باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8015 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 820
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە820دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9561 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-05-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-01 21:14

ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى

ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى
ھارۇن يەھيا
كىرىش سۆز

ئۆي ئىچىگە نەزەر تاشلىساڭ، ھەممە نەرسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ياسالغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسەن.تام، ئۆي سايمانلىرى، تورۇس، سەن ئولتۇرىۋاتقان ئورۇندۇق، قولۇڭدىكى بۇ كىتاب، ئۈستەل ئۈستىدىكى ئىستاكان دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى كىشلەر تەرىپىدىن ياسالغاندۇر.ھىچقانداق بىر نەرسە ئۆزلۈكىدىن ئۆي ئىچىگە پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، ھەتتا، گىلەمدىكى كەشتىلەرمۇ مەلۇم كىشلەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلغان. ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۆزلۈكىدىن ياكى تاسادىبىي پەيدا بولۇپ قالمايدۇ.

كىتاب ئوقۇۋاتقان ئادەم قولىدىكى كىتابنىڭ مەلۇم بىر يازغۇچى تەرىپىدىن مەلۇم سەۋەب بىلەن يېزىلغانلىقىنى، قولىغا ئۆزىچىلا چىقىپ قالمىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىر ئادەم بىر ھەيكەلنى كۆرسە، ھەيكەلنىڭ شەكلى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنى چوقۇم بىر ھەيكەلتاراشنىڭ ياساپ چىققانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ھەتتا، خىش پارچىلىرىدىن قوراشتۇرۇلغان ئاددىيغىنە سەنئەت بۇيۇمىنىمۇ بىر كىشىنىڭ مەلۇم مۇددىئا بويىچە ياساپ چىققانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، چوڭ ياكى كىچىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق بىر قائىدە - تۈزۈم مەۋجۇت بولغان يەردە چوقۇمكى، شۇ قائىدە - تۈزۈمنى تەسسىس قىلغۇچى  ۋە ھىمايە قىلغۇچى بولىدۇ. ئەگەر بىر كۈنى قېشىڭغا بىرسى كېلىپ: «بىر دۆۋە تۆمۈر رۇدىسى بىلەن بىر دۆۋە كۆمۈر تاسادىبىي بىر يەرگە يىغىلىپ پولاتقا ئايلانغان، بۇ پولاتلار ئۆزلىكىدىن دۆۋىلىنىپ ئېفىل تۆمۈر مۇنارىنى شەكىللەندۈرگەن»، دېسە، ئەجىبا سەن بۇ گەپنى قىلغان ئادەمنى ۋە بۇ گەپكە ئىشەنگەنلەرنى ئەقلىدىن ئادىشىپتۇ، دەپ قارىمامسەن؟

چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلساق، ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش بىلەن يۇقارقىنىڭ ھىچقانداق ئوخشىمايدىغان يېرى يوق. ئۇلارنىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، ئانئورگانىك ماددىلار تاسادىبىيلا ئاممونىي كىسلاتانى شەكىللەندۈرگەن، ئاممونىي كىسلاتامۇ تاسادىبىيلا ئاقسىلغا ئايلانغان، ئاخىرىدا ئاقسىللار يەنە تاسادىبىيلا
بىرىكىپ، ھەرخىل جانلىقلارنى شەكىللەندۈرگەن. ئەمەلىيەتتە، جانلىقلارنىڭ تاسادىبىي ماس كېلىپ قېلىپ شەكىللىنىش ئېھتىماللقى ئېفىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ تاسادىبىي شەكىللىنىپ قېلىش ئىھتىماللىقىدىنمۇ خېلىلا كىچىك.چۈنكى، ئەڭ ئاددىي جانلىقنىڭ مالىكۇلىسىمۇ، ئىنسانلار ياسىغان ھەرقانداق قۇرۇلۇشتىن خېلىلا نەپىس ۋە مۇرەككەپتۇر.

ئاجايىباتلارغا تولغان بۇ چوڭ تەبىئەتنى ئاددىي كۆزىمىز بىلەن كۆزىتىپ باقايلى: مۇشۇنچىۋۇلا مۇكەممەل تەرتىپكە ئىگە بۇ دۇنيا قانداقمۇ توساتتىن شەكىللىنىپ قالسۇن؟ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جىمى مەۋجۇدات ئۆزىنىڭ بىر بەرپا قىلغۇچىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتمەي قالمايدۇ.ئۇلارنى ئۆزىچە پەيدا بولۇپ قالدى، دېسەك بۇ تولىمۇ بىمەنەلىك بولمامدۇ؟

شۇ سەۋەبتىن، چوقۇم بىر لايىھىلىگۈچى تاكى ئادەم بەدىنىدىن تارتىپ كەڭ كەتكەن كائىناتنىڭ ئەڭ يىراق
ھەم ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە بولغان ھەممە نەرسىنڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرماقتا. ئۇنداقتا جىمى نەرسىنى مۇشۇنداق ئىنىچكىلىك بىلەن لايىھىلەپ ياساپ چىققان ياراتقۇچى زادى كىم؟

كائىنات ئىچىدىكى ھىچقانداق نەرسە ياراتقۇچى بولالمايدۇ.چۈنكى، ياراتقۇچى جەزمەن كائىنات مەۋجۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كائىناتنى يارىتىشنى ئىرادە قىلغان ۋە شۇ بويىچە ياراتقان. ھەممىگە قادىر ياراتقۇچى يىگانىدۇر، جىمى مەۋجۇداتنى ئۇ ياراتقان، ئۇ ئەزەلىي زاتتۇر.

ئىسلام بىزگە ياراتقۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ زاتنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق بىلدۇقكى، ئۇ شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئىگىمىز ئاللاھتۇر، ئۇ زات ئاسمان - زىمىننى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يوقتىن بار قىلدى. 

گەرچە كۆپ قىسىم كىشلەرنىڭ بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنگۈدەك قابىلىيىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر ئۆمۈر بۇنى ھىس قىلمايدۇ.ئۇلار بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىنى كۆرگەن چاغدا، ئاۋۋال بۇ رەسىمنى سىزغان رەسسامنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ.ئارقىدىن، بۇ بەدىئىي ئەسەرنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ، ئەمما، مۇنداق بىر ئىشقا دىققەت قىلمايدۇ: بۇ رەسسام تەقلىد قىلىپ سىزغان ھەقىقىي تەبىئەت دۇنياسى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىلا. ئۇلار مۇشۇ ھەقىقىي گۈزەللىكلەرنىڭ ئىگىسى بولغان  ئاللاھقا دىققەت نەزەرىنى قاراتمىدى.ئەمەلىيەتتە، ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش – تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئارىمىزدىكى ھەر قانداق بىر كىشى ھەتتا بوسۇغىسىدىن تالاغا ئاتلىمىسىمۇ، ئۆي ئىچىدىكى ساناقسىز پاكىتلار ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھىس قىلىشىغا يېتىپ ئاشىدۇ.

