىنغا كىرىش ئۈچۈن توختىماستىن تارتىشماقتا ،ئىتتىرىشماقتا .
توۋا !!! دىۋەتتىم  ئىچىمدە بۇ خەقلەر نىمانداق نادان خەقتۇ ؟؟؟؟
بىر سانتاناغا قانچە ئادەم پاتىدۇ ؟ مۇشۇنچىلىك ئەقەللى ساۋاتنىمۇ بىلىشمەمدىغاندۇ ؟؟؟ 
مەن گۈللۇك  يىنىدا  ئولتۇرغان بىرەيلەندىن ؛-- نىمانداق  ساپاسى  تۆۋەن  خەقتۇ بۇ  ؟؟ بىزگە ئۈچ ئادەملا  لازىم  دەۋاتسا
مۇشۇنداق  بىر - بىرىنى  ئىتىترىشىپ بەش - ئالتىسى ماشىنغا  چىقىۋالغانمۇ  بارمۇ؟؟؟؟دىدىم .
گۈللۈكتە  ئولتۇرغان ئادەم  تاماكىسىنى بىر  تارتىۋىتىپ ؛--بۇلارغا  ئىش  يوقمۇ  ئەمەس  قىلاي  دىسە  ئىش  كۆپ .ئۇلارنىڭ  بۇ  ماشىنغا شۇنچە  بىر -بىرىنى ئىتتىرىشىپ چىقىشقا ئالدىراپ  كىتىشى بۇ  قارا  ماشىنلىق لوبەنلەرنىڭ ؛-بىزگە ئۈچ ئادەم لازىم دىگىنى  .
پۇلنى  كۆپ  بىرىدىغانلار پۇلنىڭ  گىپىنى  چىقارمايلا؛- بىزگە مانچە  ئادەم  لازىم دەپلا ئادەمنى ئىلىپ كىتىدۇ .
مۇشۇ  يەردە نۇرغۇن ئىشلەمچىلەر 20--30--يۈەن تالىشىپ كۈننى  چۈش  قىلىۋىتىپ چۈشتىن  كىيىن بىكار  يۈرۈشكە  رازىكى بوپتۇلا ئىشلەي  دىمەيدۇ .
شۇڭا  مۇشۇنداق  قارا سانتانا كىلىپ  قالسا  مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ .
 ؛--مۇناسىۋەتلىك  ئورۇنلار بۇ ئەمگەك  كۈچلىرىگەبىر  يىلنىڭ  ئالدىدىلا  يىڭى بازاردىن ياتاق ، تاماق  شارائىتى تەل  بولغان بىر  ئەمگەك  كۈچلىرى  بازىرى ئىچىپ بەرگەن ئىدىغۇ ؟؟دىدىم  مەن .
--راسىت  دەيسىز  دىدى ھىلقى  كىشى ؛؛--شۇنداق  ياخشى  شارائىت  يارتىپ  بەرگەن تۇرسا يەنە  بۇلار  بۇ يەرگە كىلۋالىدىكەنغۇ؟ بۇلار  كۈندە  مۇشۇنداق  توپلىشىپ  تۇرۇۋىلىپ قاتناشقىمۇ  تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ .دىدى .
مەن ئىغىر ئۇھسىنغان  ھالدا  ؛؛بۇ  ئىشلارغا  نىمە  دەي  ؟؟  ،--بۇ  يەر  دۇنياغا  مەشھۇر ساياھەت  ماكانى .
بۇ  جايدا مۇشۇنداق بىر  بازارنىڭ  شەكىللىنىپ  قىلىشى ۋە بۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئاخمىقانە قىلىقلىرى چەتئەللىك ساياھەتچىىلەرنىڭ
كۆزىگە چىلىقىپ  قالمىغاي  دىدىم  ئىچىمدە .

مەنبە ؛  ئىبراھىمجان ئىرپانى





 
ئىبراھىمجان ئىرپانى
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 842
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە842دانە
ئۆسۈش: 2492 %
مۇنبەر پۇلى: 8532 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-12
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-02 22:59

       مېنىڭ بىر تونۇشۇمنىڭ ئاپىسى 50 ياشتىن ئاشتى، ئۆزى ناھايىتى تېمەن، بۇرۇندىن تارتىپ جاپا-مۇشەققەتلىك بىلەن ھالال ئەمگەك قىلىپ ئىككى پەرزەنتىنى قاتارغا قوشقان، مانا ئۇ ھازىر بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتىدۇ، قايسى كۈنى ئۇنىڭ ئىشلەۋاتقىنىنى ئاڭلاپ بەكمۇ تەسىرلىنىپ كەتتىم. ئۇنىڭ قەيسەرلىكىگە ئىچىمدە ئاپىرىن ئوقۇدۇم.
       مەن ئۇنىڭدىن << ياشتا چوڭ بوپ قىلىپمۇ ئىشلەپ يۈرۈپسىزغۇ؟>> دەپ سورىسام، ئۇ: << كۈچ -مادىرىمنىڭ بارىدا ھالال ئەمگىكىم بىلەن ياشىشىم، بالىلىرىمنىڭ قولىغا قاراپ قالماسلىقىم كېرەك. چۈنكى مەن ئەمگەك قىلىپ ئۈگەنگەن. >> دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.  ھەم مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەرگەنىدى:
  بىز بىلەن بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان بىر نەچچە ياش يىگىتلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى بەكمۇ جاپالىق، كۈن بويى ئىغىر يۈكلەرنى كۆتۈرىدۇ. ئاي ئاخىرىغا كەلگەندە مۇئاشىنى ئېلىپ زاۋۇت دارۋازىسى ئالىدىدا بەش ئالتە كىشى بولۇپ قىمار ئوينىشىدۇ، ھاراق شاراپ ئىچىشىدۇ.  مېىنىڭ شۇنداق غەزىپىم ئۆرلەپ ئۇلارغا << سىلەر بۇ دۇنياغا مۇشۇنداق جاپا تارتىپ ئىشلەپ، تاپقان ھالال پۇلۇڭلارنى ئۆزۈڭلارنى گۇناھكار قىلىشقا سەرىپ قىلامسىلەر  >> شۇنداق دەپ كېتىمەن.  
    
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.