بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى klb نىڭ 2011-06-03 11:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مانا ئەشۇ جاپاكەشلەر ھەقىقى پېشانىسىنىڭ تەرىدىن نان يەيدىغانلار،مىنىڭچە شۇلارنىڭ تاپقىنى بىزدەك مائاشچىلارنىڭكىدىن ھالال دەپ قارايمەن،كىمنىڭ جاپا تارتقۇسى بار دەيسىلەر...تۇرمۇش ئادەمنى ھەر كويلارغا سالىدۇ، بەلكىم چۈچۈرىدەك باللىرى باردۇ ئۇلارنىڭ،شۇ كۇنلۈك پۇلنى تاپمىسا باللىرىنىڭ ئاچ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىش تالاشقاندۇ......
قىسقىسى،ئاشۇ جاپاكەشلەر كۈن بويى قەرت خانىدىن چىقمايدىغان ،چوڭ ئىشنى قىلالماي كىچىك ئىشنى ياراتماي يۇرۇيدىغان لايغەزەللەردىن مىڭ ياخشى.....
ئاپتۇر بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن كۆپرەك تۇرمۇشنى كۈزىتىپ ئاندىن يازسا بولاتتىكەن، سىز ئۇلارنى ساپاسى تۆۋەن دەپسىز ،توغرا بەلكىم مەدەنىيەت ساپاسى سىزدىن تۆۋەندۇ،ئەمما سىزنىڭ سىزنىڭ رىئاللىققا باھا بېرىش ساپارىڭىز 0 ئىكەن ،سىز ئەڭ ياخشىسى بىردەملىك ھاياجانلىقىزنى تازا بىر ئەلگەكتىن ئۆتكۈزىۋېتىپ ئاندىن سۆزلەڭ.شۇلارنڭ يېزىشتىن بۇرۇن شۇلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن شۇ جاپالىق يولنى تاللىغاندۇ دەپ ئويلىدىڭىزمۇ؟
ئۇلارنىڭ ساپاسىز قېلىشى ھەرگىز ئۇلار نىڭ ئوزىدىن ئەمەس،ئۇلارنىڭ كوچىغا چىقىپ شۇ كۇنلەرگە قېلىشىغا ھەرگىزمۇ پۇتۇنلەي ئۆزى سەۋەپچى ئەمەس ،ئادەم قولىدا ھىچنىمىسى قالمىغاندائاندىن كۈچىنى ساتىدۇ،قارا ئىش قىلىدۇ....بۇلارنى ئويلاندىڭىزمۇ ئىبراھىمجان ئېرپانى؟ ،بىزنىڭ كورلىدىمۇ جەنۇپتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر نۇرغۇن،سىلەرنىڭ ئۇيەردە 100ئاشىدۇ دەپسىز،بىزنىڭ بۇيەردە 400-500دىن ئىشىپ كېتىدۇ،مەخسۇس ساقچىلار تەرتىپ ساقلايدۇ تېخى...،كىمنىڭ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولغۇسى بار؟بولدىلا.....
تازا قاينىماقچىدىم،باشقا تورداشلار قايناپ بوپتۇ...،