ئادەم بەدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاكىتلارمۇ خېلى كۆپ. بۇلارنى بىر نەچچە توملۇق چوڭ قامۇسمۇ سىغدۇرالماسلىقى مۇمكىن. بىر نەچچە مىنۇت ۋاقتىڭنى سەرىپ قىلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ باقساڭ، ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چوقۇم ھىس قىلىپ يېتەلەيسەن.ئاللاھ بەدىنىڭدىكى بارلىق ئۆلچەم- تەرتىپنى قوغداپ ۋە ساقلاپ كەلمەكتە.

 چوڭقۇر پىكىر قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى پەقەت ئادەم بەدىنىلا بولماستىن،  زىمىننىڭ ھەر بىر چىمدىم تۇپرىقىدىكى ھاياتلىقتىمۇ مۆجىزىلەر مەۋجۇت. تاق ھۈجەيرىلىك مىكرو جانلىقلاردىن ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرگىچە، پارازىت قۇرتلاردىن دېڭىز ھايۋانلىرىغىچە، قۇش چاڭگىلىرىدىن ئىنسانلارغىچە، خىلمۇ - خىل ھاياتلىق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان.  ئەگەر سەن بىر سىقىم تۇپراقنى چاڭگاللاپ ئېلىپ ئىنىچكىلىك بىلەن كۆزەتسەڭ، چوقۇمكى، بۇ تۇپراقتا خىلمۇ – خىل تۈردىكى جانلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقايسەن.شۇنىڭغا ئوخشاش، سەن نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋادا، ھەتتا سېنىڭ تېرىلىرىڭدە، ئەلۋەتتە سەن ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان نۇرغۇن ھاياتلىق ياشىماقتا. بارلىق جانلىقلارنىڭ ئۈچەي يوللىرىدا ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مىليونلىغان باكتىرىيىلەر ياكى تاق ھۈجەيرىلىك مىكرو جانلىقلار ياشايدۇ. دۇنيادا ھاياتلىق مەۋجۇت بولمىغان ھىچقانداق جاي يوق.

ھەممە جايغا تارقالغان بۇ خىلمۇ –خىل جانلىقلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى، ياشاش شەكلى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا ئوخشىمىغان روللارنى ئوينىماقتا. ئەگەر يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى ھىچقانداق مەقسەتسىزلا تۇيۇقسىز مەۋجۇت بولۇپ قالغان، دېسەك، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق يالغان گەپ بولامدۇ؟  ھىچقانداق بىر مەخلۇق بۇ دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ياكى تىرىشچانلىقى بىلەن كەلگەن ئەمەس. بۇنچىۋۇلا مۇرەككەپ سېستىما ھەرگىزمۇ تاسادىبىي ماس كېلىپ قېلىشنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.

يۇقارقى بارلىق ئىسپاتلار بىزنى مۇنداق بىر خۇلاسىگە ئېرىشتۈرىدۇ:  كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر خىل ئالاھىدە بىكىتىلگەن «ئاڭ» غا تايىنىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئاڭنىڭ ئەسلى مەنبەسى نىمە؟ ئۇنىڭ بۇ كائىناتتىكى ھەر قانداق جانلىق ياكى جانسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەتتا بۇنداق مۇكەممەل تەرتىپنى ساقلاش ھەم قوغداشقىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھ كائىناتتىكى سان- ساناقسىز پاكىتلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، ھىچقانداق بىر ئادەم بۇ روشەن پاكىتنى چىن قەلبىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلالمىسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشلەر يەنىلا ئىتىراپ قىلمايدۇ، خۇددى قۇرئان كەرىمدە ئېيتىلغاندەك:

«ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتراپ قىلدى لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى.»
(سۈرە نەمل 14- ئايەت)

بۇ كىتابچىدا كۆرسىتىلگەن ھەقىقەتلەرنى قۇبۇل قىلىش بەزى كىشلەرگە جەزمەن ئېغىر توختايدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك.بۇ ھەقىقەتلەر بىمەنە ئالدامچىلىق نەزەرىيىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بەزى ئىدىيە سېستىمىلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كىتابچىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقات تېمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى شەك- شۈبھىسىز ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پاكىتلارنى تەمىن ئەتتۇق. 


1.يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش

  ئالەم قانداق پەيدا بولغان، قەيەردە ئاخىرلىشىدۇ؟ ئۇنىڭ تەرتىپى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان قانۇنىيەتلەر قانداق؟ دېگەندەك سوئاللار تارىختىن بېرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققەت -ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلدى. ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلار بۇنداق مەسىلىلەرگە قارىتا كۆپلىگەن نەزەرىيلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 
    20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە ئومۇميۈزلۈك تارقالغان ئىددىيە بولسا، ئالەم چەكسىز كەڭرى، ئۇنىڭ باشلىنىشى ھەم ئاخىرلىشىش نۇقتىسى يوق، ئۇ مەڭگۈلۈك مەۋجۇت، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. بۇنداق «تۇرغۇن ئالەم» نەزەرىيسىگە ئاساسلانغاندا، كائىناتنىڭ باشلىنىشى ھەم ئاخىرلىشىشى بولمايدۇ. بۇ ماتېرىيالىسىتىك پەلسەپىنىڭ ئاساسى. بۇ خىل كۆز قاراش ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كائىناتنى مەڭگۈلۈك، تۇرغۇن ھالەتتىكى ماددىي جۇغلانما، دەپ قارايدۇ. 
   ماتېرىيالىزىم ئىددىيە سېستىمىسى ماددىنى مۇتلەق مەۋجۇت، دەپ قاراپ ماددا سىرتىدىكى بارلىق نەرسىنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ نەزەرىيە قەدىمقى يۇناندا بارلىققا كەلگەن، 19-ئەسىردە راۋاجلىنىپ تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. بۇ ئىددىيە سېستىمىسى ئىچىدە كارل ماركىسنىڭ دىئالېكتىك ماتېرىيالىزىم ئىددىيسى ھەممىدىن مەشھۇر. 
   يۇقاردا بايان قىلىنغاندەك، 19-ئەسىردە تۇرغۇن ئالەم نەزەرىيسى ماتېرىيالىستىك پەلسەپىنىڭ ئاساسى بوپ قالدى. گورگى پۇلىتزېر(George Politzer) ئۆزىنىڭ «مېتافىزىكا» (Principes Fon amentaux de philosophie) ناملىق كىتابىدا «تۇرغۇن ئالەم نەزەرىيسى»گە ئاساسەن «ئالەم يارىتىلغان ماددا ئەمەس» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ چۈشەندۈرۈش بېرىپ: «ئەگەر ئالەم يارىتىلغان ماددا بولسا، ئۇنى چوقۇم خۇدا يوقلۇقتىن بىرلا ۋاقىتتا يارىتىشى كېرەك.يارىتىشنى ئېتراپ قىلىشتىن ئاۋۋال كىشىلەر ئالەم يوقلۇقتىن پەيدا بولغان ئاشۇ پەيتنى ئېتراپ قىلىشى كېرەك، يوق نەرسىدىن بار نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىلىم-پەنگە زىت» دېگەن.  
  پۇلىتزېر ئالەمنى ياراتقۇچى يوقلۇقتىن پەيدا قىلغان ئەمەس، دەپ كېسىپلا ھۆكۈم قىلغاندا 19-ئەسىردىكى «تۇرغۇن ئالەم نەزەرىيسى»گە ئاساسلانغان، ئۇ ئۆزىنى بىر ئىلمىي بايانات ئوتتۇرىغا قويغان دەپ قارىغان.
ھالبۇك  20-ئەسىردىكى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى تۇرغۇن ئالەم نەزەرىيسىگە ئوخشاش كۆپلىگەن ماتېرىيالىزىمچىلار بېقىنىپ كەلگەن ئىپتىدائىي كۆزقاراشلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.ئىنسانىيەت 21- ئەسىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە ،ھازىرقى زامان فىزىكىسى كۆپ قېتىملىق تەجىرىبە قىلىش، كۆزىتىش ھېسابلاشلار ئارقىلىق ئالەمنىڭ بىر باشلىنىش نۇقتىسى بارلىقىنى،
يەنى ئالەمنىڭ بىرقېتىملىق چوڭ پارتلاش سەۋەبىدىن يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
     ئالەمنىڭ بىر باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ،
بۇ دېگەنلىك ـــ ئالەم ئەسلى بار ئەمەس،
بەلكى يارىتىلغان.
      بىر يارىتىلغۇچى بولغانىكەن (بۇرۇن يوقتى،
كېيىن بار بولغان)، ئۇنداقتا چوقۇم ئۇنىڭ بىر ياراتقۇچىسى بولىدۇ. جانسىزلىقتىن جانلىقلىققا ئۆتۈش بولسا ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر ئىش(چۈنكى ئىنسانلارغا ئۇنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىش شارائىتى ئەسلا يوق).ئۇ قانداقتۇ بەزى جىسىملارنى بىر يەرگە ئەكىلىپ قۇراشتۇرۇپ يېڭى بىر جىسىم (بەدىئىي ئەسەر، تېخنىكا كەشپىياتى دېگەندەكلەر)نى ھاسىل قىلىشقا ئوخشىمايدۇ.
ئاللاھ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە  بارلىق شەيئىلەرنى كەم-كۈتىسىز ھالدا ياراتتى، بۇ شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ھەتتا زامان ۋە ماكان بوشلۇقىدىمۇ مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەر ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى.
     ئالەمنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى بولسا ئۇنىڭ يارىتىلغانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ پاكىتى. بۇ پاكىتنى ئېتراپ قىلىش نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيتىنى چۈشىنىپ ئۆزىنىڭ مەيدانىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىغا ياردەم قىلىدۇ.دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇنلىغان پەننىي تەشكىلاتلار خۇدانىڭ يارىتىشىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئېتىبارسىز قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.پاكىت كۆز ئالدىدا روشەن تۇرسىمۇ ئۇلار يەنىلا چۈشەنمەيدۇ. بارلىق ئىلمىي دەلىل - ئىسپاتلار بىر ياراتقۇچى زاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغانلىقىدەك ئەمەلىيەت، ئۇلارنى بەزىبىر كۆز –قاراش، نەزەرىيلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيسىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشقا مەجبۇر قىلغان. ۋەھالەنكى، ئىلمىي پاكىتلارنىڭ ئۆزى ئۇ خىل نەزەرىيلەرنى ئېنىق ئىنكار قىلدى.
    تۆۋەندە بىز ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى ئىلمىي بايقاش جەريانىنى قىسقىچە كۆرۈپ ئۆتەيلى.


بۇ مەزمۇن يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ئىنكاس قايتۇرغاندىن كىيىن كۆرەلەيسىز

2. كائىناتتىكى مۆجىزىلەر

 سەن مىليونلىغان ئويۇنچۇق - مودېللاردىن بىر شەھەرنى قوراشتۇرۇپ چىقتىم، دەپ پەرەز قىلىپ باققىن. بۇ شەھەردە قاتار سېلىنغان ئېگىز سودا سارايلار، ئايلانما تاشيول، تۆمۈر يول، ئايرودورۇم، ماگىزىن، مىترو، ئۇنىڭدىن باشقا كۆل، ئورمانلىق، دېڭىز ساھىلى، ئۇلاردىن سىرت يەنە يولدا كېتىۋاتقان، ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ... يۈز مىڭلىغان ئادەملەر
بولسۇن. ھەر بىر ئىنىچكە ھالقىلارنى، ھەتتا كوچا چىرىغى، خەت ساندۇقى، ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى ئېلان تاختىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسۇن.

 سەن ھەر بىر ئىنىچكە ھالقىنى ئەستايىدىللىق بىلەن لايىھىلەپ، ھەر بىر قۇرۇلمىنى توپتوغرا قوراشتۇرۇپ،  نۇرغۇن قان تەر بەدىلىگە بۇ چوڭ شەھەرنى پۈتتۈردۈڭ. بۇ چاغدا بىر ئادەم قېشىڭغا كېلىپ: « بۇ شەھەر ھەرقايسى قۇرۇلمىلارنىڭ ئىختىيارىي قوراشتۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىپ قالغان» دېسە، سەن بۇ كىشىنىڭ روھىي ھالىتىگە قانداق قارايسەن؟

بىز يەنە ھېلىقى سەن ياسىغان شەھەرگە قايتىپ كېلەيلى:ئەگەر سېنى بىر تال ياغاچ پارچىسىنى نەگە قويۇشنى ئۇنتۇپ قالدى ياكى خاتا قويۇپ قويدى، دەپ پەرەز قىلساق،  بۇ ئەھۋالدا پۈتۈن شەھەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ.سەن بۇ شەھەرگە قۇرۇپ چىقىشىڭ كېرەك بولغان مۇۋازىنەت ۋە تەرتىپنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلىدىڭمۇ؟

بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق خىلمۇ-خىل تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىنىچكە ھالقىلاردىن تۈزۈلگەن غايەت زور سانلارنىڭ توپلىمىدۇر. ئەگەر بۇ ھالقىلارنىڭ بىرەرسىدىن ئازراقلا چاتاق چىقىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىقنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھەر بىر جىسىم، ھەر بىر مالىكۇلىدىكى ئۇششاق نۇقتىلار، ئەڭ كىچىك ماددىي بىرلىكتىن تارتىپ مىلياردلىغان يۇلتۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇلتۇز سېستىمىلىرىغىچە، ئاي شارىدىن قۇياش سېستىمىسىغىچە بولغان ھەممىسى مۇكەممەل بولغان تۈزۈلمە ئىچىدىدۇر.بۇ ئىنىچكە لايىھىلەنگەن سېستىمىلار خۇددى سائەت ئىستىرىلكىسىدەك توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ، قىلچىلىكمۇ خاتالىق يۈز بەرمەيدۇ.  كىشلەر  بۇ سېستىمىلارنىڭ نەچچە مىليون يىللاردىن بېرى قىلچىلىكمۇ خاتالىق يۈز بەرمەي  ئايلىنىۋاتقانلىقىغا تولۇق ئىشىنىدۇ.  بۇ مۇكەممەل قانۇنىيەت ئاستىدا،  ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە پىلان تۈزۈشىدۇ. ھىچكىممۇ ئەتىكى قۇياشنىڭ چىقىش –چىقماسلىقىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشلەر « يەر شارىنىڭ قۇياش سېستىمىسىدىن ئايرىلىپ،  نامەلۇم بىر قارا ئۆڭكۈر تەرەپكە ئېغىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارمۇ - يوق؟» دېگەننى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، ياكى، « زادى قانداق كۈچ مۇشۇنداق ئالاھىدە ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن توسۇپ تۇرىۋاتىدۇ؟»  دېگەنلەر توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ باقمايدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش، كىشلەر ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا يۈرەك ۋە نەپەسلىنىش ئەزالىرىنىڭ چوڭ مېڭىگە ئوخشاش ئارام ئالالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ قايسى بىرى بىرەر سىكونت توختاپ قالسىلا، ئۇ ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كىشلەر پەقەت « ھەر قانداق نەرسە ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان»، دېگەن بۇ رەڭ ئۆزگەرتكۈچى كۆزەينەكنى كۆزىدىن ئېلىۋەتسىلا،  ھەر قانداق جىسىمنىڭ ئۆز- ئارا بېقىنىدىغان، ئىنىچكە پىلانلانغان ھەر خىل سېستىمىلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى كۆرەلىگەن بولاتتى. مۇكەممەل بولغان تەرتىپ ۋە تۈزۈمنىڭ كائىناتتىكى ھەر قانداق نۇقتىغا تەقسىملەنگەنلىكى كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىتتۇر.شەك-شۈبىھىسىزكى، بۇ تەرتىپ ۋە تۈزۈمنى ئۇلۇغ بىر كۈچ بارلىققا كەلتۈرگەندۇر. بۇ ئۇلۇغ كۈچ - قۇدرەتنىڭ ئىگىسى دەل ئاللاھتۇر. ئۇ بارلىق شەيئىلەرنى يوقتىن بار قىلدى.  قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟ ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ.
(67- سۈرە 3-4- ئايەتلەر)

ئاسمان – زىمىن ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نەرسىنى كۆزەتكىنىمىزدە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ياراتقان ئۇلۇغ بىر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمىز.

بۇ بابتا بىز ھەر بىر ئادەم كۆرەلەيدىغان، ئەمما ئىنتايىن ئاز پىكىر يۈرگۈزىدىغان تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە بىر قىسىم جانلىقلار ئۈستىدە سۆزلەپ ئۆتىمىز، ئۇلارنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ، مەۋجۇتلۇقىنى قانداق داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىغا قاراپ باقايلى. ناۋادا، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئاللاھنىڭ بارلىق مۆجىزىلىرىنى يېزىشقا توغرا كەلسە، نەچچە مىڭ توم قامۇسمۇ كەملىك قىلىشى مۇمكىن.شۇڭا، بۇ بابتا بىز بىر قىسىم چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئەرزىيدىغان ئاددىي تېمىلار ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارىمىز.

ھالبۇكى، چۈشىنىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئاددىي مىساللىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ـــــ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دېققىتىنى قارىتىشقا ياردىمى بولىدۇ (ياكى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قايتا ئەسلىشىگە ياردىمى بولىدۇ). 
بۇ مەزمۇن يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ئىنكاس قايتۇرغاندىن كىيىن كۆرەلەيسىز

3. ئالىملار ئاللاھنىڭ بىشارەتلىرىنى دەلىللىدى

ھازىرغا قەدەر بىز بايان قىلغان ھەرخىل ئىلمىي بايقاشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىلىم- پەننىڭ ياردىمىدە بىز تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق: ئالەمنىڭ بىرلا ياراتقۇچىسى بار.بۇ ياراتقۇچىنىڭ كۈچى، ئەقلى ۋە بىلىمىنىڭ ھەممىسى كەم -كۈتسىز مۇكەممەلدۇر. ئىسلام بىزگە رەببىمىزنى تونۇشنىڭ يوللىرىنى ئېيتىپ بەردى، ئىلىم - پەن بولسا ئىسلام كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەتلەرنى تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتتى.بىراق، بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئالىملار يەنىلا ئىلىم - پەن بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، باشقىچە بىر خىل كۆر قاراشتا بولىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئىلمىي بايقاشلار ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ، دەپ قارىماقتا.ئەكسىچە، ئۇلار ئاتىئىزىمچە ئىلمىي قاراش بىلەن، ئىلىم - پەن ئارقىلىق ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، دەپ چۈشەندۈردى، ئۇلار ئىلىم - پەن بىلەن دىن بولسا ئۆز - ئارا قارىمۇ - قارشى ئۇقۇم، دېگەننى تەكىتلەشتى.


ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئاتىئىزىملق كۆز قاراش يېقىندىلا شەكىللەنگەن.ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىزچىل ھالدا ئىلىم - پەن بىلەن دىن ئارىسىدا ئەزەلدىن ئۆز - ئارا زىددىيەت يۈز بەرمىگەن، ئىلىم - پەن بولسا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەستىقلايدىغان يول، دەپ قارالغان.بۇ خىل ئاتالمىش ئاتىئىزىملىق كۆز قاراش 18-19- ئەسىرلەردە ماتىريالىزىم ۋە دەلىلچىلىك پەلسەپىسى ئىلىم - پەن ساھەسىنى قاپلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن تەرەققىي قىلغان.

 1985- يىلى دارۋىن تەدرىجي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن،  ئۇنىڭ كۆز قارىشى ماتىريالىستلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ دىنغا قارشى كۆز قارىشىنى قوغداشقا ئىشلىتىلدى. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئالەم خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلمىغان، بەلكى تاساددىبىي شەكىللەنگەن، دېگەندە چىڭ تۇردى. شۇڭا ئۇلار دىن بولسا ئىلىم - پەننىڭ دۈشمىنى، دەپ جاكارلىدى. ئەنگىلىيىلىك تەتقىقاتچى مايكىل بايجىنت،Michael Baigent رىچاد لىي Richard Leigh ۋە ھېنري لىنكولىن Henry Lincolnقاتارلىقلار مۇنداق بىر ئىشنى بايان قىلدى:


«نىيوتۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دارۋىندىن ئىلگىرىكى يېرىم ئەسىردە ئىلىم-پەن دىندىن ئايرىلىپ قارالمىغان، ئەكسىچە، ئۇ دىننىڭ بىر قىسمى، ئۇ دىنغا بويسۇنىدۇ، دەپ قارالغان. ئەمما، دارۋىننىڭ دەۋرىدە، ئىلىم -پەن بىلەن دىن بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۆز-ئارا رىقابەتچىگە ئايلاندى. نەتىجىدە دىن بىلەن ئىلىم -
پەن زىتلىشىپ، بارغانسىرى كۆپ كىشلەر ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى.» 25

خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، دىن بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئاتالمىش ئايرىلىش پۈتۈنلەي ئىدىئولوگىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان. ماتىريالىزىمغا قىزىقىدىغان بىر قىسىم ئالىملار جان - جەھلى بىلەن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى يوق، دېگەننى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇندى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بولسا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ مۇھىم بولغان نەزەرىيە. ئۇلار ئاستىرونومىيە ساھەسىدە «مۇقىم ھالەت نەزەرىيىسى» ياكى «تەرتىپسىزلىك قانۇنىيىتى»نى ئىجاد قىلدى. لېكىن، بارلىق يارىتىلىشقا قارشى بولغان نەزەرىيە - تەلىماتلارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان ئىلىم - پەننىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئاغدۇرىۋېتىلدى، خۇددى ئالدىنقى بابلاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك.

بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئاشۇ نەزەرىيەلەردە چىڭ تۇرىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى جاھىل ھەم تەرسالىقىدىن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەردۇر. ئەنگلىيىلىك داڭلىق ھايۋاناتشۇناس ھەم دارۋىنىزىمچى ۋاستون  (D.M.S. Waston)
ئۆزىنىڭ جاھىللىقىنى ئىتىراپ قىلىپ، ئۆزى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى قۇبۇل قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈردى:

«تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك ئىتىراپ قىلىنىدىغان يەنە بىر خىل تەلىمات بار، ئۇنىڭ لوگىكىسى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى ئوچۇق، ئەمما ئۇ ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان يارىتىشنى تەكىتلەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ.» 26

ۋاستون ئېيتقان «ئالاھىدە يارىتىش» دەل ئاللاھنىڭ يارىتىشىدۇر. بۇ ئالىم بۇنى «قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى. بىراق، نېمە ئۈچۈن؟ ئىلىم – پەن ئۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە، ئىلىم- پەن بۇ خىل يارىتىشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ۋاستوننىڭ قارىشىچە، بۇ ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلىشنىڭ تەسكە چۈشۈشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئاسارىتىگە چوڭقۇر پېتىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىتراپ قىلىشقا ئۇنىمايدىكەن. باشقا دارۋىنىزىمچىلارنىڭ پوزىتسىيىسىمۇ بۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ.

دارۋىنىزىمچىلارنىڭ ئاساسلىنىدىغىنى ئىلىم – پەننىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى، ماتىرىيالىزىملىق پەلسەپە، ھەتتا، ئۇلار بۇ خىل پەلسەپەنى ئىلىم –پەنگە مەجبۇرىي قۇبۇل قىلدۇردى.خارۋارد ئۇنۋىرىستىتىدىكى ئىرشىيەتشۇناس رىچاد لىۋانتىن(Richard Lewontin
) مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئىتىراپ قىلدى:

«ئىلمىي بولغان ئۇسۇل ۋە پىرىنسىپلار ھەرگىزمۇ بىزنى ماتىريالىزىمنىڭ بۇ ئاجايىپ دۇنياغا بەرگەن تەبىرىنى قۇبۇل قىلىشقا زورلىمايدۇ، ئەكسىچە، ماتىريالىزىمغا بولغان سادىقلىق يۈزىسىدىن، مەيلى ئۇ بىۋاستە سېزىمىمىزغا قانچىلىك قارشى بولسۇن، مەيلى ئۇ قانچىلىك غەيرىي بولسۇن مەجبۇرىي ھالدا بىر قاتار ماتىريالىزىمغا ئۇيغۇنلىشالايدىغان تەتقىقات مىخانىزىمى ۋە چۈشەنچىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. ماتىرىيالىزىم بولسا مۇتلەقتۇر، بىز بۇ ساھەگە ئىلاھنىڭ قەدەم دەسسەپ قېلىشنى خالىمايمىز.» 27

يەنە بىر تەرەپتىن، خۇددى تارىختىكىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا نۇرغۇنلىغان ماتىريالىزىمغا قارشى تۇرىدىغان لاگېرلار، ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغان ئالىملار بار، ئۇلار ئىلىم – پەن بولسا ئاللاھنى تونۇشتقا ئېلىپ بارىدىغان بىر يول، دەپ قارىماقتا.ئامرىكىلىق بىر قىسىم ئالىملار «ئالاھىدە يارىتىش نەزەرىيسى»ياكى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق لايىھىلەش نەزەرىيىسى»نى بەرپا قىلىپ، ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق، پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

بۇلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىلىم-پەن بىلەن دىن بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، ئەكىسىچە، ئىلىم-پەن بولسا دىن تەمىنلىگەن ھەقىقەتلەرنى ئىسپاتلايدىغان بىر ئۇسۇلدۇر.دىن بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش پەقەت بىر قىسىم باتىل ئىتىقادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايرىم دىنلاردىلا مەۋجۇت. بىراق، ئىسلام دىنىدا بۇنداق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى، ئىسلام دىنى پەقەت ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىيگىلا تايىنىدۇ.تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، ئىسلام دىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى ھەم كائىنات سىرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەر ئاللاھنىڭ يارىتىشتىكى قۇدرىتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى، دەپ جاكارلىدى.

ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچ قانداق يۇچۇق يوقلىقىغا قارىمامدۇ­؟ يەر يۈزىنى (توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا سوزۇپ) كەڭ ياراتتۇق، يەر يۈزىدە (ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق. اﷲغا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى) كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋە (اﷲنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) ئەسلىتىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق). كۆكتىن (بۇلۇتتىن) مۇبارەك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق-سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق.
(50- سۈرە 6 ~ 10- ئايەتلەر)

يۇقارقى ئايەتلەردە بىشارەت بېرىلگىنىدەك، قۇرئان كەرىم ئۈزلۈكسىز ھالدا كىشلەرنى ئويلىنىشقا، ئىزدىنىشكە، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئىلىم– پەن ئىسلامغا ماس كېلىدۇ، ئۇ ئادەمنى نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ ئاقىلانىلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلەيدۇ، ئادەمنىڭ ئىدىيە قاتلىمىنى كېڭەيتىپ، ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى خىلمۇ- خىل مۆجىزىلىرىنى ھىس قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  گېرمانىيىلىك داڭلىق فىزىكا ئالىمى ماكىس پلانىك Max Planck
مۇنداق دەيدۇ:

   « ئىلمىي خىزمەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ھەر قانداق بىر كىشى ئىلىم – پەن دۇنياسىنىڭ دەرۋازىسىغا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنىڭ يېزىقلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ:سىزنىڭ چوقۇم ئىتىقادىڭىز بولۇشى كېرەك. بۇ ھەرقانداق ئالىم ئاتالغان كىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ساپادۇر.» 28

بىز تا ھازىرغىچە مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى بىر تاسادىبىيلىق، دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش ئۈچۈندۇر.ئىلىم-پەن ساھەسىدە زور تەسىرى بولغان نۇرغۇنلىغان ئالىملار بۇلارنى ئىتىراپ قىلغان ھەمدە ئىزچىل ھالدا بۇنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. كائىناتنى قانچىكى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئادەم ئۇنىڭ مۇكەممەل بولغان تەرتىپىگە شۇنچىكى ھەيران قالىدۇ. ھەر بىر يېڭى ھالقىنىڭ بايقىلىشى ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىك ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەلىللەپ بەرمەكتە.

21- ئەسىرگە قەدەم باسقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى فىزىكا ئالىملىرى بۇ خىل يارىتىلىش ئەمەلىيىتىنى قۇبۇل قىلدى. ئاستىرونوم ۋە يازغۇچى داۋىد دارلىڭ David Darling
مۇنداق دەيدۇ:

«غايەت زور بىر پارتلاش يۈز بەرگەن. بۇ پارتلاش بارلىق ماددا ۋە ئىنىرگىيىنى ھاسىل قىلغان ھەمدە تېز سۈرئەتتە بوشلۇققا تارالغان. بۇ بولسا مول ئىسسىقلىق ۋە كېڭىيىش سەۋەبلىك يارىتىلىشتۇر.» 29


بۇنىڭدىن سىرت، ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى بارلىق پەنلەرنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىغا ئىشىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، تارىختىكى مەشھۇر فىزىكا ئالىملىرىدىن نىيوتۇن، فارادىي، كارفېن، ماكسىۋىل قاتارلىقلار بار.

نىيوتۇننىڭ دەۋرىدە، ئەڭ مەشھۇر فىزىكا تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئالىملار ئاسمان جىسىملىرى ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئوخشاش بولمىغان قانۇنىيەتلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بىراق، نىيوتۇن يەر شارى ۋە ئالەم بوشلۇقىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئىدارە قىلغۇچىسى بىر، شۇڭا چوقۇم ئوخشاش قانۇنىيەت بىلەن چۈشەندۈرۈش كېرەك، دەپ قارىغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان:

«نۇرغۇنلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار، ھەر خىل سەييارىلەر ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلاردىن تەركىب تاپقان بۇنداق چىرايلىق سېستىمىنى پەقەت مۇكەممەل ئەقىل– پاراسەت ۋە غايەت زور مەۋجۇتلۇقلا بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.» 30


ناھايىتى ئېنىقكى، ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ، نۇرغۇنلىغان فىزىكا، ماتىماتىكا ۋە ئاستورونومىيە ئالىملىرى كائىناتنىڭ بىر ۋە پەقەت بىرلا ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىشتى. فىزىكا ۋە ئاستورونومىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى يوھانىس كېپلېر(Johannes Kepler)
مەشھۇر بىر ئەسىرىدە، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا قاتتىق ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ يازغانىدى:

«بىز ئاستىرونوملار بولساق ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ(خۇدانىڭ)تەبىئەت دۇنياسىدىكى پوپى، شۇڭا بىز پەقەت ئۆزىمىز ئۈستىدىلا ئويلانماستىن، بەلكى، يەنە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۈستىدىمۇ ئويلىنىشىمىز كېرەك.» 31

مەشھۇر فىزىكا ئالىمى، تىرمودىنامىكا ئاساسچىسى ۋىليام تومسونWilliam Thompsonبولسا بىر خىرىستىيان دىنى مۇرتى، ئۇ دارۋېننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە قاتتىق قارشى تۇرىدۇ ھەمدە، پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: « ئىلىم-پەن بولسا ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىگە نىسبەتەن، ياراتقۇچىنىڭ كۈچىنى مۇتلەق جەزىملەشتۈرىدۇ.» 32


ئوكىسفورد ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ فىزىكا پىروففېسورى روبېرت ماتدېۋىسRobert Matthewsئۆزىنىڭ 1992- يىلى نەشىر قىلغان كىتابىدا ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى بايان قىلىپ،  DNA
مولىكۇلىسىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى:

«بارلىق جەريان ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاۋۋال بىر تۆرەلمە ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتلىققا ئىگە بولغان بىر بوۋاققا، ئاندىن بالىغا ئايلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ بولۇپ ئادەم بولىدۇ. بىئولوگىيە ئىلمىدا بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ساناپ تۈگەتكۈسىز، بارلىق جەريان گويا بىر مۆجىزە. بۇنداق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇرەككەپ ھادىسە بىر ئاددىي باشلىنىشتىن قانداق ھاسىل بولىدۇ؟ قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر تال چىكىتتىنمۇ كىچىك بولغان ھۈجەيرە قانداق قىلىپ ئاڭ سېزىمى بار بولغان ھاياتلىق ھاسىل قىلالايدۇ؟ نۇرغۇن جەريان تا ھازىرغىچە ئاجايىپ بىر سىر.» 33


يۇقارقىلاردىن باشقا ئالەمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدىغان ئالىملار:

بويل (Robert Boyle)
ھازىرقى زامان خىمىيە ئاتىسى؛

پېتىيIona William Pettyئۇ سىتاستىكا ۋە ھازىرقى زامان ئىقتىساد ئىلمىنى تەتقىق قىلىپ داڭق قازانغان؛


فارادىيMichael Faradayتارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ بىرى؛


مېندىلGregory Mendelئىرسىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاتىسى، ئۇنىڭ ئىرسىيەتشۇناسلىق ئىلمىدىكى خىلمۇ-خىل بايقاشلىرى دارۋىنىزىمنى نەزەرىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان؛


پاستېرLouis Pasteurباكتىرىيە ئىلمىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخىس؛


دالتونJohn Daltonمولىكۇلا ئۇقۇمىنىڭ ئاساسچىسى؛


پاسكالBlaise Pascalئەڭ ئۇلۇغ ماتىماتىكا ئالىملىرىنىڭ بىرى؛


رېيJohn Rayئەنگىلىيە تەبىئەت پەنلىرى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخىس؛


ستىنوNicolaus Stenoمەشھۇر گىئولوگ؛


لىنېيسCarolus Linnaeusبىئولوگىيە تۈرگە ئايرىش ئىلمىنىڭ ئاتىسى؛


جۈۋىيېرGeorges Cuvierسېلىشتۇرما ئاناتومىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى؛

ماۋرىيMatthew Mauryدېڭىزچىلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى؛


ئاندېرسون)  Thomas Anderson (ئورگانىك خىمىيە ئىلمىنىڭ تۇنجى باشلامچىسى؛


 

4. ئاخىرقى سۆز

شەك- شۈبھىسىزكى، ئادەمنىڭ يارىتىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ ياراتقان ئىگىسىنى تونۇش ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. بىز بۇ كىتابچە ئارقىلىق كىشلەرگە بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلىنى تونۇتۇشقا تىرىشتۇق.

ئوقۇرمەنلەرگە مۇنداق بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى: بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى، كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى  ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇنچىۋۇلا كۆپ بىلىم بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. زىھنى ۋە ئەقلىنى ئىشلىتىپ پىكىر يۈرگۈزىدىغانلا بولسا، ھەتتا بىر كىچىك بالىمۇ ئۆزىنىڭ يارىتىلغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ئىبراھىم ئەلەيھسالامنىڭ سۆزلىرى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھسالام ئىلگىرى ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، بەلكى بۇتلارغا، توتىملارغا چوقۇنىدىغان جەمئىيەتتە ياشىغان.گەرچە ھىچكىم ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر بىلىملەرنى ئۆگەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ زېھنى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ يارىتىلغۇچى مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ــــــ تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئېيتقاندا، ئاسمان-زىمىننىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

ئبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى. ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە):«بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر»دېدى.ئاي پېتىپ كېتىۋدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن»دېدى. ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ(يۇقارىقى ئۇسۇل بويىچە):« بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر»دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى:«ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا- جۇدامەن. مەن ھەقىقەتەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مۇشىرىكلاردىن ئەمەسمەن».
 (سۈرە ئەنئام 76~79- ئايەتلەر)

يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەن ئىبراھىم ئەلەيھسالامنىڭ مىسالىغا ئوخشاش، ھەرقانداق بىر ئۆتكۈر ئەقىلگە ئىگە بولغان ھەمدە قەبىھ قىلمىشلارنى رەت قىلالىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى كائىناتنىڭ يارىتىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ناھايىتى مۇكەممەل تەرتىپ ۋە پىلان بىلەن يارىتىلغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ.

ئاللاھنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ۋە بۇ روشەن مۇجىزىلەرگە ئىتىبارسىز قارىغان كىشلەر ئۆتكۈر پىكىرلىك، ئەقىللىق كىشلەرنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىتىقادىغا چوقۇم ھەيران قېلىشىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر (بىرەر نەرسىدىن) ئەجەبلىندىغان بولساڭ ئۇلارنىڭ (يەنى كۇففارلارنىڭ): «بىز (ئۆلۈپ) توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟­»دېگەن سۆزى ئەجەپلىنىشكە لايىقتۇر. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، (قىيامەت كۈنى) ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىندۇ، ئەنە شۇلار دەۋزەخ ئەھلى بولۇپ، دەۋزەختە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
(سۈرە رەئد 5- ئايەت)

بۇ كىتابچىدا بايان قىلىنغان ئىشلار ھاياتىڭدىكى ھەرقانداق بىر ئىشتىن مۇھىم.ئېھتىمال سەن ھازىرغىچە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ باقمىغانسەن، ياكى بۇنىڭدىن بۇرۇن ھەتتا بۇلارنى ئويلاپمۇ باقمىغانسەن. بىراق، شۇنىسى ئىشىنىشىڭ كېرەككى، سېنى ياراتقان ئاللاھنى تونۇشۇڭ سەن قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشتىنمۇ مۇھىم ۋە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغانلىرىنى ئويلاپ باققىن: ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇششاق نەرسىلەرنىمۇ سېنىڭ مۇشۇ نەپىس لايىھىلەنگەن دۇنيادا خاتىرجەم ياشىيالىشىڭ ئۈچۈن ياراتتى.بۇ جەريانىدا، سەن ھىچقانداق ئىشقا قول تىقمىدىڭ.بىر كۈنى ئىككى كۆزۈڭنى شۇنداق ئېچىپلا، ئۆزۈڭنىڭ چەكسىز رەھمەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىڭنى بايقايسەن. سەن كۆرەلەيسەن، ئاڭلىيالايسەن، سېزەلەيسەن......

 چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ مەقسەتلىك ھالدا شۇنداق ياراتقان. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: اﷲ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، اﷲ سىلەرگە شۈكرى قىلسۇن دەپ قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلىدى.
(سۈرە نەمل 78- ئايەت)

يۇقارقى ئايەتتە دېيىلگىنىدەك، سەن ئىگە بولغان بارلىق نەرسىلەر ئاللاھ تەرەپتىىن كەلگەن. ئۇ سەن ياشاۋاتقان كائىناتنى ياراتتى. شۇڭا، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن بىلەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغىن، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نىئمەتلىرىگە لايىقىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئېرىشكىن! ئەگەر سېنىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، ئۇنداقتا سەن بىر گۇناھكارغا ئايلىنىسەن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە مەڭگۈلۈك دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىسەن.

ئىشەنگىنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەۋجۇتتۇر، ئۇ سېنىڭ يېنىڭدىلا! ئۇ سېنىڭ ھەر بىر ئىشىڭنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدۇ، ھەر بىر سۆزۈڭنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ!

 ئىشەنگىنكى، ھەر قانداق بىر ئادەم (سەنمۇ بار) ناھايىتى تېزلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ!


پەرىشتىلەر: « سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى. (سۈرە بەقەرە 32- ئايەت)


 

25.    Michael Baigent, Richard Leigh, Henry Lincoln, The Messianic Legacy, Gorgi Books, London:1991, p.177–178
26.    D.M.S. Watson, “Adaptation”, Nature, No.124, p.233
27.    Richard Lewontin, “billions and Billions of Demons”, New York Review of Books, January 9,1997, p.28
28.    Max Planck, Where Is Science Going?, Allen & Unwin, 1993, p.214
29.    David Darling, Deep Time, Bantam Press, 1989
30.    Newton, Principia, 2nd edition; J. De Vries, Essentials of Physical Science , B. Eerdmans Pub. Co., Grand Rapids, SD, 1985, P.15
31.    Henry M. Morris, Men of Science Men of God, Master Books, 1992, p.13
32.    Henry M. Morris, Men of Science Men of God, Master Books, 1992, p.66
33.    Robert Matthews, Unraveling The Mind of God, p.8
  
   

بۇنى تەرجىمە قىلىشقا ياردەم قىلغان قېرىنداشلىرىمغا چىن دىلىمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن!
 بۇ خەتنىڭ ئۈستىگە چەكسىڭىز كىتابچىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تاپالايسىز!
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-08-08 14:04قايتا تەھرىرلىد ]
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 820
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە820دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9561 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-05-01

بۇ نېمە ئىشتۇ؟ ئەزالىق نامىمدىن چىكىنىپ چىقىپ، ئاندىن بۇ تېمىنى ئاچسام، ئاستىدىكى مەزمۇنلار قىزىل كۆرۈنىۋاتىدۇ. ئەزالىق نامىم بىلەن كىرسەم، ماقالە باشتىن ئاخىرى نورمال قارا كۆرۈنىدۇ.   قايتا تەھرىرلەپ باقسام بولامدىغاندۇ؟
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-01 23:39

ئۇلار بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىنى كۆرگەن چاغدا، ئاۋۋال بۇ رەسىمنى سىزغان رەسسامنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ.ئارقىدىن، بۇ بەدىئىي ئەسەرنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ، ئەمما، مۇنداق بىر ئىشقا دىققەت قىلمايدۇ: بۇ رەسسام تەقلىد قىلىپ سىزغان ھەقىقىي تەبىئەت دۇنياسى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىلا. ئۇلار مۇشۇ ھەقىقىي گۈزەللىكلەرنىڭ ئىگىسى بولغان  ئاللاھقا دىققەت نەزەرىنى قاراتمىدى.ئەمەلىيەتتە، ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش – تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئارىمىزدىكى ھەر قانداق بىر كىشى ھەتتا بوسۇغىسىدىن تالاغا ئاتلىمىسىمۇ، ئۆي ئىچىدىكى ساناقسىز پاكىتلار ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھىس قىلىشىغا يېتىپ ئاشىدۇ.


ماۋۇ قۇردا ناھايتى ئاددى ئەمما يۇرەككە ئورنىتىۋالغۇدەك ئىسىل روشەن سىلىشتۇرما  ئوتتۇرغا قويۇلۇپتو ،،،، دىمىسىمۇ ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاس دىگەن سوزنىڭ مەنىسىنى مۇشۇ سىلىشتۇرمىدا بىلىۋالالايمىز ،،، تىمىڭىزغا رەھمەت
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2274
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 452
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە452دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2485 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-02 01:15

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن   مۇشۇ تېمىنى چۈشىنىدىغانلار زادى قانچىلىك ؟ئۇيغۇرى،تەجەللى ،تەۋپىق،داموللا ھاجىلارنىڭ 100يىل بۇرۇنقى مائارىپ چوقانى قەلبىمىزنى ئىللىتالىغان  بولسا بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قايتۇرالايدىغانلار ھازىرقىدىن چوقۇم  كۆپ  بولىتى.................
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1471
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1471دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 16654 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-02 09:36

نادىر تىما  ، ئىسىل تىما...ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىىشىم..
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5778
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-21
ئاخىرقى: 2012-02-19
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-02 10:21

ېسىل تىما
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 255
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە255دانە
ئۆسۈش: 1000 %
مۇنبەر پۇلى: 3565 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2012-05-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-02 11:14

ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلسۇن مۇشۇنداق ئىسىل تېما يوللىغىنىڭىزغا
قوزام
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1479
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1479دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 8515 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-06
ئاخىرقى: 2012-05-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-02 12:02

  بىلگۇلۇۋچى يوشۇرۇنغان مەزمۇننىمۇ كۆرىۋىتەي ...........
ئۆتمەنامەرت كۆرىكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ ،
يىمەنامەرت ئاشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4131
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 165
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 1123 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-01
ئاخىرقى: 2012-04-30
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-02 12:11

تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىزقېرىندىشىم.
مۇنبەردىن مۇشۇنداق ئىسىل تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن
ئامىن...
[ بۇ يازمىنىtakwa656 2011-06-02 12:43قايتا تەھرىرلىد ]
سىز يۇرەك توختاپ كىتىشتىن ئىلگىرى تەۋبىگە ئالدىراڭ!.
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1147
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1147دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-02 13:48

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن:
              ساقلىۋالاي ھە مەن.  
  
يەنەيۇقاپ كىتەرمۇيا ساقلىغۇچتىن
ئەتە ئۈلۈم!